ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق شىركەتلەرنى چەكلەش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى!

تۈركىستان تايمىس، 2025-يىلى 26-ماي - ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا قارىتا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىلدىكى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشماسلىقى ئۈچۈن تەدبىر قانۇنى چىقىرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چاقىرىق قىلىندى.

مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ياپونىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «ھازىرقى دەۋر كىشىلىك ھوقۇقى» (HRN) 2025-يىلى 16-ماي ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.

ھۆكۈمەتكە چاقىرىق

يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىغا چېتىشلىق ياپونىيە شىركەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپلا قالماي، بۇ شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن چىقىرىشى تەلەپ قىلىندى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن 2020-يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، باش شتابى ياپونىيەدە بولغان 35 شىركەت ۋە ياپونىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 6 خىتاي شىركىتى تەكشۈرۈلگەن. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەتلەرنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلانغان.

«مەجبۇرىي ئەمگەك – ھازىرقى زامان دۇنياسىدىكى قۇللۇقنىڭ بىر شەكلىدۇر»

مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش جەريانىدا سۆز قىلغان HRN نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىتو كازۇكو، شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەجبۇرىي ئەمگەك – ھازىرقى زامان دۇنياسىدىكى قۇللۇقنىڭ بىر شەكلىدۇر. ياپونىيە شىركەتلىرى بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشى كېرەك».

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لەتىپ ئەخمەت بولسا، ياپونىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قاراشلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي مەبلەغ سالغان شىركەتلەرنىڭ بىر قېچىش نۇقتىسى سۈپىتىدە كۆرۈلۈش خەۋپى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ياپونىيەنىڭ سابىق ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى تاكائىچى سانائې: «بۇ بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. ئامېرىكادىكىگە ئوخشاش چەكلەش كۈچىگە ئىگە قانۇنلار ياپونىيەدىمۇ بولۇشى كېرەك» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) 2022-يىلى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى يولغا قويۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ ئىمپورتىنى چەكلىگەن ئىدى.