شەرقىي تۈركىستاندىكى يېڭى مۇزېيلار: مىللەتلەر بىرلىكى، مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقى ۋە تارىخىي ھېكايەنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشى

ئاپتور: د. ئادىلجان ئەرئۇيغۇر

مۇھەررىر: د. ئابدۇرېھىم دۆلەت

يېقىندا خىتاينىڭ «جۇڭگو يېڭى خەۋەرلەر-شىنجاڭ»ناملىق تور بېتى بىلەن شىنخۇا. نېت ناملىق تور بەتلىرىدە بۈگۈر ناھىيەسىدە ئىككى مۇزېي ئېچىلغانلىقىغا دائىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: « دۆلەت شىنجاڭدا مىللەتلەر بىرلىكى ۋە تارىخىي يىلتىزلارنى  تەكىتلەيدىغان ئىككى يېڭى مۇزېي ئاچتى. جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2024-يىلى 18-ماي ئىككى يېڭى مۇزېي زىيارەتكە ئېچىلدى. بۇ مۇزېيلار، رايوننىڭ ئېتنىك خىلمۇ-خىللىقىنى، خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشلىرىنى ۋە مەدەنىي ئالاقە تارىخىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇلاردىن بىرىنچىسى، بۈگۈر ناھىيەسىدە قۇرۇلغان غەربىي رايونلار چېگرا قوماندانلىقى[1] مۇزېيى بولدى. بۇ مۇزېي، مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە شىنجاڭنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان تۇنجى خىتاي مەمۇرىي بىرلىكىنىڭ ئىزنالىرى تېپىلغان رايونىدا ئېچىلدى. جەمئىي 5,120 كۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە مەيدانىغا ئىگە بولغان بۇ مۇزېي، بەش ئاساسىي بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان. زىيارەتچىلەرگە ساپال، تۇچ ۋە تۆمۈر بۇيۇملار، يىپەك پارچىلىرى قاتارلىق 460دىن ئارتۇق ئەسەر تەقدىم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ۋاسىتىلىك تېخنولوگىيە ئىشلىتىلىپ قەدىمكى دەۋر كۆرۈنۈشلىرى جانلاندۇرۇلىدۇ. مۇزېينىڭ جايلاشقان ئورنىدا، 2018-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىي قالدۇقلار ئىنستىتۇتىنىڭ بىرلىكتە باشلىغان قېزىشلىرى نەتىجىسىدە زوركۇت[2] قەدىمكى شەھىرى يورۇقلۇققا چىقىرىلدى. بۇ يەردە تېپىلغان ئۈچ تاملىق قۇرۇلۇشلار ۋە خەن ئۇسلۇبىدىكى بىنا ماتېرىياللىرى، رايوننىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ. مۇزېي بىلەن بىرگە زوركۇت قەدىمكى شەھەر ئارخېئولوگىيە باغچىسىمۇ زىيارەتچىلەرگە ئېچىلدى.

ئىككىنچى مۇزېي بولسا، بۈگۈرگە تەخمىنەن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۇچا شەھىرىدە ئېچىلغان قۇچى (كۇشا) مۇزېيىدۇر. بۇ مۇزېيدا، بەزىلىرى توپلام ھالىتىدە بولۇپ جەمئىي 700 مەدەنىي ئەسەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان. ئەسەرلەردىن 96 سى، خىتاينىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق مەدەنىي مىراس قوغداش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن. مۇزېينىڭ ئالاھىدە ئەسەرلىرى قاتارىدا تاڭ سۇلالىسىدىن قالغان تاش بۇددا ھەيكىلى، قۇچى قوليازمىلىرى، مارجان نەقىشلىك كۈمۈش چۈمپەردە ۋە بويالغان لاي ھەيكەللەر بار. مۇزېي، كۇچا خانلىقىنىڭ تارىخىنى، شەھەرلىشىشىنى ۋە بۇددا سەنئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنىڭ جەنۇبىي باغرىدا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدا ئورۇنلاشقان قۇچى، تارىخ بويىچە ھەم مۇھىم بىر باشقۇرۇش مەركىزى ھەم مەدەنىي ئالاقە نۇقتىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

-2024يىلى ئېتىبارەن شىنجاڭ بويىچە 150تىزىملانغان  مۇزېي بار بولۇپ، بۇ مۇزېيلار يىل بويى جەمئىي 13 مىليون زىيارەتچىنى كۈتۈۋالغان. بۇ زىيارەتچىلەرنىڭ 3.5 مىليونىنى ياشلار تەشكىل قىلغان. ئېچىلغان يېڭى مۇزېيلار ۋە ئاشقان زىيارەتچى سانلىرى، خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا تارىخىي مىراسنى تونۇشتۇرۇش، مىللەتلەر بىرلىكى ۋە مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇش ئۇچۇرلىرىنى كۈچلەندۈرۈش يۆنىلىشىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ باھالانماقتا.[3]

شىنخۇا. نېت تور بېتىدىكى خەۋەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: «-5ئاينىڭ 18-كۈنى، دۇنيا مۇزېي كۈنىدە، شىنجاڭ باي ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسىدىكى غەربىي رايونلار چېگرا قوماندانلىقى مۇزېيى رەسمىي ئېچىلدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي رايونلارغا ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى ۋە بەلگىسى بولغان «غەربىي رايونلار چېگرا قوماندانلىقى» خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مەدەنىيەت سىمۋولى ۋە شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كارتىسى بولۇپ قالدى.

غەربىي رايونلار چېگرا قوماندانلىقى مۇزېيى 37.62 مو يەر مەيدانىنى ئىگىلەيدۇ، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 128 مىليون يۈەن. كۆرگەزمە مەزمۇنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئۈچ تەرەپتىن، خەن دەۋردىن تارتىپ ھەرقايسى دەۋردىكى مەركىزىي خاندانلىق ھاكىمىيەتلىرىنىڭ غەربىي رايونلارغا بولغان ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشىنى سىستېمىلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ، تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە ھەرخىل ئۇسۇللارنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق، كۆرۈنۈشلۈك، ھېسسىيلىق، ئۈنۈملۈك كۆرگەزمە ئۇسۇلى بىلەن، تاماشىبىنلارنى تارىخنى بىلىشكە، شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ بۆلۈنمەس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، تارىختا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانداش ئىكەنلىكى، تارىختىن بۇيان بىللە ئارىلىشىپ ياشىغانلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا، شۇنداقلا، ئورتاق شىنجاڭنى قۇرۇش تارىخىغا گۇۋاھ بولۇشقا، خىتاي مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيدۇ.[4]

 

شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىلغان ئىككى يېڭى مۇزېي،  خىتاي نۇقتىسىدىن ئېتنىك خىلمۇ-خىللىق ۋە تارىخىي باغلىنىشلارنى تەكىتلەشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەشەببۇسلارنىڭ سوتسىيولوگىيە جەھەتتىن  ئانالىز قىلىنىشى، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنى ۋە بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىكى تەسىرلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت سۇنىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ «مىللەتلەر بىرلىكى » ۋە «مەدەنىي يۇغۇرۇلۇش» سۆزلەملىرى، مۇستەملىكىچىلىك تەنقىدلىرى چۈشەنچىسىدە سوتسىيولوگىيىلىك ئۇقۇملار ۋە نەزەرىيەلەر يورۇقلۇقىدا تەتقىق قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ ئانالىزدا، مۇستەملىكىچىلىك، ئاسسىمىلياتسىيە، مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىق، سىمۋوللۇق زوراۋانلىق ۋە كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى قاتارلىق ئۇقۇملار قوللىنىلىدۇ.

مۇستەملىكىچىلىك، بىر مىللەتنىڭ ياكى دۆلەتنىڭ باشقا بىر مىللەتنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن كونترول قىلىشى ۋە ئۆز مەنپەئەتلىرى يۆنىلىشىدە قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى قايتا شەكىللەندۈرۈش جەريانىدۇر.[5] ئانتونىئو گرامشىنىڭ مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىق ئۇقۇمى، بۇ نۇقتىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ھۆكۈمرانلىق، بىر مىللەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ باشقا مىللەتلەرنىڭ «رازىلىقىنى» ئېلىشى ۋە ئۆز دۇنيا قارىشىنى «تەبىئىي» ياكى «ئومۇمىي» دەپ قوبۇل قىلدۇرۇشىنى ئىپادىلەيدۇ. [6]شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىلغان مۇزېيلار، خىتاينىڭ خەن مەركەزلىك تارىخ بايانىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا  مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۇنۇش تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن: غەربىي رايونلار چېگرا قوماندانلىقى مۇزېيىنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي جەھەتتىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقى ھېكايىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ھېكايىلىرىنى كۆلەڭگىدە قالدۇرۇپ، خىتاينىڭ تارىخىي قانۇنىيلىق دەۋاسىنى كۈچلەندۈرىدىغان بىر ھۆكۈمرانلىق چۈشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئاسسىمىلياتسىيە، بىر ئېتنىك ياكى مىللەتنىڭ، ھۆكۈمران مەدەنىيەتنىڭ نورما ۋە قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز كىملىكىنى يوقىتىش جەريانىدۇر.[7] خىتاينىڭ «مىللەتلەر بىرلىكى» سۆزلەملىرى، سىرتقى كۆرۈنۈشتە ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ بىرگە ياشىشىنى رىغبەتلەندۈرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ سۆزلەر ئادەتتە خەن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ۋە باشقا  مىللەتلەرنىڭ بۇ مەدەنىيەتكە قوشۇلۇشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. قۇچى مۇزېيىنىڭ كۇچا خانلىقىنىڭ تارىخى ۋە بۇددا سەنئىتىنى تەكىتلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مىراسىنى خىتاينىڭ تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت ھېكايىسىگە قوشۇش ئۇرۇنۇشلىرىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.  خىتاينىڭ مەدەنىيەت ھېكايىلىرىنى بېيتىش ئۇرۇنۇشلىرى جەريانىدا، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي كىملىكى ۋە تارىخىي ھېكايىلىرى بۇرمىلىنىش، يوق قىلىنىش ۋە قەدىرسىزلەشتۈرۈلۈش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ، پىيېر بوردىيونىڭ «سىمۋوللۇق زوراۋانلىق» ئۇقۇمى[8] بىلەن باغلىنىشلىق؛ بۇ يەردە ھۆكۈمران  مىللەت، ئۆز مەدەنىيەت نورمىلىرىنى مەجبۇرلاپ باشقا مىللەتلەرنىڭ كىملىكلىرىنى چەتكە قېقىپ، بۇ جەرياننى «تەبىئىي» بىر مەدەنىيەت ئالاقىسى دەپ كۆرسىتىدۇ.

كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كېيىنكى دەۋردە كونا مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ياكى يېڭى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ، مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى قانداق  قايتا يازىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ. خومى ك. بابانىڭ «ئارىلاشما»[9] ۋە ئېدۋارد سەئىدنىڭ «شەرقشۇناسلىق» ئۇقۇملىرى[10]، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇزېيلارنىڭ رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن قوللىنىلىشى مۇمكىن. مۇزېيلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى، خىتاينىڭ تارىخىي ھېكايىسى بىلەن «ئارىلاشما» شەكىلدە سۇنۇپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قايتا شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ، سەئىدنىڭ شەرقشۇناسلىق ئۇقۇمىدا بايان قىلىنغاندەك، ھۆكۈمران كۈچنىڭ «باشقا»نى ئۆز كۆز قارىشى بىلەن بەلگىلەش ۋە كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن: زوركۇت قەدىمكى شەھىرىنىڭ خەن ئۇسلۇبىدىكى بىنا ماتېرىياللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈلۈشى، رايوننىڭ تارىخىنى خىتاي مەركەزلىك بىر چەمبەردە سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىي ھېكايىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

مۇزېيلار، پەقەت مەدەنىيەت ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىدىغان جايلار ئەمەس، شۇنداقلا سىمۋوللۇق ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلىدىغان مەيدانلىرىدۇر. مىشېل فۇكونىڭ ھاكىمىيەت ۋە بىلىم مۇناسىۋىتى[11] ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى، مۇزېيلارنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي ھېكايىلەرنى كونترول قىلىش ۋە قانۇنلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مۇزېيلار، دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئاپپاراتلىرى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ (ئالتۇسسېر). شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇزېيلار، خىتاينىڭ رايوندىكى تارىخىي مەۋجۇتلۇقىنى ۋە «مىللەتلەر بىرلىكى»نى تەكىتلەيدىغان بىر بىلىم ساھەسى بەرپا قىلماقتا. 13 مىليون زىيارەتچى، بولۇپمۇ 3.5 مىليون ياشنىڭ بۇ مۇزېيلارنى زىيارەت قىلىشى، بۇ ھېكايىنىڭ ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.  ياشلار، جەمئىيەتتە كىملىك شەكىللىنىشنىڭ ئەڭ جانلىق ۋە ھەرىكەتچان بىر نوپۇس گۇرۇپپىسىدۇر. ئېرىك ئېرىكسوننىڭ كىملىك تەرەققىيات نەزەرىيەسى، ياشلىق دەۋرىنىڭ شەخسلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي كىملىكلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. [12]خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇزېيلاردا ياش زىيارەتچىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇ دەۋرنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈشى ئۈچۈن سىتراتېگىيەلىك بىر پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇزېيلار، خەن سۇلالىسى مەركەز قىلىنغان تارىخىي ھېكايىنى ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ  شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە تارىخىي جەھەتتىن باغلانغانلىقى ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىشىنى نىشان قىلىدۇ. بۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر  ياشلىرىنىڭ ئۆز مەدەنىيەت كىملىكلىرىدىن سوۋۇشىغا ۋە خىتاينىڭ “مىللەتلەر بىرلىكى” ھېكايىسىگە تېخىمۇ ئاسان يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىگە يول ئېچىشى مۇمكىن. مورىس ھالبۋاچنىڭ كوللېكتىپ خاتىرە ئۇقۇمى، جەمئىيەتلەرنىڭ تارىخىي ھېكايىلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ كىملىكلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى رولىنى چۈشەندۈرىدۇ. خىتاي دۆلىتى مۇزېيلار ئارقىلىق سۇنغان تارىخىي ھېكايە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەن سۇلالىسىدىن بۇيان «جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى» ۋە مىللەتلەر كۆپ خىللىقىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى رامكىسىدا بىرلەشكەنلىكى ئىدىيەسىنى كۈچەيتىدۇ. ياشلارنىڭ بۇ مۇزېيلارغا كۆپلەپ قاتنىشىشىنى، دۆلەتنىڭ كوللېكتىپ خاتىرەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراش كېرەك. مەسىلەن: بۇ  مۇزېيىدا خەن ئۇسلۇبىدىكى بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ۋە كۆپ ۋاسىتە تېخنىكىلىرى بىلەن جانلاندۇرۇلغان قەدىمكى سەھنەلەر، ياش زىيارەتچىلەرگە كۆرۈنۈش ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى تەسىر بىلەن  خىتاي مەركەز قىلىنغان تارىخىي خاتىرە كۆرۈنۈشىنى سۇنىدۇ. بۇ، دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئاپپاراتلىرى (ئالتۇسسېر) ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارنىڭ تارىخ تونۇشىنى كونترول قىلىش سىتراتېگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.[13]

خىتاينىڭ «ئېتنىك خىلمۇ-خىللىق» ۋە «مەدەنىيەت بىرلىشىش» سۆزلەملىرى، سىرتقى كۆرۈنۈشتە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان  «سېخى»  بىر چۈشەنچىنى ئىپادىلىسىمۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەلىك بىر چەمبەر ئىچىدە ئىشلەيدىغانلىقى مەلۇم. تالال ئەسەدنىڭ مەدەنىيەت تەرجىمىسى[14]  ئۇقۇمى، بۇ مەزمۇندا قوللىنىلىشى مۇمكىن. خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي مىراسىنى، ئۆز تارىخىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك چەمبىرىگە «تەرجىمە قىلىپ» قايتا سۇنۇپ كەلمەكتە. مەسىلەن: قۇچى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بۇددا سەنئەت ئەسەرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي كىملىكىدىن كۆرە، بۇددا ئۆتمۈشىنى تەكىتلەپ ، رايوننىڭ تارىخىنى خىتاينىڭ تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت ھېكايىسىگە بىرلەشتۈرىدۇ. بۇ، ئېتنىك خىلمۇ-خىللىقنى تەكىتلەشنىڭ،  ئەمەلىيەتتە خەن مەركەزلىك بىر مەدەنىي بىرلىشىش لايىھەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىلغان مۇزېيلار، خىتاينىڭ رايوندىكى مەدەنىيەت ۋە تارىخىي ھېكايىنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. بۇ ئۇرۇنۇشلار، مۇستەملىكىچىلىك، مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىق، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە سىمۋوللۇق زوراۋانلىق ئۇقۇملىرى دائىرىسىدە ئانالىز قىلىنغاندا ياكى قاراپ چىقىلغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ۋە تارىخىي قانۇنىيلىقىنى (مەشرۇيىتىنى) كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك نەزەرىيەلىرى ، بۇ مۇزېيلارنىڭ، ئۇيغۇر كىملىكىنى خىتاينىڭ تېخىمۇ كەڭ ھېكايىسىگە بىرلەشتۈرۈپ «ئارىلاشما» بىر تارىخ سۇنۇش تىرىشچانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئەپسۇس بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت ۋە تارىخىي ھېكايىلىرى چەتكە قېقىلماقتا، بۇ بولسا «مىللەتلەر بىرلىكى» سۆزلەملىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەلىك بىر خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سوتسىيولوگىيە جەھەتتىن، بۇ مۇزېيلار، دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئاپپاراتلىرى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقنى ۋە سىمۋوللۇق ھاكىمىيەتنى قايتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىرگە ، ياشلارغا مەخسۇس «جۇاڭخۇ» كىملىكى سىڭدۈرۈشتىمۇ رول ئوينايدۇ.

 

[1] 西域都护府

[2] Zorkut

[3] https://english.news.cn/20250519/5ee0d2b8aab74600863b8aa64e05d631/c.html

[4] https://www.xj.chinanews.com.cn/shipin/2025-05-19/detail-iherrwae6452495.shtml

[5] https://islamansiklopedisi.org.tr/somurgecilik

[6] http://aksarayiibd.aksaray.edu.tr/en/download/article-file/2206156

[7] https://perspektif.eu/2020/07/19/asimilasyon-nedir/

[8] https://adeldanismanlik.com/simgesel-siddet-siddetin-kadife-eldiveni-ve-ozerklik/

https://evrimagaci.org/blog/sembolik-siddet-dilin-gucu-ve-toplumsal-hiyerarsilerin-insasi-16173

https://dergipark.org.tr/tr/download/article-file/3452329

sembolik şiddet kavramı üzerine gerçekleştirilen çalışmaların bibliyometrik analizi

[9] hybridity

[10] https://islamansiklopedisi.org.tr/oryantalizm

[11] michel foucault’da bilgi, iktidar ve özne ilişkişi, https://dergipark.org.tr/tr/pub/sobiadsbd/issue/11355/135768

[12] https://evrimagaci.org/eriksonun-psikososyal-gelisim-teorisi-nedir-insanin-psikososyal-gelisiminin-8-evresi-nelerdir-12267

[13] louis althusser’in devletin ideolojik aygitlari bağlaminda trt’nin müzik politikalari1 https://dergipark.org.tr/tr/download/article-file/4140526

[14] cultural translation

 

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى