ئابدۇلقادىر ياپچان ئادۋوكاتى بىلەن سوتقا كىرىش ئالدىدا.
ئىككى يېرىم يىلدىن بېرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان پىشقەدەم ئىنقىلابچى ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە بۈگۈن يەنى 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى ئىستانبۇل چاغلايان ئەدلىيە مەھكىمىسىدە سوت ئېچلىدۇ.
سوت باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئابۇلقادىر ياپچان سوت مەھكىمىسى ئالدىدا ئۆزىنى قوللاش ئۈچۈن جەم بولغان يۈزلىگەن كىشىگە بايانات ئېلان قىلدى(https://www.facebook.com/istiqlallTV/videos/2573555142678893/). ئۇ، خىتاي بىلەن بولغان بۇ كۈرەشتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى، ھەققانىيەتكە كۈچ ۋە قۇرالنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقىنى، خىتاي شۇنچە كۈچلۈك تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بويسۇندۇرالمىغالىقىنى، ھەققانىيەتنىڭ ھامىنى غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى، ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ يېقىندا تەكىرداغ ۋىلايىتىىدكى قايتۇرىۋېتىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىن چىقماسلىق شەرتى بىلەن ئۆيىدە تۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن كېيىنچە بۇ قارانىڭ ئۆزگىرىپ، پەقەت مەھەللىسىدىن چىقماسلىقى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئابدۇلقادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنغانلىقىنى، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ئابدۇلقادىر ياپچاننى ئاقلاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلقادىر ياپچان 2016- يىلى 31- ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئارىدا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، قىسقا مۇددەتتىن كېيىن يەنە تەكرار تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
ئابدۇلقادىر ياپچان شەرتلىك قويۇپ بېرىلدى
بۈگۈنكى سوتتا، ئابدۇلقادىر ياپچاننى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىن ئايرىلماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى.
مەھكىمە، 26- سىنتەبىر يەنە بىر سوت ئېچىش قارارى چىقاردى.