ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئوسى (NPR) نىڭ 2-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىشنى ئۈزگەندىن كېيىن، «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» خىزمەتچىلەرگە داۋاملىق مائاش بېرەلمەيدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، تەخمىنەن %90 خىزمەتچىلىرىنى ئىشتىن بوشاتتى ۋە نۇرغۇن تىل مۇلازىمەت پروگراملىرىنى رەسمىي تاقىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بەي فاڭ باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق. «بىز ئەمدى [ئامېرىكا يەرشارى ئاخبارات ئاگېنتلىقى] غا تايىنىپ مەبلەغنى پارلامېنتنىڭ ئويلىغىنىدەك تارقىتالمايدىغان بولدۇق، شۇڭا كەڭ كۆلەمدە خادىملارنى قىسقارتىشنى ۋە كېلەر ھەپتە ئىچىدە بارلىق تىل مۇلازىمەت پروگرامىلارنى توختىتىشىمىز لازىم».
بۇ يىل مارتتا، پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغان «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ۋە باشقا رادىئو تارقاتقۇچىلارغا مەبلەغ تارقىتىدىغان فېدېرال ئورگىنى «ئامېرىكا يەرشارى ئاخبارات ئاگېنتلىقى» (USAGM) غا «زۆرۈر بولمىغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى ئازايتىش» ئۈچۈن، تىجارىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە بۇيرۇغان.
1996-يىلدىن باشلاپ، «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» بېرما، كامبودژا ۋە ماندارىن قاتارلىق تىللاردا ھەپتىدە 60 مىليون ئەتىراپىدىكى ئاڭلىغۇچىلارغا خەۋەر ئاڭلىتىپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغان «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ۋە باشقا رادىئو تارقاتقۇلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلۇپ، ئامېرىكا مۇستەبىت جەمئىيەت دەپ قارىغان جايلاردا ياشايدىغان ئاڭلىغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە، دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغان.
بۇ رادىئونىڭ ئۇيغۇر تىلى مۇلازىمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مەمەتجان جۈمە ن.پ.ر (NPR) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇر تىلى مۇلازىمىتىنىڭ پەقەت بىرلا خىزمەتچىسى قالدى» (ئەسلىدە بەلكىم 25 ئەتىراپىدا خىتمەتچىسى بار ئىدى).
جۈمە كۈنى بەي فاڭ ن.پ.ر مۇخبىرىغا : «بۇ خىزمەت مەن ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلىرىنى ئىنتايىن پەخىرلەندۈرىدۇ. شۇڭا، بۈگۈن بەلكىم كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن بىر كۈن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
4-ئايدا، ۋاشىنگتوندىكى بىر فېدېرال سوتچى مەمۇرىي ئورگانغا «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» بىلەن «ئوتتۇرا شەرق تارقىتىش تورى» (MBN) نىڭ مەبلىغى ۋە خىزمەتچىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بۇيرۇغان بولۇپ، ئاقساراينىڭ رادىئو تارقاتقۇچىلارنى توختىتىش بۇيرۇقىنى «ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئوتتۇرىغا» دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق بۇ ھەپتە، ۋاشىڭتون نارازىلىق ئەرزى سوتى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى قانونلۇق دەپ قارار قىلىپ، RFA ۋە MBN ھەققىدىكى سوتنىڭ بۇرۇقىنى ئىناۋاتسىز قىلدى. جۈمە كۈنى، «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» مائاشسىز قالغان نۇرغۇن خىزمەتچىلىرىنى رەسمىي ئىشتىن بوشاتتى. «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى»دىكى بەي فاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئاز ساندىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەرلا ساخلىنىپ قاپتۇ.
جۈمە كۈنىدىكى يەنە بىر خەۋەردە، دونالد ترامپ ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، ن.پ.ر (NPR) ۋە پ.ب.س (PBS) نىڭ فېدېرال مەبلىغىنى توختىتىۋەتتى. ن.پ.ر يۇقۇرى سوتقا ئەرزى سۈنۈپ ترامپنىڭ بۇيرۇقىنى بىكار قىلغۇزماقچى بولىۋاتىدۇ.