ئۈرۈمچىدە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار يىغىنلار ئۆتكۈزۈلگەن

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى، 2025-يىللىق خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات - قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار يىغىنلارنى ئۆتكۈزگەن.
 
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 12-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىملىق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىنغا خىتاي مائارىپ مىنىستىرى خۇاي جىنپېڭ ۋە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى ما شىڭرۇي قاتناشقان بولۇپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى ۋە نۇرغۇن مەسئۇللار ئىشتىراك قىلغان. 
 
بۇ يىغىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تاشقى سىياسىتى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن «تەقدىرداشلىق جامائىتى» قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتمەكچى بولغان. يىغىندا «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنى مېخانىزمى خىزمەت نىزامنامىسى» ۋە «تۇنجى قېتىملىق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنى ئۈرۈمچى باياناتى» قوبۇل قىلىنغان.
 
يىغىندا ما شىڭرۈي خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلغانلىقىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مېخانىزمى رامكىسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. يىغىندا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. شۇنداقلا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئالىي تەتقىقات ئورنى» قۇرۇلۇشى باشلىتىلغان.

1-1-20250513170412473

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۇزۇندىن بىرى، بۇ خىلدىكى يىغىنلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپ سىياسىتىگە ھېچقانداق ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپنى قاتتىق چەكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، باشقا دۆلەتلەر بىلەن مائارىپ ساھەسىدە ھەمكارلاشمەكچى بولۇشى قارا كۈلكىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات باھانىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل يىغىنلار، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى خەلقئارالىق سەھنىدە ئاقلاش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە.
 
ئۇندىن باشقا 13-ماي ئۈرۈمچىدە 9-نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئىران، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان. يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىك رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقى ۋە خىتاي-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دوكتورلۇق تەربىيەلەش، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. شۇنداقلا 10-قېتىملىق يىغىننىڭ بېلارۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

2025-يىلى 16-ماري