ئۆزداغ ھۆكۈمەتتىن «شەرقىي تۈركىستان» پائالىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىستــان تايمىس- ئىستانبۇل

تۈركىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، «قىرىمدىن سۇدانغىچە، غەززەدىن شەرقىي تۈركىستانغىچە: كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان بىر مۇھاكىمە يىغىنىنى، «خىتاي بىلەن كىرىزىس چىقىپ قېلىشىنى خالىمايمىز» دېگەن باھانە بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر، ئەنقەرە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇ ۋەقەگە قارىتا، مۇغلا ۋىلايىتى پارلامېنت ئەزاسى، «يېڭى يول» پارتىيەسنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى دوتسېنت دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس مۇئاۋىنى جەۋدەت يىلمازنىڭ يازما جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسلىكىگە 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي سوئال مەكتۇپى سۇندى.

تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «ئىنسانىي ياردەم كۇلۇبى» ۋە «ياش ئى ھ ھ» (IHH ياشلار تەشكىلاتى) بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان بۇ مۇھىم پائالىيەت، ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك باھانىلەر بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرىنىڭ، پائالىيەت كۈنتەرتىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان»غا ئالاقىدار مەزمۇننى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، كۇلۇب مەسئۇللىرى بۇ تەلەپنى قەتئىي رەت قىلغاندىن كېيىن، پائالىيەتنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنى جۇمھۇر رەئىسىنىڭ (@tcbestepe) مۇئاۋىنى، ھۆرمەتلىك جەۋدەت يىلماز ئەپەندىدىن (@_cevdetyilmaz) سورىدىم. بۇ مۇقەددەس تۇپراقلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ، غەززەنىڭمۇ، قىرىمنىڭمۇ، سۇداننىڭمۇ دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملىرى سۆزلىنىدۇ ۋە چوقۇم سۆزلىنىشى شەرت! كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمي قىممەت قاراشتۇر ۋە بىز ئۇنىڭدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز، ئۇ ھېچقانداق سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن بوغۇۋېتىلمەسلىكى كېرەك.»

دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ، جۇمھۇر رەئىس مۇئاۋىنى جەۋدەت يىلمازغا قاراتقان رەسمىي سوئال مەكتۇپىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى:

1. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھەقىقەتەنمۇ بۇ پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنى چىقارغانمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇنىڭ كونكرېت ئاساسى ۋە سەۋەبى نېمە؟

2. خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىنكاسىدىن ئەيمىنىپ، تۈركىيەدە ئىلىم-پەن ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىلىم-پەن ئەركىنلىكى پىرىنسىپلىرىغا ئاشكارا خىلاپلىق ئەمەسمۇ؟

3. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدە سۆز ئېچىلىشىنى توسۇش، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەزلۇم مىللەتلەرنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش سىياسىتىگە قانچىلىك ئۇيغۇن كېلىدۇ؟

4. ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدە، ئەركىن-ئازادە ۋە قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشنى پىلانلايدۇ؟

بۇ ۋەقە، تۈركىيە جەمئىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۈچلۈك ھېسداشلىق ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان سىياسىي بېسىمى ھەققىدىكى چوڭقۇر ئەندىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئايلاندۇردى.

كۆزەتكۈچىلەر، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ.

Image