ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباسنىڭ ئۆز شەخسىي قىسمىتى ھەمدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان «سۇنماس: بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى» ناملىق ئەسلىمە كىتابى 10-ئىيۇن كۈنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن خەلقئارادا كۈرەش قىلىۋاتقان تونۇلغان زاتلاردىن بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئوپتىمۇم خەلقئارا نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب، ئۆزىنىڭ شەخسىي تەجرىبىلىرىگە گۇۋاھنامە بولۇش بىلەن تەڭ پۈتۈن دۆلەتلەر ۋە پۇقرالىرىنى ھەرىكەتكە چاقىرىدىغان سىياسىي خىتابنامە سۈپىتىدە يېزىلغان.
روشەن ئابباس خانىم نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان كىتابى ھەققىدە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت خاتېرىسى ئىنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان. تۆۋەندىكىسى بۇ سۆھبەتتىن بىر ئۈزۈندە.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: سىز تەكىتلىگەن مۇھىم تېمىلاردىن بىرى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش. خىتاينىڭ ئۆز چېگرىسىدىن ھالقىپ، سىزنىڭ ئۈنىڭىزنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى قانداق ھېس قىلدىڭىز؟
روشەن ئابباس: مەن ئىزچىل تۈردە قورقۇتۇش، ھۇجۇم، ئۆلۈم تەھدىتى ۋە توردىكى قارىلاشلارغا ئۇچراپ كەلدىم. لېكىن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر مىسالى ھەدەمنىڭ ئەھۋالى. ھەدەم دوكتور گۈلشەن ئابباس پېنسىيەگە چىققان دوختۇر ئىدى. مەن ئامېرىكا گىراژدانى بولۇپ، بۇ يەردە ئەركىن سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆچ ئېلىپ ھەدەمنى يالغان جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلىدى. مەن 36 يىلدىن بېرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ھەدەمنى تۈرمىدە تۇتۇپ، مېنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. شۇڭا، خىتاينىڭ مېنى تىندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى ئىچىدە ئەڭ ئازابلىق مىسال مانا شۇ. ئەمما ئۇلار ناھايىتى زور خاتالىق ئۆتكۈزدى. ئۇلارنىڭ سىڭلىمنى داۋاملىق گۆرۆگە ئېلىپ تۇرۇشى ماڭا تېخىمۇ قەتئىي كۈرەش قىلىش ئۈچۈن كۈچ بېرىپلا قالماي، بەلكى خەلقئارالىق سەھنە ۋە يىغىنلاردا سۆزلەش پۇرسىتى بەردى. چۈنكى مەن توقۇلما ئەيىب بىلەن تۈرمىدە ياتقان بىرىنىڭ سىڭلىسى. شۇڭلاشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھىيلىسى نەتىجە بەرمەستىن، ئەكسىچە ماڭا تېخىمۇ كۆپ سۆزلەش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى.
«سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ھەققىدە نەشرىياتنىڭ بايانلىرى
«سۇنماس: بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋېتى بىلەن، نەشرىيات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرقىسىم بېغىشلىمىلار:
«بۇ كىتاب ئىرقىي قىرغىنچىلىق، چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش، نازارەت، مۇستەبىتلىك ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ كېلىچىكى ئۈچۈن پۈتۈن يەرشارىغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش چاقىرىقىدۇر!»
«<سۇنماس: بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى> بولسا رۇشەن ئابباسنىڭ جىددىي ۋە تەسىرلىك ئەسلىمىسىدۇر. رۇشەن ئابباس ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئاۋازلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇ ئىككى قېتىملىق نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە رەئىسى. مەزكۇر كىتاب Optimum Publishing International نەشرىياتى تەرىپىدىن 2025-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا ۋە كانادادا تارقىتىلىدۇ.»
«كىتابتا رۇشەن ئابباسنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى بىلەن جىددىي سىياسىي ھاياتى بىر گەۋدىگە ئايلانغان ھالدا، خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى، نازارەت سىستېمىسى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، قۇللۇق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن. ئۇ يەنە ئاتىسىنىڭ تېخى نەشىر قىلىنمىغان ئەسلىمىسىنى ئورتاقلىشىپ، ماۋ زېدوڭنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىن يورۇتۇپ بەرگەن.»
2025-يىلى 29-ئاپرىل