ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەپ، خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىستان تايمىس – لوندون، 2025-يىلى 26-ماي: «تىرىبۇن گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە لوردلار پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بارونېس ھېلېنا كېننېدى (Baroness Helena Kennedy KC) گېرمانىيەنىڭ مىيونخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلار كېڭىشىگە يوللىغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ باستۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. ئۇ، بېيجىڭنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە داۋاملىق يول قويۇۋاتقان خەلقئارانىڭ سۈكۈتىنىمۇ ئەيىبلىگەن.

بارونېس كېننېدى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش [تۇغماس قىلىش] ۋە مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ جايلارنىڭ ئەمەلىيەتتە «جازا لاگېرلىرى» (ئۈستى ئوچۇق تۇرما) ئىكەنلىكىنى، بۇ قىلمىشلارنىڭ «بىر مىللەتنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان سىستېمىلىق، دۆلەت قوللىشىدىكى ھەرىكەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە: «ئازاب چەككەنلەرنىڭ ۋە ئۇلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئاۋازى چوقۇم ئاڭلىنىشى كېرەك. بۇ ناھەقچىلىكلەر ئاخىرلىشىشى كېرەك... دۇنيا جەزمەن ئېنىق ۋە يۇقىرى ئاۋازدا ‹بۇنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ!› دېيىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش، مەدەنىيەتنى باستۇرۇش، مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، دىنىي چەكلىمىلەر ۋە مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەن.

نۆۋەتتە، نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، ھەتتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىمەكتە، بۇ ئەھۋال خەلقئارادا كەڭ كۆلەملىك غەزەپ-نەپرەتكە ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چاقىرىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.