ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قانداق سايلاپ چىقىلىدۇ؟

11- ئاينىڭ 8- كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق سىياسىي تېمىغا ئايلاندى. سايلام نەتىجىسى پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ چوڭ دولقۇننىڭ سىرتىدا قالماستىن، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ھەر خىل شەكىللەردە بۇ قېتىمقى سايلام ۋە نەتىجىسى ھەققىدە ئۆز – كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئاممىۋى تاراتقۇلاردا سايلام نەتىجىسىگە، ھەتتا ئامېرىكىلىقلارغا ھەر خىل باھالارنى بېرىپ، بۇنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ باققانلارمۇ بولدى. شۇنىسى ئېنىقكى، سايلام قائىدە – تۈزۈملىرىنى ئامېرىكىلىقلار تۈزۈپ چىققان بولۇپ، سايلاپ چىقىلغان كىشى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى نامەلۇم. لېكىن  قانداقلا بولمىسۇن، دۇنيادىكى بىردىن بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولغان ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. تۆۋەندىكى يازما بۇ ھەقتە توختىلىش ئۈچۈن يېزىلمىدى، پەقەت ئامېرىكا سايلىمىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قىزىققانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمىنى ئاشۇرىشىغا ياردىمى بولار دېگەن مەقسەتتە يوللاندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمى ھەققىدە

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2016- يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئامېرىكىنىڭ 58- نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمى بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا پىرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتتىن باشقا، دۆلەت مەجلىسىنىڭ 34 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى، بارلىق ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار سايلاپ چىقىلىدۇ.

2016- يىللىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى، ئۆي – مۈلۈكچىلىك سودىگىرى دونالد ترامپ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتوننى يېڭىپ، ئامېرىكىنىڭ 45- قېتىملىق پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى. دونالد ترامپنىڭ سايلام ھەمراھى، ئىندىئانا شىتاتىنىڭ باشلىقى مايك پېنس، ھىلارى كىلىنتوننىڭ سايلام ھەمراھى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كېيننى يېڭىپ، ئامېرىكىنىڭ 48- قېتىملىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى.

سايلام تۈزۈمى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا سايلام ئۆمىكى تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. سايلام ئۆمىكى تۈزۈمى 1787- يىلىدىكى فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى تۈزۈش يىغىنىدا بەلگىلەنگەن. ئەڭ دەسلەپكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆپ قىسىم شىتاتلارنىڭ سايلىغۇچلىرىنى شىتاتلىق پارلامېنت تاللاپ ئەۋەتىدۇ. سايلىغۇچىلار دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش بېكىتىلگەن كۈندە ھەر قايسى شىتاتلاردا بىلەت تاشلاپ پىرېزىدېنتى سايلاپ چىقىدۇ. سايلام ئۆمىكىنىڭ كۆپ سانلىق بىلىتىگە ئېرىشكەن كىشى پىرېزىدېنت بولىدۇ، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كىشى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولىدۇ.

لېكىن، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بىلەن سايلام ئۆمىكىدىكى كىشىلەر تەدرىجى ھالدا ئىككى چوڭ سىياسىي پارتىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. سايلىغۇچىلار پارتىيەلىرىنىڭ مەيدانىغا ئاساسەن بىلەت تاشلاشقا باشلىغان. 1824- يىلىغا كەلگەندە، ھەر قايسى شىتاتلار ئاساسەن خەلق بىۋاستە سايلام ئۆمىكىنى سايلاپ چىقىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

سايلام ئۆمىكى

سايلام ئۆمىكى پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى 538 نەپەر سايلىغۇچىدىن تەشكىل تاپقان. ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى شىتاتلار ئىگە بولغان سايلىغۇچىلار بىلەت سانى بۇ شىتاتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى بىلەن تەڭ. كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى 100 بولۇپ، ئامېرىكىدىكى 50 شىتاتنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى نەپەردىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى بار. ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى بولسا ھەر قايسى شىتاتلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى كولومبىيە ئالاھىدە رايونىنىڭ ئۈچ نەپەر سايلىغۇچى بىلىتى بار.

دۆلەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، بۇ 538 بىلەتتىن ئاز دېگەندە 270 بىلەتكە ئېرىشكەن نامزات پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىدۇ.

سايلام جەريانى

ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمى پارتىيە ئىچىدىكى ئالدىن تاللاش سايلىمى، ھەر قايسى پارتىيەلەر مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىنى بېكىتىش، پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ سايلام رىقابىتى، دۆلەت بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈش، سايلام كوللىكتىپىنىڭ بىلەت تاشلىشى، پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى قاتارلىق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئالدىن تاللاش سايلىمى پىرېزىدېنتلىق سايلام يىلىنىڭ يىل بېشىدا باشلىنىپ، يىل ئوتتۇرىدا ئاخىرىلىشىدۇ. بۇ جەرياندا، ھەر قايسى پارتىيە ئىچىدىكى نامزاتلار ئۆز – ئارا رىقابەتلىشىدۇ. ئاخىرىدا، ئىككىلا پارتىيە مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ پىرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنى بەلگىلەيدۇ، سايلام رىقابىتى پىروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

2016- يىلى 18- ئىيۇلدىن 21- ئىيۇلغىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا سودىگەر دونالد ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.

2016- يىلى 25- ئىيۇلدىن 28- ئىيۇلغىچە، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.

ئىككى پارتىيەنىڭ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، نامزاتلار غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سايلام رىقابىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار  ئېلان بېرىش، نوتۇق سۆزلەش، سايلىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈش، مۇنازىرە ئويۇشتۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي پىروگراممىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سايلىغۇچىلارنى جەلىب قىلىدۇ.

دۆلەت بويىچە بىلەت تاشلاش كۈنى

دۆلەت بويىچە بىلەت تاشلاش كۈنى پىرېزىدېنتلىق سايلام يىلى 11- ئاينىڭ تۇنجى دۈشەنبىسىدىن كېيىنكى تۇنجى كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ يىللىق دۆلەت بويىچە بىلەت تاشلاش كۈنى 2016- يىلى 11- ئاينىڭ 8- سەيشەنبە بولدى.

دۆلەت بويىچە بىلەت تاشلاش نەتىجسى ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان سايلام ئۆمىكى، قائىدە بويىچە 12- ئاينىڭ ئىككىنچى چارشەنبىسىدىن كېيىنكى دۈشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاش ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ يىل 12- ئاينىڭ 19- كۈنى 538 نەپەر سايلىغۇچى پىرېزىدېنتى سايلاپ چىقىدۇ. لېكىن بۇ ئاساسەن مۇراسىم شەكلىگە ئايلىنىپ قالغان.

ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش

2017- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى، يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنت دونالدا ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىنكى يىلى 20- يانۋار قىلىپ بەلگىلەنگەن.

مەنبە: تور دۇنياسى

2016-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى

 

دىلشات سۇلتان