شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق ئايال سايرانگۈل سائۇتباي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق خەلقئارا ئاياللار جاسارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يىغۋېلىش لاگىرلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان تۇنجى شاھىتلاردىن بىرى ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق خەلقئارالىق «جەسۇر ئاياللار مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 4- مارت چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكانىڭ «بىرىنچى خانىمى» مېلېنېيا ترامپ مەخسۇس سۆز قىلدى.
پومپېئو سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز سايرانگۈل ساۋۇتبايغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. ئۇ ئىلگىرى بىر ودوختۇر ئىدى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە تۈرمىدە قىيىن - قىستاققا ئۇچرىدى. ئۇ پەقەت راست گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. ئۇ تۇنجى بولۇپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا زۇلۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ باتۇرلۇق بىلەن يىغىۋېلىش لاگىېرلىرىدىكى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى ۋە باشقا سابىق تۇتقۇنلارنى داۋاملىق ئىلھاملاندۇردى. كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ھېكايىلىرىنى دۇنياغا سۆزلەشكە باشلىدى.»
2020- يىلى 5- مارت
سايراگۈل ساۋۇتباي: بىرلەشمىسەك مىللەت سۈپىتىدە يوقاپ كېتىمىز