ئارگىنتىنانىڭ بۇئىنۇس ئايرىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2018- يىللىق 20 دۆلەت گوروھى باشلىقلار يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش.
بۇ يىللىق 20 دۆلەت گوروھى باشلىقلار يىغىنى 28- ۋە 29- ئىيۇن كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىنغا جەمئىي 35 دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. يىغىندا دۇنيا ئىقتىسادى، كىلىمات ۋە ئېنېرگىيەدىن تارتىپ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، كۆچمەنلە ۋە مۇساپىرلار مەسىلىلىرىگە بولغان كەڭ دائىرىلىك تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، تاراتقۇلاردا ئېيتىلىۋاتقان «G20» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ قانداق شەكىللەنگەن؟ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان بۇ باشلىقلار يىغىنىدا نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؟ بىرلىكتە كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى.*
«20 دۆلەت گوروھى» يەرشارى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، يەرشارى ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 85 پىرسەنتىنى، يەرشارى سودىسىنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.
«20 دۆلەت گوروھى»نىڭ ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدا ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان 19 دۆلەت: ئارگىنتىنا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، برازىلىيە، خىتاي، گىرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىليە، ھىندسىتان، ھىندونېزىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كانادا، مېكسىكا، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، كورىيە ۋە تۈركىيە.
مەزكۇر گوروھ 1999- يىلى بېرلىندا قۇرۇلغان -- ئەڭ دەسلەپتە مالىيە مىنىستىرلىقى سەۋىيەسىدە چەكلەنگەن. قۇرۇلۇش سەۋەبى بولسا ئاسىيا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى.
تۇنجى قېتىملىق 20 دۆلەت گوروھى باشلىقلار يىغىنى 2008- يىلى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى (رەسىمدە سولدىن ئوڭغا: سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللاھ، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى، كورىيە پرېزىدېنتى لى مىڭبو)
2008- يىلى يەرشارى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى پارتلىدى، مەزكۇر گوروھنىڭ دۆلەت ئەلباشلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى تۇنجى قېتىم قاتناشتى، ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورتاق ھەرىكەت ماسلاشتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇلار قەرەللىك ھالدا ئىشتىراك قىلىپ كەلدى.
ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلدىغان بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشى ۋە سودا ئۇرۇشى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى.
10 يىل بۇرۇنقى ئىقتىسادىي كىرىزىس G20 نى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ مەركىزىي مۇنبىرىگە ئايلاندۇردى. لېكىن بۈگۈن، 20 دۆلەت گوروھىنىڭ مۇزاكىرە تېمىلىرى ئاللىبۇرۇن بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتتى. مەسىلەن، ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلدىغان بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشى ۋە سودا ئۇرۇشى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى.
ھەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخان دۆلىتى باشقا ئەزا دۆلەتلەرنى تەكلىپ قىلىدۇ. مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ تەكلىپ قىلىنىدۇ، ئۇلار: ب د ت، دۇنيا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، پۇل - مۇئامىلە مۇقىملاشتۇرۇش كومىتېتى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقان ۋاقتتا چەكلەش كۈچى بولمىغان بىر ئورتاق بايانات ئېلان قىلىنىدۇ. 20 دۆلەت گوروھى پەقەت مەلۇم لىنىيەنى ياكى مەلۇم سىياسىي ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. لېكىن، بۇ تەشكىلات نېمىلەرنى قارار قىلغانلىقى ۋە قانچىلىك ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىگە ئاساسەن باھالىنىدۇ. باشلىقلار يىغىنىنىڭ قىممىتى رەسمىي كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرىدىن باشقا غەيرىي رەسمىي ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىرىدىمۇ نامايەن بولىدۇ.
20 دۆلەت گوروھى باشلىقلار يىغىنى باشلىنىش باشلىنىش ھارپىسىدا، ياپونىيە خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن رابىيە قادىر خانىمغا ياپونىيەگە كىرىش ۋىزىسى بېرىپ، ئۇنىڭ يىغىن مەزگىلىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرىغا قارشى پائالىيەت قىلىشىغا يول ئېچىپ بەردى.
20 دۆلەت گوروھى يىغىنى مەزگىلىدە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ «Civil 20» پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتسىز گوروھلار بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى بايان قىلىدۇ، مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش، مائارىپ ياكى سەھىيە ساھەلىرىگە بولغان مەبلەغنى كۆپەيتىش دېگەندەك.
G20 دىن باشقا يەنە، 1975- يىلى قۇرۇلغان «يەتتە دۆلەت گوروھى» بار. مەزكۇر گوروھنىڭ ئەزالىرى بىردەك سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بولۇپ، غەرب قىممەت قارىشى ئورتاق گەۋدىسىگە ۋەكىللىك قىلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى: ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، فرانسىيە، كانادا، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە.
2002- يىلى رۇسىيەمۇ ئەزا بولۇپ كىردى، بۇنىڭ بىلەن «يەتتە دۆلەت گوروھى»نىڭ نامى «سەككىز دۆلەت گوروھى»غا ئۆزگەردى. لېكىن سەككىز دۆلەت گوروھى پەقەت 2013- يىلىغىچە داۋاملاشتى. رۇسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىنى يۇتىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلى 2014- يىلى رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى ساھىل شەھىرى سوچىدا ئېچىلماقچى بولغان G8 باشلىقلار يىغىنى سۇغا چىلاشتى. باشقا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيە قاتناشمىغان ئەھۋالدا بريۇسسېلدا G7 باشلىقلار يىغىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. رۇسىيەنىڭ قايتىپ كېلىشى نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ كۈنتەرتىپىدە يوق.
* گىرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورىدا ئېلان قىلىغان «G20 ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك 10 ئىش» دېگەن ماقالە ئاساسىدا كېڭەيتىپ يېزىلدى.