زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش جەھەتتىكى نۇقسانلىرى

ھانى سالاھ  

 

تۈركىستان تايمزنىڭ ئىلاۋىسى: يازغۇچى ھانى سالاھنىڭ «زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش جەھەتتىكى نۇقسانلىرى» ناملىق بۇ ماقالىسىدىكى بەزى نۇقتىلارنى ئەھمىيەتلىك دەپ قاراپ تەرجىمە قىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى «ئاز سانلىق ئۇيغۇرلار»، «ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار» دەپ ئاتىشىنى توغرا تاپمايدىغانلىقىمىزنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان بىر مۇستەملىكە رايون ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەر دائىم «مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئېلىنىشىنى ئەسكەرتىمىز. ئىككىنچىسى، يازغۇچىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان «مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىكى دىكتاتور تۈزۈملەرنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، مۇستەقىللىق پىكرىدىن خالىي، تىنچ ھەرىكەت قىلىش» قارىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىز. شۇنداقتىمۇ يازغۇچىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن مىننەتدارمىز...

 

مەيلى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىقلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئوينايدىغان رولى بولسۇن، مەيلى بىزنىڭ ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ دەۋاسىغا نىسبەتەن ئوينايدىغان رولىمىز ياكى ئادىل دەۋالىرىغا يار – يۆلەك بولۇپ،  رولىنى تەلەپكە لايىق رەۋىشتە جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى رولىمىز بولسۇن، زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار مەسىلىسىگە قارىتا توغرا شۇنداقلا تەلەپكە لايىق ئىجابىي رولنى تېپىپ چىقىش پىكرى مېنى خېلىلا مەشغۇل قىلدى.

بۇ جەھەتتە ئىزدىنىشىمگە زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ جەمئىيەت ۋە پائالىيەتچىلىرىدىكى ئىككى تۈرلۈك – قەستەن بولمىسىمۇ ئاقلىغىلى بولمايدىغان - ئېغىر زەئىپلىك ۋە يېتەرسىزلىك تۈرتكە بولدى:

بىرىنچىسى: شۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئىگىلەپ، ئۇنى خەلقئارادىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يەتكۈزۈش.

ئىككىنچىسى: ۋەزىيەت ئۆزگەرگەندە جاۋابكارلاردىن ھېساب سوراش ئۈچۈن، پۈتكۈل بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى ئەستايىدىل ۋە كەسپىي ھالەتتە ئارخىپلاشتۇرۇش؛ چۈنكى ھوقۇق، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى، كېچىكىپ كېتىشى ياكى دەل ۋاقتىدا ھېساب سوراش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولماسلىقى بىلەن يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە ئەمەس.

زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار مەسىلىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقان شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئىككى رايون بار بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ھەتتا ئۇلارنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئاھالىسىمۇ ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇ رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرنى بىلىشكە ئۇرۇنۇش جەريانىدا، مەزكۇر ئاز سانلىقلارنىڭ مەنسۇپلىرى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان قانۇن جەمئىيەتلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلەرنى دەلىللەش رولىنىڭ پۈتۈنلەي يوقلۇقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇ ئىككى رايون:

1 - سابىق بىرما، ھازىرقى مىيانمارنىڭ غەربىدىكى ئاراكان ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان روھىنگا مۇسۇلمانلىرى.

2 – خىتاينىڭ غەربىدىكى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى.

ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەش

بۇ ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار موھتاج بولۇۋاتقان نەرسە، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، رېئاللىققا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار سايىسىدا تارىخىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق كەلگۈسى ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بەزىدە كۈچىيىپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاجىزلاپ كېتىدىغان ئەيىبلەشلىرىگە قارىماي، ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، ئىشلارنىڭ يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇ دەۋا ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ پوزىتسىيەگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ:

  • توپ ئاجىز ھالەتتىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرىنىڭ مەيدانىدا تۇرماقتا؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىنسانىي ھەرىكەتلىنىش يارىتىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەيدانىدا بۆسۈش پەيدا قىلىپ، دۇنيانى مۇداخىلە قىلىشقا، ئۆزلىرىگە قىلىنىۋاتقان بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش، بۇ زۇلۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكلەردىن ھېساب سوراش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن باشقا يول يوق.
  • زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىقلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغىلا بۇ خىل قوزغىلىشقا باشلامچىلىق قىلىشقا، تەلەپ قىلىۋاتقان رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا قۇربىنىڭ يەتمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئالغا بېسىشى ئۈچۈن، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىسلامىي ۋە ئىنسانىي جەمئىيەتلەرنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەنلىكى روشەن گەۋدىلەنمەكتە.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۆزۈمنى مۇناسىۋەتلىك ئىسلامىي مۇئەسسەسەلەرنى ئەيىبلەش، توغرىسى تەنقىدلەشكە مەجبۇردەك ھېس قىلىپ قالىمەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار  پەرزەنتلىرىنىڭ دەۋالىرىغا توغرا ۋە لايىق رەۋىشتە كۈچ قوشالىشى ئۈچۈن، كۆڭۈلدىكىدەك ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش ۋە قوللاش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارايمەن.

ئىچىدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتلىرىنىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرىنى ئەيىبلەيمەن؛ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى يېتىشتۈرمەسلىك، ئىقتىدارىنى ئاشۇرماسلىق، خىزمەت ئەترەتلىرىنى مەشىق قىلدۇرماسلىق ۋە «بىر دۆلەت» رامكىسى ئىچىدە تۇرۇپ مىللىي پىلانلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، قانۇن يول قويغان دائىرىدە مۇستەقىللىق ۋە بۆلۈنۈشتىن يىراق ھالەتتە پەقەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزلىرى مەنسۇپ بولۇپ ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ باشقا پۇقرالىرىغا ئوخشاش پۈتكۈل دىنىي، مىللىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مەركەزلىشىپ، تىنچلىق ئۇسۇلدىكى كۈرەشكە مۇۋاپىق ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ چىقماسلىققا ھېچقانداق باھانىسى يوق.

ئىجتىمائىي ھەرىكەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك قاراش

ئۇنداقتا تەلەپ قىلىنىۋاتقىنى، مىيانمار (بۇرۇنقى بىرما) ياكى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ رايونى) ۋەياكى نۆۋەتتە پۈتكۈل ھوقۇق ۋە ئەركىنلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، دۆلەتلىرىدىكى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چەتتە قالدۇرۇلۇۋاتقان زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى ئويغىتىش ئۈچۈن، ماھىرلىق بىلەن پۈتكۈل ساھەلەر بويىچە ئومۇميۈزلۈك خەلق ھەرىكىتىنى باشلاشتۇر.

زۇلۇمغا خاتىمە بېرىپ، ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان خەلق ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى قىلىنىدىغان ئىش، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ چىقىش بولۇپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئاجىزلىرى، ئىمكانىيەتلىرى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپلىگەن ئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن، ۋەزىيىتى مۇقىمسىز  بولۇۋاتقان زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەتلىرى ئۆز ئالدىغا قىلىپ كېتىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.  بۇنداق ئەھۋالدا، ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە خىزمەت قىلىۋاتقان بايراقدار ئىسلامىي ئورگانلار مەزكۇر «ئىستراتېگىيەلىك پىلان» نى تۈزۈپ چىقىشقا ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

ماقالىنىڭ بۇ قىسمىدا، ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسقا توغرا چارە تېپىش يولىدىكى توغرا ھەرىكەتلىنىشنىڭ باشلانغۇچى ھېسابلىنىدىغان ئاخبارات ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى توغرىسىدىلا  توختىلىمەن.

ئاخبارات ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشىم جەريانىدا، مۇناسىۋەتلىك رايوندا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى بىلىشتىكى يېتەرسىزلىكنىڭ  قانۇنسىزلىقلارنى پاش قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولغان ئاخبارات ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆلچەملىك شەكىلدە ئارخىپلاشتۇرۇپ، كېلەچەكتە جاۋابكارلاردىن ھېساب سوراشنىڭ ئالدىنقى قەدىمى سۈپىتىدە خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرىغا سۇنغىلى بولىدىغان شەكىلدە ھەر  بىر خىلاپلىق قىلغۇچى ئۈستىدىن ماتېرىيال تۇرغۇزىدىغان قانۇن ئورۇنلىرىغىچە سۇزۇلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.

ئاخبارات ۋە قانۇنغا ئالاقىدار ئىككى نۇقسان

1 – ئاخبارات ئورۇنلىرى

زۇلۇم ئاستىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خەۋەر بېكەت ۋە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۆز ۋەتەنلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى يەتكۈزۈشىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلدىم؛ دىققەت قىلىدىغان بولساق، گەرچە ئۇلار زۇلۇم يۈز بېرىۋاتقان جاينىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا شۇ جاينىڭ ئاھالىسى، مەنسۇپلىرى بولۇشىغا قارىماي، زۇلۇم ۋە دەپسەندىچىلىكلەرگە دائىر خەۋەرلەرنى ئاساسلىقى غەرب ئەللىرىنىڭ باشقا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدىن ئالغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئۇلارنىڭ ۋە ئىسلامىي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپىسى، بۇ مەسىلىگە كەسپىي ئۇسۇلدا تاقابىل تۇرۇپ، ئاخبارات ساھەسىدىكى بۇنداق نۇقسان ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشتۇر.

2 – ھەق – ھوقۇق مۇئەسسەسەلىرى – جەمئىيەتلىرى

مەسىلەن، بىرما ياكى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئۇ يەردىن قېچىپ كەلگۈچىلەر ئارقىلىق يېتىپ كەلمەكتە؛ گەرچە ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە ئۇ ئاز سانلىقلارنىڭ پائالىيەتچىلىرى بۇ خىل دەپسەندىچىلىكلەر توغرىسىدا توختالسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ ئىشلارنى ئۆلچەملىك ھالەتتە ئارخىپلاشتۇرمىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەردە يۈز بەرگەن زۇلۇم، ئازاب - ئوقۇبەتلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار، ئۇ زۇلۇمنى قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا يارايدىغان پاكىتقا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشقا يارايدىغان زۇلۇم ھېكايىلىرىگە ئوخشاپ قالماقتا

پەقەت مىسال ئۈچۈن، بىرما ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت ئۇ ئىككى رايونغا ئالاقىدار مۇنداق ئەمەلىي بىر تەكلىپىم بار؛ ئۇ بولسىمۇ، مەيلى ئىسلامىي مەيلى ئىنسانىي بولسۇن، بارلىق ئاخبارات ۋە قانۇن مۇئەسسەسەلىرىنى ئۇلارنىڭ ناھايىتى كېچىكىپ كەتكەن بۇ ئىشلىرىدا ئۈنۈم يارىتىشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ يولدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن قېچىپ كەلگەن دۆلەتلىرىدە ئۇ مۇساپىرلارنى كۈتۈۋالىدىغان مەخسۇس رەسمىي ئىشخانا ئېچىپ، ئۇلار سۆزلەپ بەرگەن بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كىشى ئىسىملىرى، يۇرتى، نېمە ئىش بولغان، قاچان بولغان؟ دېگەندەك بارلىق تەپسىلاتلىرى بويىچە ئارخىپلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار يېڭىلىقلارنىڭ ئىزىنى قوغلاشقا؛ ئاندىن ئۇلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى باشقىلار دەپ بەرگەن باشقا ئۇچۇرلار ئارقىلىق سېلىشتۇرۇپ جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

مانا بۇلار، شارائىت يار بەرگەندە، جاۋابكارلاردىن ۋە سۈكۈت قىلغۇچىلاردىن ھېساب سوراش ئۈچۈن، مەزكۇر رايونلاردىكى ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە سۇنىدىغان كەسىپلەشكەن بىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى |ژۇرنالىست

مەنبە: ئەلمۇجتەمە ژورنىلى

http://mugtama.com/issues2/item/57025-2017-07-03-08-34-35.html