تۈركىستان تايمىس، 2025-يىلى 24-ماي - دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدا مۇھاجىرەتتىكى 21 تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە خەلقئارالىق ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە داۋاملاشماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، ئالاقىدار يىغىنلارغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ياشلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلىرى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارالىق بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
د ئۇ ق 20-ماي بۇ ھەقتە بايانات ئىلان قىلىپ، مەزكۇر يىغىنلارنىڭ 23-مايدىن 25-مايغىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى (ANI) 5-ئاينىڭ 21-كۈنى د ئۇ ق نىڭ باياناتىنى نەقىل قىلپ بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ خەلقئارادا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى رولىنى» تەكىتلىگەن.
د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ يىغىنلاردا ئۇيغۇرلار يەنە بىر قېتىم دۇنيا مىقياسىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە سىستېمىلىق قورقۇتۇش ئۇرۇنىشىغا قارشى كوللېكتىپ قارشىلىقىنى نامايان قىلىدۇ». ھەر ئىككى يىغىن ئۇيغۇر كۈرىشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەتراپلىق باھالاپ، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە جاۋابكارلىق نىشانىغا يېتىشنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىنى ئورتاق بېكىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پاكىتلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دۇنياۋى بېسىم ۋە يالغان تەشۋىقاتى ئالدىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ھالقىلىق ئىتتىپاقلىق ۋە ئىستراتېگىيىلىك سەھنىسى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىلقى يىغىنلارغا 22 دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى، سىياسىئونلار، ئاكادېمىكلار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى دائىرىسىدە تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەت دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن 50 دىن ئارتۇق ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان بولۇپ، بۇ ياشلار ئاساسىي قاتلام تەشكىللەش، سىياسىي تەشەببۇس قىلىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى رولىغا ئاساسەن تاللانغان.
ياشلار قۇرۇلتىيى ئەۋلادلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە كوللېكتىپ ئىستراتېگىيە تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، زوراۋانلىقسىز قارشىلىق كۆرسىتىش، رېئاللىقنى بايان قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈچىنى ياش ئەۋلادقا تەكىتلەشنى ئاساس قىلدى. قۇرۇلتاي داۋامىدا ئۆتكۈزۈلگەن سېخ خىزمەتلىرى، مۇنازىرىلەر ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى قاتناشقۇچى ياشلارغا تىنچ يول بىلەن تەشكىللىنىش تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىرگە، سىستېمىلىق زۇلۇم ئالدىدا ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان ئورتاق ئىرادە ۋە ئېتىقادنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى.
ھەر ئىككى قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئۇيغۇر ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا چوڭقۇر باھا بېرىش ھەمدە كەلگۈسىدە ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە جاۋابكارلىقنى تەلەپ قىلىش يولىدىكى ئورتاق ھەرىكەت ئىستراتېگىيەسى ۋە كېيىنكى قەدەملەرنى كوللېكتىپ ھالدا بېكىتىشتىن ئىبارەت.
د ئۇ ق نىڭ X ھېساباتىدىكى يازمىلىرىغا قارىغاندا، پائالىيەتنىڭ تەكلىپلىك مېھمانلىرى ئارىسىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم، باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندېرسباخېر، كانادا پارلامېنت ئەزاسى ۋە بىلوك كۇبېكوئىس رەھبىرى يىۋس-فىرانسۇئا بلانچېت، چېخ كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىرى ئوبېرفالزېر ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇكرائىنالىق پائالىيەتچى ئولېكساندرا ماتېۋىك قاتارلىقلار بار بولۇپ، بەزىلىرى سىنلىق ئۇچۇر ئارقىلىق پائالىيەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
د ئۇ ق خەلقئارا جامائەتچىلىك، پۇقرالار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بۇ مۇھىم قەدەمگە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ھەمدە داۋاملىشىۋاتقان ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە يولىدىكى كۈرەشتە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىردى.
بۇ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە ھەمكارلاشقان تەشكىلاتلار تۆۋەندىكىچە:
ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتى (كانادا)
ئاۋىستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى (ئاۋىستىرالىيە)
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى (بېلگىيە)
ئۇيغۇر ھەرىكىتى (ئامېرىكا)
كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى (كانادا)
شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات فوندى (تۈركىيە)
خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى (ئامېرىكا)
ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى (ئىرېلاندىيە)
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى (ياپونىيە)
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى (نورۋېگىيە)
شىۋىتسىيە ئۇيغۇر ئىتتىپاقى (شىۋىتسىيە)
ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (گېرمانىيە)
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى (ئامېرىكا)
شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى (شىۋىتسارىيە)
ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى (ئاۋىستىرالىيە)
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (گېرمانىيە)
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى (تۈركىيە)