تۈركىستان تايمىس، 2025-يىلى 23-ماي - بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى خارۋاردنىڭ خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى، ھازىر ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا مەكتەپلەرگە يۆتكىلىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئامېرىكىدىكى قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خارۋارد بۇ ھەرىكەتنى قانۇنسىز ۋە ئۆچ ئېلىش بىلەن باراۋەر دەپ تەنقىد قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قارار 6000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى 22-ماي پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيارەتچى تەتقىقاتچىلەر ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى» (SEVP) گۇۋاھنامىسىنى ئاخىرلاشتۇردى. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كاتىپى كرىستى نوئېم بۇ ھەرىكەتنىڭ «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا زوراۋانلىق ۋە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشقا يول قويغانلىقى ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتقا قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنى «ئامېرىكىغا قارشى، تېرورلۇقنى قوللايدىغان قوزغىلاڭچىلار» نىڭ مەكتەپتىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، «بىخەتەر بولمىغان مەكتەپ مۇھىتى» پەيدا قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. باياناتتا يەنە، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ۋە 2024-يىلى خىتاينىڭ يېرىم ھەربىي تەشكىلاتى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ ئەزالىرىنى كۈتۈۋالغان ۋە تەربىيلىگەنلىكى ئەيىبلەنگەن.
4-ئايدا، نوئېم خارۋاردتىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشقا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما خارۋارد بۇنى رەت قىلغان.
ترامپ يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كەڭ قەدەم تاشلىدى ھەمدە پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشقا قاتناشقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا ۋە يېشىل كارتىنى بىكار قىلماقچى بولدى.
دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىكى مەكتەپنىڭ مەكتەپتىكى «يەھۇدىيلارغا قارشى پاراكەندىچىلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى» باھانە قىلىپ، خارۋاردقا 60 مىليون دوللار فېدېراتسىيە مەبلىغىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىڭتۈەن بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىقى
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە ئارىلاشقان دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ھەربىي-ئىقتىسادىي تەشكىلات – خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن ئۇزۇن يىل ھەمكارلىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىنىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكتە كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە كەسكىن تەنقىدلەرنى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشقانلىقى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈردى.
ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 2019-يىلدىن 2023-يىلى 10-ئايغىچە بولغان تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارغا مەخسۇس تەربىيەلەش پىروگراممىلىرىنى يولغا قويغان. خارۋارد تەرەپ بۇ تەربىيەنى خىتايدىكى ئاممىۋى خادىملارنىڭ «سۇغۇرتا پىلانلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەم سىجىل مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دەپ ئاقلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دەل كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، ھەتتا ئامېرىكا تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا چېتىشلىق دەپ قارالىپ جازاغا تارتىلغان بىر تەشكىلاتنىڭ كادىرلىرىنى تەربىيەلىگەنلىكى خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەندى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2022-يىلى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 1016 گە يېتىپ ، ئەڭ چوڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار توپىغا ئايلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كانادا، ھىندىستان، كورېيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئاۋىستىرالىيە، سىنگاپور ۋە ياپونىيەدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
خارۋاردنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاي مائارىپ ھەمكارلىقىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ھەرىكىتى پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئوبرازى ۋە خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.