شىكايەتنى تاشلاپ ھېكايەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى

ئاپتورى: د. ئادىلجان ئەرئۇيغۇر

مۇھەررىرى: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

بىز ھەممىمىز بىر نەرسىلەردىن شىكايەت قىلىمىز. ئەلۋەتتە، ئاللاھتىن شىكايەت قىلىش ھاشا مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ھەر نەرسىدە بولغىنىدەك، شىكايەتتىمۇ ئورنىنى ۋە مىقدارىنى بىلىش كېرەك. جەمئىيىتىمىزدە شىكايەت شۇنچىلىك ئومۇملاشقانكى، ئۇ كۈندىلىك بىر ئادەت، بىر ئەنئەنىگە ئايلانغان. ھەتتا بىز شىكايەت قىلمايدىغانلارنى غەلىتە ھېس قىلىمىز. دەردلەردىن، قىيىنچىلىقلاردىن ۋە مەسىلىلەردىن ئېغىز ئېچىش  باشقا بىر ئىش بولسا،  شىكايەت قىلىش باشقا بىر نەرسە. شىكايەت، بەندىگە بېكىتىۋېتىلگەن بىر ھالەت ياكى خاراكتېر ئەمەس، فىقھى كىتابلىرىدىمۇ «بۇنچىلىك شىكايەت قىلىنىدۇ» دەيدىغان بىر ئۆلچەم يوق. شىكايەت ئاسانچىلىققا قاچىدىغان بىر قىلمىش ياكى خاھىشتۇر. شىكايەت قىلغاندا: «مەسىلە مەندە ئەمەس، سىرتتا. ھەممە ئادەم ئەيىبلىك، مەن ئەمەس. مەسىلىلەر ماڭا تەسىر قىلىۋاتىدۇ، ئەمما باشقا بىرسى كېلىپ ھەل قىلسۇن»، دېگەندەك پاسسىپ پوزىتسىيە مەۋجۇت.

شىكايەت، بىر ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلاندى. شەخسلەر ئائىلىدىن خىزمەت ھاياتىغىچە، قاتناشتىن سىياسەتكىچە ھەر ساھەدىن شىكايەت قىلىدۇ. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن تۈركلەر، تۈرك جەمئىيىتى، تۈرك مائارىپ سىستېمىسى، تۈرك سەھىيە سىستېمىسى ۋە باشقا سىستېمىلاردىن شىكايەت قىلىدىغانلارنى ئۇچرىتىمىز، ھەتتا تۈركلەرنىڭ دىنى چۈشەنچىسى ۋە ئىبادەت شەكىللىرىدىن شىكايەت قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ھەممىدىن غەلىتە يېرى شۇكى، دەۋا قىلىدىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەردىن شىكايەت قىلىدىغان ئىش ئومۇملاشقان. ئەلۋەتتە تەشكىلات ۋە تەشكىلات ئەزالىرىدىكى مەسىلىلەر ۋە كەمچىلىكلەر ھەممىمىزگە ئايان. قىزىق يېرى، بىزدە تەشكىلاتلاردىن ۋە شەخسلەردىن شىكايەت قىلىش ئۆزىمىزنى بۇلاردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلىپ  «باشقىلارنى ئەيىبلەش» تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شىكايەت قىلمايدىغانلار بولسا، گۇرۇپپا نورمىلىرىغا ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن غەلىتە ھېس قىلىنىدۇ. پىسخولوگىيەلىك نۇقتىدىن، شىكايەت، شەخسنىڭ مەلۇم ئىشقا بولغان كونتروللۇقنى يوقاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا مۇراجىئەت قىلىدىغان بىر مۇداپىئە مېخانىزمىدۇر.

دەردلىرىنى سۆزلەش، ھەل قىلىش ئاساسىدىكى بىر ئورتاقلىشىش ۋە ھېسداشلىق ئىزدەشتۇر، شىكايەت بولسا مەسىلىلەرنى باشقىلارغا يۈكلەپ شەخسنى پاسسىپلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن: مائارىپ سىستېمىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن شىكايەت قىلىش ئورنىغا، بىر ئاتا-ئانىنىڭ «بالامغا ئۆيدە تارىخ ياكى ماتېماتىكا ئۆگىتەلەيمەن» دېيىشى دەردىنى سۆزلەشتۇر. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ۋە تەشكىلات ئەزالىرىدىن شىكايەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، «مەنمۇ شۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى، قولۇمدىن كېلىدىغىنى بۇ، مەنمۇ بىر ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك» دېيىش دەل دەردلەرنى سۆزلەش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شىكايەت، «مەسىلە مەندە ئەمەس، سىرتتا» دېگەن ئوي بىلەن شەخسنى مەسئۇلىيەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن مەسىلىدىن ۋە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش قىلمىشى شەخسنىڭ ئۆزىنى كۈچلۈك ھېس قىلىشىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. دىنىي نۇقتىدىن، ئىسلامدا «ئىنساننىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى» تەكىتلىنىدۇ، شىكايەت بولسا دەل بۇ تىرىشچانلىقنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

پەلسەپىۋى جەھەتتىن ئىنسان، ھەرىكەت ۋە پائالىيەت بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مەخلۇقتۇر، ئۇ پاسسىپ ۋە ھەرىكەتسىز تۇرالمايدۇ. پەلسەپىۋى ئانتروپولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىنسان، داۋاملىق ئېقىم ئىچىدە بولۇپ، ھاياتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللىرىغا ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇردۇر. شىكايەت قىلىش ئىنساندا بەزىدە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشتىن بەكرەك ئەھۋالنى قوبۇل قىلىش ياكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. شىكايەت قىلىش پاسسىپ ئىنسانغا خاس خۇسۇسىيەت بولۇپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشتىن قاچىدىغان، مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار بىلەن يۈزلىشىشتىن يىراق تۇرىدىغان، ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن نارازىلىق كۆرسىتىدىغان كىشىدۇر. شۇڭلاشقا، شىكايەت قىلىشنى بەزىدە پاسسىپلىقنىڭ بىر ئالامىتى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى كىشى ئاكتىپ ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشنىڭ ئورنىغا ئەھۋالنى سىرتقا ئىپادىلەش يولىنى تاللايدۇ.

پسىخولوگىيەلىك جەھەتتىن داۋاملىق شىكايەت قىلىش ھەرىكىتى ئادەتتە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ۋە چارىسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شىكايەت قىلغۇچى كىشى، ئۆز ھاياتىدىكى سەلبىي ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش ئورنىغا، تاشقى ئامىللارنى ئەيىبلەپ پاسسىپ پوزىتسىيە كۆرسىتىشى مۇمكىن. پاسسىپ كىشىلەر بولسا، بىۋاسىتە يۈزلىشىشتىن قاچىدۇ، غەزەپ ۋە نارازىلىقلىرىنى ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن ئىپادىلەيدۇ (پاسسىپ-جېدەلخور شەخسىيەت). بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى قەدرسىز ھېس قىلىشى مۇمكىن، داۋاملىق ئۆزىنىڭ خىيال دۇنياسىدا ياشايدۇ ۋە ھەمكارلىشىشتىن قاچىدۇ. بۇ ئەھۋال، شىكايەت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ پاسسىپ قارشىلىق شەكلى  تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

دىنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، دەرتلىنىش (شىكايەت قىلىش)، توغرا ۋە ئورۇنلۇق قىلىنغاندا ئىنساننىڭ ئاللاھقا تەۋەككۈل ۋە بويسۇنۇشنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما داۋاملىق ۋە بىھۇدە شىكايەت قىلىش، سەۋر ۋە تەۋەككۈلنىڭ زىتى بولۇپ قارىلىدۇ. ئىسلام چۈشەنچىسىدە، شىكايەت پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىشى كېرەك، مەخلۇقاتقا قىلىنغان شىكايەت بولسا سەۋرگە خىلاپ ۋە پاسسىپلىق بولۇپ قارىلىدۇ. شىكايەت قىلىش، ئەگەر ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشتىن بەكرەك ئەھۋالنى قوبۇل قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش شەكلىدە بولسا، بۇ پاسسىپلىق ھالىتى بولۇپ قارىلىدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىمۇ شىكايەت قىلغاندىمۇ ئەدەپ ۋە سەۋر باردۇر، بۇ شىكايەتنىڭ ئاكتىپ سەۋر ۋە تەۋەككۈل ھالىتى بىلەن قىلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

سوتسىيولوگىيەلىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شىكايەت قىلىش، ئىنساننىڭ جەمئىيەت ئىچىدىكى ئورنى ۋە مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ھەرىكەتتۇر. داۋاملىق شىكايەت قىلىدىغان شەخس، ئىجتىمائىي مۇھىتىدا پاسسىپ بىر رول ئېلىشى مۇمكىن، چۈنكى شىكايەت قىلىش، بەزىدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا ئاكتىپ ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشتىن قېچىش سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. شىكايەت، بەزىدە ئىجتىمائىي ئادەت، كۈچلىنىش ياكى توقۇنۇش قورالى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بۇ ھەرىكەت، شەخسنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدە سەلبىيلىكلەرگە ۋە يالغۇزلۇققا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. پاسسىپ شەخسلەر، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېلىشتىن قاچىدۇ، مەسىلىلەرنى باشقىلارغا دۆڭگەيدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدا پاسسىپلىق ۋە شىكايەت ئارىسىدا ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ.

ئۆز ھېكايىسىنى يازىدىغان ئىنسان: مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاكتىپ بەرپا قىلىنىشى

ئۆز ھېكايىسى بىلەن مەۋجۇت بولغان ئىنسان ، ھېكايە سۆزلىگۈچى ۋە ھېكايىلەر بىلەن مەۋجۇت بولغان بىر مەخلۇقتۇر. گېرمان پەيلاسوپى مارتىن ھايدېگېرنىڭ “داسېين” (شۇ-يەردە-مەۋجۇتلۇق) ئۇقۇمى بويىچە، ئىنسان ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى مەنىلەندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان يېگانە مەخلۇقتۇر. بۇ مەنىلەندۈرۈش، كۆپ جەھەتتىن ئۆز ھېكايىمىزنى بەرپا قىلىش، «يېزىش» جەريانىدۇر.  بۇ يەردىكى ھېكايە يېزىش ئىنساننىڭ بىر ئەسەر ئوتتۇرىغا قويۇشىنى كۆرسىتىدۇ. فرانسۇز پەيلاسوپى پاۋل رىكوئېرنىڭ «بايانىي كىملىك» ئۇقۇمى دەل بۇنى ئىپادىلەيدۇ: ئىنسان، ئۆز ھېكايىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش  ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇيدۇ ۋە تەبىرلەيدۇ. باشقىلارنىڭ يەنى ئۆزگىلەرنىڭ تەبىرلىشىگە يول قويمايدۇ. خىتاي دەل بىزنى تەبىرلەش ۋە كىملىكىمىزنى قايتا شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق بىزنىڭ ھېكايىمىزنى قايتا يېزىۋاتىدۇ. بىز بولساق خىتاينىڭ بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى تەبىرلەپ ھېكايە يېزىشىغا قارشى چىقىپ ئۆز ھېكايىمىزنى ئۆزىمىز يېزىپ چىقىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئەسلىدە خىتاي بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا كۈرەش دەل مۇشۇ يەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. يەنى ھېكايىمىزنى خىتاي ئەمەس بىز ئۆزىمىز يازىمىز.

ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىش ياكى بەرپا قىلىش، پاسسىپ بىر كۆزەتكۈچى بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۆز ھاياتىنىڭ يازغۇچىسى بولۇشنى تاللاشتۇر. ئالبېرت كامۇنىڭ “سىسىفوس ھېكايىسى”دە كۆرسەتكىنىدەك، مەنىسىز بىر دۇنيادىمۇ ئىنسان ئۆز ھېكايىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق مەنە شەكىللەندۈرەلەيدۇ ۋە «ئۆز تېشىنى خۇشاللىق بىلەن دومىلىتالايدۇ».

ئىتالىيىلىك پەيلاسوپ گىئامباتتىستا ۋىكوغا كۆرە، ئىنساننىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى ۋە تارىخىنى ئىدراك قىلىشى بىر ھېكايە بەرپا قىلىش شەكلىدۇر. ۋىكونىڭ 18-ئەسىردە ۋۇجۇدقا چىقارغان “ۋېرۇم فاكتۇم” (ھەقىقەت ئىنشا قىلىشتۇر) پىرىنسىپى، ئىنساننىڭ پەقەت ئۆزى ۋۇجۇدقا چىقارغان نەرسىنى ھەقىقىي بىلەلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن، تارىخىمىزنى ۋە كىملىكىمىزنى شەكىللەندۈرىدىغان ھېكايىلىرىمىز، بىزنى ئەڭ چوڭقۇر ئېنىقلايدىغان ۋە تەبىرلەيدىغان ئامىللاردۇر.

رۇس ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى مىخائىل باختىننىڭ «دىيالوگلۇق» قارىشى، ھېكايە  ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى بىر تەرەپلىمە ئالاقە ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئارا سۆھبەت سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ھەر بىر ھېكايە، ئۆتمۈشتىكى ھېكايىلەرگە بىر جاۋاب ۋە كېلەچەكتىكى ھېكايىلەرگە بىر چاقىرىقتۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئۆز ھېكايىمىزنى بەرپا قىلىش يالغۇز شەخسىي ئىش ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي بىر ھەرىكەتتۇر.

ئۇيغۇر كىملىكى ۋە كوللېكتىپ ھېكايە بەرپا قىلىش

ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ھېكايە بەرپا قىلىش، پەقەت شەخسىي ئىپادىلەش شەكلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كوللېكتىپ مەۋجۇتلۇق ۋە كىملىكنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي تېشىدۇر. بۇ نۇقتىدىن، ھېكايىلەر بىر جەمئىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان مەنە تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈلىدىغان قارشىلىق كۆرسىتىش مېخانىزمى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. خىتاينىڭ سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھېكايىلىرىنى يېزىشى ۋە سۆزلىشى، پەقەت ئۆتمۈشنى خاتىرىلەشلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىنى قۇرۇش دېگەنلىكتۇر. بۇ جەريان، شەخسىي ۋە كوللېكتىپ دەرىجىدە بىر مەۋجۇتلۇق كۈرىشى بولۇپ، سوتسىيولوگىيەلىك، ئانتروپولوگىيەلىك ۋە پەلسەپەۋى ئۇقۇملار بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە بولىدۇ.

فىرانسىيەلىك سوتسىيولوگ مورىس خالبۋاكسنىڭ «كوللېكتىپ خاتىرە» ئۇقۇمى، بىر جەمئىيەتنىڭ كىملىكىنىڭ، ئورتاق ئەسلىمىلەر ۋە بايانلار ئارقىلىق قانداق قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. خالبۋاكسقا كۆرە، شەخسلەرنىڭ خاتىرىسىمۇ ئىجتىمائىي كونتېكستتىن مۇستەقىل ئەمەس. شەخسلەر، تەۋە بولغان جامائەتنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسى ئىچىدە مەنە تاپىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن كوللېكتىپ خاتىرە، تارىخىي داستانلار، خەلق ھېكايىلىرى، مۇزىكا، تۈرلۈك ئەدەبىيات ژانىرلىرىغا تەۋە ئەسەرلەر ۋە ئېغىزچە ئەنئەنىلەر ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتلىرى—مەدەنىيەت سىمۋوللىرىنى چەكلەش، تىلنى چەكلەش، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى،  مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باشقىلار—بۇ كوللېكتىپ خاتىرىنى نىشانغا ئالىدۇ. مەسىلەن: ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مۇزىكىسى مۇقاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ چەكلىنىشى ياكى ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنىڭ چەكلىنىشى، كوللېكتىپ خاتىرىنىڭ توشۇغۇچىلىرىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇنىڭغا قارشى، بىز تارىختا ۋۇجۇدقا چىقارغان بارلىق ئەسەرلىرى، ھازىر خىتاي يوقاتماقچى بولغان بارلىق ئەسەرلەرنى ساقلاپ قېلىش ۋە بىزنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىغان ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارقىلىق بۇ يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. كوللېكتىپ خاتىرە، پەقەت ئارزۇ قىلىنىدىغان بىر ئۆتمۈش تەسەۋۋۇرى ئەمەس، بەلكى قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئۈمىدنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇر. مەسىلەن: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ “ئىز” رومانى، ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە كۈرەش روھىنى داستانىي بىر بايان بىلەن جانلاندۇرغان ھالدا، كوللېكتىپ خاتىرىنى قايتا قۇرىدۇ. ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرى، شەخسىي ھېكايىلەردىن زىيادە، جەمئىيەتنى بىرلەشتۈرىدىغان ئورتاق بىر باياننىڭ بىر قىسمىدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر زامانىۋىلىشىشى ۋە مىللىي ئاڭنى كۈچلەندۈرىدىغان بىر بايان  تەقدىم قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بولسا تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ سۈرگۈندىكى يازمىلىرى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى خاتىرىلەشلا بولماستىن، بەلكى دىئاسپورا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كوللېكتىپ كىملىكىنى قايتا بەلگىلەش تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىزگىلنىڭ “ئۇيغۇر شېئىرلىرى” ناملىق ئانتولوگىيەسى، ھەم شەخسىي ئازابلارنى ھەم جامائەتنىڭ چىداملىقلىقىنى شېئىرىي تىل بىلەن يەتكۈزۈپ، كوللېكتىپ خاتىرىنى جانلىق ساقلايدۇ.

ئىرانلىق ئانتروپولوگ ھامىد نافىسىنىڭ «ئاكسېنتلىق كىنو» (accented cinema) ئۇقۇمى، سۈرگۈندە ياكى دىئاسپورادا ياشاۋاتقان جامائەتلەرنىڭ ئۆز ھېكايىلىرىنى ۋۇجۇقا چىقىرىش ۋە  سۆزلەش جەريانىدا يېتىلدۈرگەن ئېستېتىك ۋە بايان قىلىش شەكىللىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. نافىسىغا كۆرە، بۇ ئەسەرلەر، ئاساسىي ئېقىم كىنونىڭ بىر خىللاشقان بايانلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، «ئاكسېنتلىق» بىر تىل ئىشلىتىدۇ، يەنى، سۈرگۈننىڭ، يۇرتىدىن ئايرىلىشنىڭ ۋە مەدەنىيەت ئارىلاشمىسىنىڭ ئىزلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئەسەرلەر، ھەم كېلىپ چىقىش مەدەنىيىتىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ ھەم يېڭى مۇھىتلاردا قايتا شەكىللىنىدۇ. ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئاكسېنتلىق كىنو، پەقەت كىنو بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەدەبىيات، مۇزىكا، كۆرۈنمە سەنئەتلەر ۋە رەقەملىك مېدىيا قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ.

ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى، ئاكسېنتلىق بايانلار ئارقىلىق ھەم زۇلۇمنى خاتىرىلىمەكتە ھەم مەدەنىيەت داۋاملىشىشىنى كاپالەتلەندۈرمەكتە. مەسىلەن: مۇقەددەس مىجىتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملار، ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسىنىڭ بېسىم ئاستىدىكى ھالىتىنى ۋە بۇ مۇزىكىنىڭ مەدەنىيەت قارشىلىق كۆرسىتىشتىكى رولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مىجىتنىڭ ئەسەرلىرى، پەقەت بىر سەنئەت شەكلىنىلا ئەمەس، بەلكى بىر جامائەتنىڭ روھىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، رەقەملىك سۇپىلاردا ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان قىسقا فىلىملىرى، مۇزىكا ۋىدىيولىرى ۋە كۆرۈنمە سەنئەت ئەسەرلىرى، خىتاينىڭ بايانلىرىغا قارشى بىر قارشىبايان شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئەسەرلەر، نافىسىنىڭ “ئاكسېنتلىق” ئۇقۇمىغا مۇۋاپىق ھالدا، ھەم ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئەسلى ئېلېمېنتلىرىنى ساقلايدۇ ھەم دۇنياۋى كۆرۈرمەنلەر ئاممىسىغا خىتاب قىلىدىغان شەكىلدە زامانىۋى ئېستېتىكلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا، دولان مۇقامى ياكى سەنەم ئۇسسۇللىرى، پەقەت ئېستېتىك ئىپادىلەشلەرلا ئەمەس، بەلكى كوللېكتىپ خاتىرىنىڭ توشۇغۇچىلىرىدۇر. بىراق بۇ سەنئەت شەكىللىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «خەتەرلىك» دەپ قارىلىشى، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى سۈرگۈندە يېڭى ئىپادىلەش شەكىللىرىنى يېتىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىغان. مەسىلەن: ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكار رەھىمە مەھمۇتنىڭ ناخشىلىرى، ھەم ئەنئەنىۋى مېلودىيەلەرنى ئىشلىتىدۇ ھەم سۈرگۈن تەجرىبىسىنىڭ قايغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ، ئاكسېنتلىق كىنو ئۇقۇمىنىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى بىر ئىپادىسىدۇر: يىلتىز بىلەن باغلىنىشىنى ساقلايدىغان، بىراق يېڭى بىر كونتېكستتا قايتا مەنىلەندۈرۈلىدىغان بىر ھېكايە.

گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ مارتىن ھايدېگېرنىڭ “داسېين” (مەۋجۇلۇق ئىچىدە ئۆزىنى ئىپادىلەش) ئۇقۇمى، ئۇيغۇر ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۆلچىمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك بىر نۇقتىئىينەزەر سۇنىدۇ. ھايدېگېرغا كۆرە، ئىنسان، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مەنىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ھېكايىسىنى ئاكتىپ ھالدا قۇرىدىغان بىر مەۋجۇداتتۇر. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، خىتاينىڭ باستۇرغۇچى سىياسەتلىرى ئاستىدا داسېين، پاسسىپ بىر نەرسە بولۇشنى رەت قىلىش ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقلىرىنىڭ ئاپتورى بولۇشنى تاللاش دېگەنلىكتۇر. ھېكايە سۆزلەش، بۇ نۇقتىدىن، پەقەت بىر مەدەنىيەت تەجرىبىسىلا ئەمەس، بەلكى مەۋجۇتلۇق مۇجادىلىسىدۇر.

مەسىلەن: تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ شېئىرلىرى، شەخسىي بىر شائىرنىڭ سىرتىدا، بىر جامائەتنىڭ داسېينىنى تەمسىل قىلىدۇ. ئىزگىلنىڭ “كېچىدە قولغا ئېلىنىشنى كۈتۈش” ناملىق ئەسلىمە كىتابىدا بايان قىلغىنىدەك، ئۇيغۇرلار، ھەر ۋاقىت تۇتقۇن قىلىنىش قورقۇنچى بىلەن ياشىغاندىمۇ، شېئىر، مۇزىكا ۋە ھېكايە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەنىلىرىنى يارىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ، ئالبېرت كامۇنىڭ بىمەنە بىر دۇنيادا مەنە يارىتىش جاسارىتى ئىدىيەسىگە ئوخشايدۇ: ئۇيغۇرلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك بىر بالا-قازاغا دۇچ كەلگەندىمۇ، ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقلىرىنى قايتا قۇرىدۇ.

پسىخولوگ ۋىكتور فرانكل، «لوگوس تېراپىيەسى»دە ئىنسان بەختىنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەنبەسىنىڭ مەنە ئىزدەش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. فرانكل، ناتسىست يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياشىغان تەجرىبىلىرىگە ئاساسلىنىپ، ئەڭ قىيىن شارائىتلاردىمۇ ئىنساننىڭ ئۆز ھېكايىسىنى يازالايدىغانلىقىنى ۋە مەنە قۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان  پاجىئەلىك تەجرىبىلىرى ئالدىدا، ئۆز ھېكايىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى، پسىخولوگىيەلىك بىر قارشىلىق ۋە داۋالاش مېخانىزمىدۇر.

پسىخوئانالىست جاكۇېس لاكاننىڭ «سىمۋوللۇق تەرتىپ» ئۇقۇمى، ئىنساننىڭ تىل ۋە سىمۋوللار بىلەن رېئاللىقنى قۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز سىمۋوللۇق تەرتىپلىرىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى، پەقەت كۈلتۈرەللا ئەمەس، پسىخولوگىيەلىك بىر مەۋجۇتلۇق كۈرىشىدۇر. «دۇتار» چېلىش ئەنئەنىسى، “مەشرەپ» مەدەنىيەت يىغىلىشلىرى ۋە «مۇقام» مۇزىكا سىستېمىسى قاتارلىق مەدەنىيەت تەجرىبىلىرى، پەقەت سەنئەت ئىپادىلىرىلا ئەمەس، بەلكى كوللېكتىپ روھنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئامىللاردۇر.

ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە ئاكتىپ ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت

ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىش، پەقەت بىر قارشىلىق شەكلىلا ئەمەس، بەلكى مەۋجۇتلۇقنى قۇرۇش جەريانىدۇر. بۇ جەريان، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ فرىئېدرىخ نېچشىنىڭ «كۈچ ئىرادىسى» (will to power) ئۇقۇمى ۋە فىرانسىيەلىك مەۋجۇدىيەتچىلىك پەيلاسوپى ژان پول سارترېنىڭ «ھەرىكەت ئىچىدە ماھىيەت شەكىللىنىدۇ» پىكرى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلىنالايدۇ. ھەر ئىككى ئۇقۇم، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە قارشى ئۆز ھېكايىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش جەريانىدا كۆرسەتكەن ئىجادىي ۋە ئاكتىپ رولىنى يورۇتىدۇ. ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسسىپ ھالدا تاڭغان كىملىكلەرنى رەت قىلىشىنى ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مەنىلىك بىر شەكىلدە قۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

نىچشېنىڭ كۈچ ئىرادىسى ئۇقۇمى، ئىنساننىڭ پەقەت ھايات قېلىشقا تىرىشىشلا بىلەن قانائەتلەنمەيدىغانلىقىنى، بەلكى ئۆز بارلىقىنى ۋە دۇنيانى ئاكتىپ ھالدا شەكىللەندۈرۈش ئارزۇسىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كۈچ ئىرادىسى، فىزىكىلىق ياكى باستۇرغۇچى بىر كۈچ ئىزدەشتىن كۆرە، ئىجادىي ۋە ئۆزگەرتكۈچى بىر ئېنېرگىيەدۇر، شەخس ۋە جامائەتنىڭ ئۆز مەنىسىنى يارىتىش تىرىشچانلىقىدۇر. نىچشېغا كۆرە، بۇ ئىرادىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى، ئىنساننىڭ ئۆز ھېكايىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدۇر. چۈنكى ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىش، قالايمىقان ۋە مەنىسىز بىر دۇنيادا شەخسنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مەنىلەندۈرۈشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. بۇ، پاسسىپ بىر قوبۇل قىلغۇچى بولۇشتىن چىقىپ، ھاياتنىڭ ئاكتىپ بىر ئىجادكارى ۋە ئاپتورى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن كۈچ ئىرادىسى، خىتاينىڭ سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە—تىل چەكلىمىلىرى، مەدەنىيەت سىمۋوللىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى—قارشى بىر قارشىلىق سۈپىتىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنى پاسسىپ بىر ئورۇنغا چۈشۈرۈشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ھېكايىلىرىنى ۋۇجۇقا چىقىرىش قابىلىيەتلىرىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ھېكايىلىرىنىڭ، سېنارىيەلىرىنىڭ ۋە ھاياتىنىڭ ئاپتورى ۋە ئىجادكارى بولۇش ھوقۇقىنى قولىدىن تامامەن تارتىۋېلىپ، ئۆزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ، سېنارىيەلىرىنىڭ ۋە ھاياتىنىڭ ئاپتورى ۋە ئىجادكارلىرى بولۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق سىياسەتلەرنى ئىزچىل يولغا قويۇپ كەلمەكتە.  ئەمما بىز ئۇيغۇرلار، ھېكايە  ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارقىلىق بۇ تاڭغان ھالەتنى رەت قىلىشقا ۋە كۈچ ئىرادىمىزنى نامايان قىلىشقا قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز.

نىچشېنىڭ كۆز قارىشىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىشى، پەقەت بىر مۇداپىئە مېخانىزمىلا ئەمەس، بەلكى بىر ئۈستۈنلۈك (Übermensch) ئىزدىنىشىدۇر. نىچشېنىڭ «ئۈستۈن ئىنسان»ى، ئۆز قىممەتلىرىنى يارىتىدىغان ۋە قالايمىقانچىلىققا قارىماي مەنە قۇرىدىغان شەخستۇر. ئۇيغۇرلار، ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ ۋەيران قىلىدىغان ۋە يوقىتىدىغان تەسىرلىرىگە قارشى، ھېكايىلىرى بىلەن ئۆز قىممەتلىرىنى ۋە كىملىكىنى يارىتىدۇ. بۇ، كۈچ ئىرادىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلىدۇر، يەنى، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى بىر ھېكايە سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە بۇ ھېكايىنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتۇر.

سارترېنىڭ مەۋجۇتلۇق پەلسەپىسى، ئىنساننىڭ ماھىيىتىنىڭ ئالدىن بەلگىلەنمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىنى قۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سارترېغا كۆرە، «مەۋجۇتلۇق ماھىيەتتىن بۇرۇن كېلىدۇ»، يەنى ئىنسان، تۇغۇلۇشتىن بىر كىملىككە ئىگە ئەمەس، كىملىكىنى ۋە مەنىسىنى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يارىتىدۇ. بۇ جەريان، ئەركىنلىك ۋە مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى ئىنسان، ئۆز ماھىيىتىنى قۇرۇش جەھەتتە پۈتۈنلەي ئەركىن، لېكىن بۇ ئەركىنلىكنىڭ نەتىجىلىرىدىن مەسئۇلدۇر. سارترېنىڭ «ھەرىكەت ئىچىدە ماھىيەت شەكىللىنىدۇ» پىكرى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن، پەقەت زۇلۇمغا ئۇچرىغان پاسسىپ قۇربانلار سۈپىتىدە ئەمەس، ئاكتىپ ھەرىكەتچىلەر سۈپىتىدە ئۆز ھېكايىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنى مەلۇم بىر ماھىيەت بىلەن—ئىتائەتچان، كىملىكسىز ۋە پاسسىپ مىللەت—قايتا قۇرۇشقا قارىتىلغان. ئەمما ئۇيغۇرلار، سارترېنىڭ پەلسەپىسىگە ئۇيغۇن ھالدا، بۇ تاڭغان ماھىيەتنى رەت قىلىپ، كۈرەشلىرى بىلەن ئۆز كىملىكلىرىنى قۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

دىنىي ۋە مەنىۋى ئۆلچەم

ئىسلام پىكرىدە “خەلىپە” ئۇقۇمى، ئىنساننىڭ يەر يۈزىدە ئىجادكار ۋە مەسئۇلىيەت ئىگىسى بىر مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنسان، پەقەت دۇنيادا ياشايدىغانلا ئەمەس، دۇنيانى قۇرىدىغان ۋە گۈزەللەشتۈرىدىغان بىر مەۋجۇداتتۇر. مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى ئىبن خەلدۇننىڭ «ئۇمران» ئۇقۇمى، مەدەنىيەت قۇرۇشنىڭ ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكىللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

سوپىزمدىكى «ئىنسانىي كامىل» (كامىل ئىنسان) ئۇقۇمى، ئىنساننىڭ پەقەت ئىبادەت قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى دۇنيادا گۈزەللىك ۋە ئادالەت قۇرىدىغان بىر مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەھمەد يەسەۋى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ ئەسەرلىرى، ئىنساننىڭ ئاكتىپ ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى مەنىۋى بىر ئۆلچەم سۈپىتىدە بېكىتىدۇ.

خۇلاسە: ھېكايە ۋۇجۇقا چىقىرىش، ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى نامايەن قىلىشىدۇر

ھېكايە بەرپا قىلىش، پاسسىپ بىر قوبۇل قىلىش ئورنىغا ئاكتىپ بىر مەۋجۇتلۇق تاللىشىدۇر. پەيلاسوپلار، پىسخولوگلار، سوتسىيولوگلار ۋە دىن پەيلاسوپلىرى ھەرخىل ئۇقۇملار بىلەن ئىپادىلىسىمۇ، ئىنساننىڭ ئۆزىنى رېئاللاشتۇرۇشنىڭ، يەنى نامايەن قىلىشىنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەكىللىرىدىن بىرى، ئۆز ھېكايىسىنىڭ يازغۇچىسى ۋە ئاپتورى بولۇشىدۇر.

ھېكايىسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىنسان، بارلىقىنى ۋە مەۋجۇدلۇقىنى پاسسىپ بىر قوبۇل قىلىش ئىچىدە ئىستېمال قىلىش ئورنىغا، ئاكتىپ بىر ئىجادكارلىق بىلەن بېيىتىدۇ. بۇ مەنىدە، ھېكايە ۋۇجۇدقا چىقىرىش ھەرىكىتى، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ۋەزىپىلىرىدىن بىرىدۇر.

ئىنساننىڭ ئۆز ھېكايىسىنى يېزىشى، مەۋجۇتلۇقىنىڭ ماھىيىتىگە سادىق قېلىپ ياشىشىدۇر. بۇ، يارىتىلىش مەقسىتىنى بايقاش ۋە شۇ يۆنىلىشتە قەتئىي مېڭىشتۇر. ئەقىللىق بىر ئىنسان بولۇش، ئەقلى ۋە قەلبىنى بىر كومپاستەك ئىشلىتىپ ئۆزىنى ۋە ئەتراپىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشتۇر. بىلىمگە تەشنا بىر زېھىن بىلەن ئۆگىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ كەينىدىن بېرىشتۇر.

ئۆز ھېكايىسىنى يازىدىغان ئىنسان، باشقىلارنىڭ سايىسىدە يوقىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئەركىنلىكىگە ئىگە چىقىدۇ، پەقەت ھەقىقەتكە ۋە ئۆز ۋىجدانىغا بويسۇنىدۇ. باشقا ئىنسانلار تاڭغان يوللارغا بويۇن ئېگىش ئورنىغا، ئۆز قىممەت قاراشلىرى بىلەن شەكىللەنگەن بىر سەپەر قۇرىدۇ. بۇ سەپەردە، ئىنسان بولۇپ بىر ئەسەر ياراتماق، مەڭگۈلۈك بىر ئىز قالدۇرۇش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەسەر، بىر سەنئەت ئەسىرى، بىر پىكىر، بىر ياخشىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە تەسىر قىلىدىغان ھەرقانداق بىر تۆھپە بولۇشى مۇمكىن.

ئۆز ھېكايىسىنى يېزىش، پەقەت شەخسىي بىر تىرىشچانلىق ئەمەس، شۇنداقلا ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتكە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدا يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىنسان، ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا ئەتراپىغا نۇر چاچىدۇ، باشقىلارغا ئىلھام بولىدۇ. بۇ، شەخسىيەتچىلىكتىن يىراق، ئورتاقلاشقۇچى بىر ياشاش شەكلىدۇر. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ياخشىلىقىغا تۆھپە قوشۇش، مۇھەببەت، ئادالەت ۋە رەھىمدىللىك قاتارلىق ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلارنى ئۇلۇغلاشتۇر.

كەلگۈسىدە گۈزەل، ياخشى ۋە توغرا ئەسلىمىلەر بىلەن ئەسلىنىش، ئىنساننىڭ ئۆز ھېكايىسىنى مەنىلىك قىلىدىغان ئاخىرقى نىشاندۇر. بۇ، پەقەت مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەنلا ئەمەس، شۇنداقلا سەمىمىيلىك، دۇرۇسلۇق ۋە چىن دىلدىن ياشالغان بىر ھايات بىلەن مۇمكىندۇر. ئۆز ھېكايىسىنى يازغان ئىنسان، كەينىدە قالدۇرغان ئەسلىمىلىرى بىلەن، باشقىلارنىڭ قەلبىدە ۋە ئېڭىدا ياشاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ، ئىنساننىڭ ئۆلمەسلىككە ئاتقان ئەڭ مەنىلىك قەدىمىدۇر. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ، پەقەت مەدەنىيەت ئىپادىلەش شەكلىلا ئەمەس، مەۋجۇتلۇق زۆرۈرىيىتىدۇر. زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش مۇھىم، ئەمما پەقەت ئىنكاسىي ھەرىكەت قىلىش ئورنىغا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز قوللىرىمىز بىلەن گۈزەل ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆز ھېكايىمىزنى ئاكتىپ بىر شەكىلدە ۋۇجۇدقا چىقىرىشتۇر. بۇ، پەقەت شەخسىيلا ئەمەس، كوللېكتىپ بىر مەسئۇلىيەتتۇر ۋە كېلەچەك ئەۋلادلارغا قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراستۇر.

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى