ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركسىتان تايمىس، 2025-يىلى 24-ماي، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋە تۈرك دۇنياسنىڭ ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۈنىمىزدە جانلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۈچۈن مەخسۇس چېىدر قۇرۇلدى. 

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەدە 22-مايدىن تارتىپ 25-مايغىچە داۋاملىشىدىغان 7-نۆۋەتلىك «ئېتنوسپورت كۈلتۈر فېستىۋالى» ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس چېدىر قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلدى.

يىلدا بىر قېتىم داۋاملىشىپ كەلگەن مەزكۇر فېستىۋالغا بۇ يىل 35 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئوقيا ئېتىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلەر، ئويۇنلار، ئەنئەنىۋى سەنئەتلەر ۋە باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلەر زىيارەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلەتنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى قاتنىشىپ، تەبرىك سۆزى قىلدى ۋە بۇ فېستىۋالنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتى.

بۇ يىللىق فېستىۋالدا «شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى» شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس چېدىر قۇرۇپ، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى تونۇشتۇردى. چېدىرغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرى، سەنئەتكە تويۇنغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى، سەنئەت ئەسەرلىرى قويۇلۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

2 kişi görseli olabilir

فېستىۋالدا يەنە بالىلار ئۈچۈن تۈرلۈك ئويۇنلار، پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى ئەۋلادلارغا تۈرك دۇنياسىنىڭ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەت، كۈلتۈر، سەنئىتىنى يېقىندىن ھېس قىلدۇرۇش پۇرسىتى تەمىنلەپ بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەت خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىغان ««دۇنيا ئېتنوسپورت بىرلەشمىسى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يەتتە يىلدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.