ئىقتىساد، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى سىناشتىكى ئەڭ چوڭ بىر سىنىقىدىن ئىبارەت. ئىنساننىڭ بۇ سىناقتىن ياخشى ئۆتۈپ، تاپقان مال دۇنياسىنى ياخشى يوللارغا چىقىم قىلالىشى ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىش. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى، ئۆزى جاپا تارتىپ تاپقان پۇلىنى باشقىلارغا چىقىم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى قۇبۇل قىلالىشى ئىنتايىن تەس. ئەمما بۇ سىناقتىن ياخشى ئۆتۈپ، نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغان ئىنسان ھەقىقەتەن بەخىتلىك ئىنساندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە (كىمكى ئۆزىنىڭ نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئەنە شۇلار نىجات تاپقۇچىلاردۇ)دېگەن.
قال الله تعالى«وأنفقوا مما رزقناكم من قبل أن يأتي أحدكم الموت فيقول رب لولا أخرتني إلى أجل قريب فأصَّدق وأكن من الصالحين»
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كىلىپ،ۋاي كاشكى ئەگەر ئۆمرۈم ئازراق ئۇزارتىلغان بولسا،مەن تاپقان ماللىرىمدىن چىقىم قىلىپ،ياخشىلاردىن بۇلىۋالغان بولسامچۇ!دەپ قېلىشتىن ئىلگىرى،بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مالدىن ياخشىلىق يوللىرىغا چىقىم قىلىۋېلىڭلار».(63-سۈرە10-11-ئايەتلىرى).
قۇرئان كەرىمدە زاكات 83 قېتىم زىكىر قىلىنغان، مۇتلەق چىقىم قىلىش ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر يۈزدىن كۆپتۇر. شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىدە سەدىقە ھەققىدە سۆزلىگەن ھەدىسلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر.
پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «فاتقوا النار ولو بشق تمرة» يەنى «پۇچۇق خورمىنى سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار»دىدى.(ئىمامى مۇسلىم رىۋايىتى).
ئى مال-دۇنيا ئاتا قىلىنغان كىشىلەر، ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىشقا ئالدىراڭلار. ئاللاھ بەرگەن ئىقتىسادنى سىناق، ئاللاھنىڭ ئامانىتى دەپ بىلىپ، ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان كىشىلەر تۆۋەندىكى پايدىلارغا ئېرىشىدۇ.
سەدىقىنىڭ پەزىلەتلىرى:
بىر: سەدىقە، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قايتۇرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز (مەخپى قىلىنغان سەدىقە،ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قايتۇرىدۇ).دېگەن.
ئىككى: سەدىقە بەندىنىڭ خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز(سەدىقە خۇددى سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك، خاتالىقلارنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ)دېگەن.
ئۈچ: سەدىقە، دوزاختىن ساقلىغۇچى بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز(پۇچۇق خورما بىلەن بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ دوزاختىن ساقلىنىڭلار)دېگەن.
تۆت: سەدىقە، قىيامەت كۈنى، سايىۋەن بولىدۇ ۋەياكى سەدىقە قىلغۇچىنى ئەرشنىڭ سايىسىدا بولۇشقا سەۋەپ بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «سەدىقە قىلغۇچى، ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلنىپ بولغىچە، سەدىقىسىنىڭ سايىسىدا بولىدۇ» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستا پەيغەمبىرىمىز: «يەتتە تۈرلۈك كىشى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئەرشى ئاستىدا سايىدايدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى مەخپى سەدىقە بەرگۈچىدۇر» دېگەن.
بەش: سەدىقە، كېسەللەرگە داۋا بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز:«كىسەللىرىڭلارنى سەدىقىلەر بىلەن داۋالاڭلار» دېگەن.
ئالتە: سەدىقە، قەلبى قېتىپ، ئاللاھتىن قورقۇپ كۆزىدىن ياش چىقماسلىق كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز: «سەن قەلبىڭنى يۇمشاتماقچى بولساڭ مىسكىنلەرگە تاماق بەر ۋە يىتملارنىڭ بېشىنى سىلا» دېگەن.(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى)
يەتتە: سەدىقە، ھەرخىل بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «سەدىقە بالايى-ئاپەتلەرنى قايتۇرىدۇ» دېگەن.
سەككىز: سەدىقە، سەدىقە قىلغۇچىنى ھەقىقىي ياخشىلىققا يەتكۈزىدۇ. قۇرئان كەرىمدا: «سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلارنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلمىغۇچە ھەرگىزمۇ ياخشىلىققا يېتەلمەيسىلەر». دېيىلگەن.
توققۇز: سەدىقە، سەدىقە قىلغۇچىغا گۇناھسىز پەرىشتىلەر دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «ھەركۈنى بىر پەرىشتە، ئې ئاللاھ بۇ ئادەمنىڭ چىقىم قىلغان مېلىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرسىلە دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن.
ئون: سەدىقە، ئۇ كىشىنىڭ مېلىغا بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «سەدىقە قىلغۇچىنىڭ مېلىدىن ھېچ نەرسە كەملەپ كەتمىدى» دېگەن، (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى) ئۇنىڭ مېلىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ دېمەكچى.
ئون بىر: سەدىقە، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ مېلىغا ئايلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «ئادەم بالىسى مېلىم، مېلىم دەيدۇ، بەلكى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغىنى ۋە ئۇنىڭ يەپ-ئىچكىنى، كىيىپ كونىرىتىپ بولغىنىدىن باشقىسى ئۇنىڭ ئەمەستۇر.
ئون ئىككى: سەدىقە، قىيامەت كۈنى سەدىقە قىلغۇچىسىغا نەچچە ھەسسىلەپ ساۋاپلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ قۇرئاندا: «سەدىقە قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ساۋابى نەچچە ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ» دېدى.
ئون ئۈچ: سەدىقە، ئىگىسىنىڭ جەننەتكە ئايرىم بىر ئىشىكتىن چاقىرلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ نېمە دېگەن چوڭ مۇكاپات ھە! پەيغەمبىرىمىز: «سەدىقە قىلغۇچىلار قىيامەت كۈنى جەننەتكە ئايرىم بىر ئىشىكتىن كىرىشكە تەكلىپ قىلنىدۇ» دېگەن. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى)
ئون تۆت: سەدىقە، بىر كۈن ئىچىدە روزا تۇتقان، كىسەل يوقلىغان ھەمدە جىنازا نامىزىغا قاتناشقان كىشى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇشۇ شەكىلدە ھەدىس سۆزلىگەن. (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى)
ئون بەش: سەدىقە، ئىنساننىڭ كۆڭلىنى، بۇ دۇنيادا ھەمدە ئاخىرەتتە خۇشال ۋە خاتىرجەم قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇشۇ شەكىلدە ھەدىس سۆزلىگەن.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
ئون ئالتە: سەدىقە، سەدىقە قىلغۇچى ئالىم بۇلۇپ قالسا، ئەڭ يۇقىرى مەنزىلگە ئېرىشىدۇ.
ئون يەتتە: سەدىقە، سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ئورنى كىچىدە قىيام قىلىدىغان قارىنىڭ ماقامىغا يەتكۈزىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «ئىككى كىشىگە ھەسەت قىلساق بولىدۇ، بىرى، قۇرئاننى كېچىسى قىيام قىلىپ ئوقۇيدىغان قارى، ئىككىنچىسى، ئاللاھ تائالا مال ئاتا قىلغان ۋە شۇ مالنى ھەق يولغا بۇزۇپ چاچماي چىقىم قىلغان كىشى».
ئون سەككىز: سەدىقە، سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ئىمانىغا ھۆججەت بولۇپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «سەدىقە ھۆججەت بولىدۇ» دېگەن. ئون توققۇز: سەدىقە، سەدىقە قىلغۇچىنىڭ مېلىنى پاكلايدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «ئى تىجارەتچىلەر، سىلەرنىڭ سودا-سانائەت ئىشلىرىڭلارغا بەزىبىر بىھۇدە سۆزلەر ئارىلىشىپ قالىدۇ، سىلەر ئۇنى سەدىقە بىلەن پاكىزلاڭلار» دېگەن.
يىگىرمە: سەدىقە، سەدىقە قىلغۇچىنى ئاللاھقا ۋە ئىنسانلارغا يېقىنلاشتۇرۇپ، دوزاختىن يىراقلاشتۇرىدۇ. پەيغەمبىرىمىزدىن بۇ ھەقتە مۇشۇ شەكىلدە ھەدىس سۆزلەنگەن.
يىگىرمەبىر: سەدىقە، قەبىر ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: «سەدىقە ھەقىقەتەن قەبرە ھارارىتىنى(ئوتى) ئۆچۈرىدۇ»دېگەن.
ئاللاھ ئاتا قىلغان مال دۇنيانى، ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلماي، سىقىپ-يالاپ ياشىغان بېخىل كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئاللاھ تائالا ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 180-ئايىتىدە «ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن مال-دۇنياغا بېخىللىق قىلغان كىشىلەر، بېخىللىقى ئۆزلىرىگە پايدىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىنسان ئۈچۈن ياماندۇر، ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى (ئۇنىڭ بوينىغا) تاقاق قىلىپ سېلنىدۇ».
بېخىل ھەققىدىكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە قاراپ باقايلى:
بىر: پەيغەمبىرىمىز: «قاتتىق بېخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، قاتتىق بېخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەرنى قانلارنى تۆكۈشكە، ئۇرۇغتۇققانلىق سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشكە، كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ھارام يەۋېلىشقا ئېلىپ بارغان» دېگەن.
ئىككى: پەيغەمبىرىمىز: «بېخىل، قاتتىق ھىلىگەر، خائىن، ناچار پادىشاھ جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن. (ئىمام تىرمىزى رىۋايەتى)
ئۈچ: پەيغەمبىرىمىز: «بېخىلنىڭ مىسالى خۇددى تۆمۈردىن بولغان بىر نەرسە مەيدىسىنى چىڭ قاماللىۋالغان ئادەمگە ئوخشايدۇ» دېگەن.
تۆت: پەيغەمبىرىمىز: «ئىككى ئىللەت مۇئمىندا بولمايدۇ، بىرىنچىسى، بېخىللىق. ئىككىنچىسى ئەخلاقسىزلىق» دېگەن.
بەش: پەيغەمبىرىمىز دائىم بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيتتى.
ئالتە: پەيغەمبىرىمىز: «كىشىدىكى ئەڭ يامان نەرسە، قاتتىق بېخىللىق ۋە قاتتىق قورقۇنچاقلىق» دېگەن.
بېخىل ئىنسانلار يەنە تۆۋەندىكىدەك زىيانلارنى تارتىدۇ:
بىر: باشتا سۆزلەپ ئۆتكەن سەدىقە قىلغۇچىنىڭ مۇكاپاتلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
ئىككى: ئىمانى ئاجىزلاپ قالىدۇ. چۈنكى، بېخىل مېلىنى چىقىم قىلسا، ئەجرى بولماي قالامدىكى دەپ ئاللاھقا يامان گۇمان قىلىپ سالىدۇ.
ئۈچ: كىشىلەرنىڭ يامان كۈرىشى ھەتتا يېقىن كىشىلىرىنىڭ يىراقلىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
تۆت: رىزىقىدىن مەھرۇم قالىدۇ. چۈنكى، سەدىقە مالنىڭ كۆپىيشى ۋە بەرىكەت بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
بەش: ئاللاھ بۇيرىغان چىقىملارنى قىلماي گۇناھقا چۈشۈپ قىلىشقا سەۋە بولىدۇ.
ئالتە: بېخىلنىڭ بېخىللىقى ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى، بۇ دۇنيادا ئاللاھ رۇخسەت قىلغان لەززەتلەردىن مەھرۇم قويىدۇ.
يەتتە: بېخىلنىڭ مېلى ئويلىمىغان يەردىن تالاپەتكە ئۇچرايدۇ.
سەككىز: بېخىللىق ئىنساننىڭ ئېيىپىنى ئېچىۋېتىدۇ.
توققۇز: بېخىللىق، بېخىلنى تاپقان مېلىنىڭ لەززىتىنى تېتىماستىن توختىماي جاپا تارتىپ ئېشەكتەك ئىشلەشكە ئېلىپ بارىدۇ.
ئون: بېخىللىق، ئىنساننى ھەرخىل پەسكەشلىك ۋە ناچارلىقلارغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئون بىر: قاتتىق بېخىللىق مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامىتىدىن چىقىرىپ، مۇناپىقنىڭ ئالامىتىگە ئېلىپ بارىدۇ.
ئون ئىككى: بېخىللىق، ئىنساننى ئىنسانىي سۈپەتتىن يىراقلاشتۇرۇپ، ھايۋانىي سۈپەتكە ئىگە قىلىپ قويىدۇ.
بىر قىسىم ئالىم ئۇستازلىرمىزغا ۋە ياخشى سالىھ بايلىرمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ھەقىقەتەن ئۇلار قولىدىن كېلىشچە ياردەملەرنى قىلدى. بىز تۈركىيەگە كەلگەندىن بىرى شۇلارنىڭ ياردىمىدە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇللىرىدا تەمىنلىنىپ مۇشۇنچىلىك ياخشى ھالەتتە ياشاۋاتىمىز. لېكىن تولىمۇ ئەپسۇس بىر قىسىم بايلار ھەقىقەتەن بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالدى، بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئىش بولدى. راس گەپنى قىلساق، مىسىردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، تۈركىيەدىكى كونا ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، ھال-ئەھۋالى تېخى ياخشىلنىپ كەتتى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇللىرى ھەل قىلىنىپ بولۇنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ شەخسى چىقىملىرى، بەزى بىر، دەپتەر-قەلەم پۇللىرى، مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش كىرا پۇلى، چۈشلۈك تاماق پۇلى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىشلىق كىيىم-كىچەكتەك بەزى لازىمەتلىكلىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدىغانغا قېشىدا پۇل يوق، باشقىلاردىن تېخى سورىيالمايدۇ، قىزلارمۇ ھەم شۇنداق ھالەتتە.
بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سورايدىغان كىشى تېخى يوق، مۇشۇنداق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەسلى قول ئىلكىدە بار بولغان كىشىلەر بۇلارنى ئويلاپ، ئۆزلىكىدىن ھەرىكەتكە كىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراپ، ئۇكىلىرىم كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، بىز سىلەرنىڭ داداڭلار ۋە ئاكاڭلارنىڭ ئورنىدا، بىزلەرنىڭ پۇللىرمىز سىلەرنىڭ پۇلۇڭلار دەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى جەھەتتىن يۈرىكىنى كۆتۈرۈپ، ئازتولا ئىقتىسادىي ياردەملەرنى قىلىپ تۇرۇشى لازىم ئىدى.
مەن خېلى ئوقۇغۇچىلاردىن ئەھۋال ئىگەللەپ باقتىم، دېگۈدەك ھەممىسىننڭ ئەھۋالى خېلىلا ئېغىر ئىكەن، ئايدا 350 لىرا بۇرۇس(ئوقۇش ياردەم پۇلى) ئالىدىغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ پۇلنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش، چۈشلۈك تاماق، دەپتەر-قەلەم ئېلىش ۋە بەزى بىر كىچىك ئىشلىرىغا يەتمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، مىنىڭغۇ بۇرۇسۇم بار، تىجەپ ئىشلەتسەم بىر ئايلىق تۇرمۇشۇم كېتىپ بارىدۇ. ئەمما پەقەت بۇرۇس ئالمايدىغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر.
بۇ ئىنتايىن يامان ئىش بولدى. ئوقۇغۇچىلار بۇ غەملەردە ئوقۇشىنىڭ ئالغا بېسىشى قىيىن. يا ئۇلار دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىش تاپالمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئوقۇغان بارلىق چوڭلىرمىز ۋە بايلىرمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ئاسانلىق بەرسۇن،ئامين، ئامىن، ئامىن!!
2017/10/21 شەنبە
ئەھمەد ئۈمىدۋار