تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغان جاسۇسلۇق تورى پاش قىلىندى

تۈركىستان تايمىس – ئىستانبۇل، 20-ماي: تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) تۈركىيە زېمىنىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتايغا چېتىشلىق بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق جاسۇسلۇق تورىنى پاش قىلدى. بۇ تورنىڭ ئاساسلىقى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيە دۆلەت خادىملىرىنىڭ شەخسىي ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن توپلىغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا 7 گۇماندار قولغا ئېلىنىپ، سوتنىڭ قارارى بىلەن تۈرمىگە قامالدى.

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ كەڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى خىتايدىن كەلگەن دەپ قارالغان 7 نەپەر گۇماندارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق مەزكۇر جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى پاش قىلغان. بۇ تورنىڭ ئىستانبۇل، ئىزمىر، مانىسا، بالىكەسىر ۋە بۇرسا قاتارلىق بەش چوڭ شەھەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلانغان. ئۇلار «ساختا بازا ئىستانسىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، نىشان قىلىنغان شەخسلەرنىڭ ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى، تېلېفون سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ۋە يانفون ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، بىۋاسىتە ھالدا خىتايدىكى ئىستىخبارات مەركىزىگە يوللىغان.

CNN TÜRK نىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، «ساختا بازا ئىستانسىسى» تېخنىكىسى يانفوننىڭ ئەڭ يېقىن ياكى ئەڭ كۈچلۈك سىگنال تارقىتىدىغان بازا ئىستانسىسىغا ئۇلىنىش پىرىنسىپىدىن پايدىلانغان. جاسۇسلار بۇ ئۈسكۈنىنى ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغان كىشىنىڭ 50 مېتىر دائىرىسىگە يېقىنلاشتۇرغاندا، يانفون ئاپتوماتىك ھالدا بۇ ساختا بازا ئىستانسىسىغا ئۇلىنىشقا مەجبۇر بولىدىكەن ۋە شۇ ئارقىلىق بارلىق ئۇچۇرلار جاسۇسلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتىدىكەن. بۇ خىل تېخنىكا ئادەتتە دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن سوتنىڭ قارارى بىلەن قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلغا ئىنتايىن ئوخشاش بولۇپ، بۇ جاسۇسلۇق تورىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈركىيەگە قانداق ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارمۇ ئاشكارىلاندى. بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى بىر پۈتۈن ھالەتتە تاموژنا ئېغىزدىن ئۆتكۈزۈش ئاسان بولمىغاچقا، جاسۇسلار ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم توشۇغۇچىلار ئارقىلىق تەكشۈرۈشتىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تۈركىيە تەۋەلىكىگە ئېلىپ كىرىپ، تۈركىيەدە توپلاپ قۇراشتۇرۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە، 7 گۇماندار جاسۇسلۇق پائالىيىتى جەريانىدا جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرۈلگەن. تۇتۇلغانلارنىڭ بەزىلىرى دەسلەپتە ئۆزئارا تونۇشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كېيىنكى تەكشۈرۈشلەر ئۇلارنىڭ زىچ باغلىنىشلىق بىر تور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. گۇماندارلارنىڭ بىرىنىڭ تۇتۇلغان ئورۇندا ئېلان فىلىمى سۈرەتكە ئالماقچى بولغانلىقىنى باھانە قىلغانلىقىمۇ خەۋەر قىلىندى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، قولغا ئېلىنغان بارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىتايدا ياسالغان ۋە پىروگراممىلانغانلىقى دەلىللەندى. گۇماندارلارنىڭ قانۇنسىز تىڭشاش ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمۇ ئېنىقلاندى. بۇ 7 گۇماندار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى.

بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ تۈركىيەدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىياسپورىسىغا قارىتىلغان ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەرىكەتلەردە يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى بىر قېتىم يەنە كۆرسىتىپ بەردى.