ئۇيغۇر ئانا - بالا يۇرتىدا قاپسىلىپ قالدى، ئاۋسترالىيە بېيجىڭنى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر سادام ۋە ئايالى نادىرە 2017- يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگىرلارغا قامىشى سەۋەبلىك ئىككى دۆلەتتە ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگىرى سىياسىتى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىللىلىرىنى خانىۋەيران قىلدى، چەتئەللەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى ھەر كۈنى دەككە - دۈككە ئىچىدە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىدى. يېقىندا، ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر سادام ۋە ئايالىنىڭ ئايرىۋېتىلگەنلىك ھېكايسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى. تۆۋەندە، ئۇنىڭ «گىرمانىيە ئاۋازى» بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

(گىرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى، 2019- يىلى 18- ئىيۇل) سادام ئابدۇسالام ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى لۇتفىمۇ ئاۋسترالىيە گراژدانى. لېكىن ئۇ توغۇلغاندىن بۇيان ئانىسى نادىرە بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان)غا قاپىسلىپ قالدى. نادىرە بىر مەزگىل «قايتا تەربىيلەش لاگىرى»غىمۇ قامالدى. سادام ئۆتكەن ئىككى يىلدا تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئائىلىسىنى جەم قىلىشقا تىرىشتى.

ئۇ گىرمانىيە ئاۋازىغا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆتكەن ئىككى يىلنى ھەر كۈنى دەككە - دۈككە ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم، چۈنكى مەن ئايالىم ۋە بالامنىڭ ئەتە يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىنى بىلمەيتتىم، مەن بۈگۈننىڭ ئۇلار بىلەن ئاخىرقى قېتىم  كۆرۈشۈشۈم بولۇپ قالامدۇ - يوق ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. ئەگەر نادىرە يەنە قايتا تەربىيلەش لاگىرىغا ئېلىپ كېتىلسە، خىتاي ھۆكۈمىتى لۇتفىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟»

پارچىلانغان ئۇيغۇر ئائىلىسى

سادام 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە ئېغىر ساقچى - خەلق توقۇنۇشى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئاۋسترالىيەگە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش ئۈچۈن بارغان، ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلغان، 2013- يىلى ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولغان. ئۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئايالى نادىرە بىلەن تونۇشقان بولۇپ، ئىككەيلەن ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئالاقىسىنى ساقلاپ تۇرغان. ئۇ 2016- يىلى 8- ئايدا ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ نادىرە بىلەن توي قىلغان ھەمدە كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا ئامېرىكا ۋە تۈركىيەگە بېرىپ شىرىن ئاي ئۆتكۈزگەچ تۇغقان يوقلىغان.

ئىككەيلەن تۈركىيەدە ساياھەت قىلىۋاتقاندا، نادىرە ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇرتىنىڭ تائاملىرىنى سېغىنىدۇ. ئەينى ۋاقتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا تېخى لاگىر سىياسىتىنى يولغا قويمىغان بولغاچقا، سادام ۋە نادىرە 2017- يىلى 4- ئايدا نادىرە يۇرتىغا قايتىپ تۇرۇش، سادام بولسا ئاۋسترالىيەدە قېلىپ جەم بولۇش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش قارارىغا كېلىدۇ. لېكىن بۇ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئاخىرقى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ قالىدۇ.

سادام گىرمانىيە ئاۋازىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى ۋاقتتا ئۈرۈمچى يەنىلا بىخەتەر ھېسابلىناتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ توغۇتنى ساقلىشىنى قارار قىلدۇق، كېيىنچە ھەممە ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندە، مەن ئۇنى ۋە پەرزەنتىمنى ئاۋسترالىيەگە ئەكىلىپ جەم بولماقچى ئىدۇق.»

ئىككى كىشىدىن ئايرىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، سادام بىر كۈنى تويۇقسىز نادىرەنىڭ خەۋىرىنى تاپشۇرۋالىدۇ، ساقچىلار ئۇلارنى ئۆيىگە ئىزدەپ كېلىپ ھەممەيلەننىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. لېكىن نادىرە سادامغا، ئۆزلىرى قايتىش ۋاقتىدا ساقچىلار پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەينى ۋاقتتا سادامنىڭ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولىدۇ، ئۇ يامان ئىشلار يۈز بېرىدىغاندەكلا ھېس قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، مېنىڭ كۆڭلۈمنى قورقۇنچلۇق تۇيغۇلار قاپلىۋالدى، لېكىن ئايالىم ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چۆچۈپ كەتمىسۇن دەپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئەندىشىلىرىمنى بەك ئورتاقلاشمىدىم»

2017- يىلى 8- ئايدا، نادىرە ئوغلى لۇتفىنى تۇغىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تۈركىيە ياكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى «قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرى»غا قاماشقا باشلايدۇ. سادام نادىرەدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، چۈنكى ئىككەيلەن 2016- يىلى تۈركىيەگە بارغان. لۇتفى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، نادىرەنىڭ دوستلىرى سادامغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ «قايتا تەربىيلەش لاگىرى»غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. سادام مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇنىڭ قايتا تەربىيلەش لاگىرىغا ياكى تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلەلمىدىم، ئۇنىڭ دوستلىرى ماڭا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن مېنى ئۈندىداردىن يۇيىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ ۋە لۇتفىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىشكە ئامالسىز قالدىم.»

نادىرە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ، لېكىن ساقچىلار ئۇنىڭغا لۇتفى بىر ياشقا تولغاندا ئىلگىرى تۈركىيەگە بارغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يەنە لاگىرغا سولىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئاۋسترالىيەدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ساقچىلىرى ئەينى ۋاقتتا نادىرەگە ئەگەر ئىككىنچى قېتىم لاگىرغا قامالسا، لۇتفىنىڭ مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن تەىسس قىلىنغان رايونغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا بىر خىتايچە ئىسىم قويۇپ بىر خىتاي ئائىلىسىگە بېقىۋېلىشقا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

 11316860-3x2-700x467

چەتئەلدىكى سادام بىلەن ئالاقىلاشسا يەنە لاگىرغا قامىلىشىدىن ئەنسىرەپ، نادىرە پەقەت ئۆزى ۋە لۇتفىنىڭ رەسىمىنى ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويىدۇ، سادام كۆرۈپ ياخشى كۆرۈشنى باسقاندىن كېيىن، رەسىم ۋە سىنلارنى يۇيىۋتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، نادىرە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سادام بىلەن سىنلىق ئالاقە قىلىشنى خەتەرلىك دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق ئالاقىلىشىدۇ. سادام مۇنداق دېدى: «نادىرە ھەر كۈنى لۇتفى ئىككىسىنىڭ رەسىم ۋە سىنلىرىنى دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەيدۇ، مەن مەزمۇننى كۆرۈپ، ياخشى كۆرۈشنى باسقاندىن كېيىن، ئۇ رەسىم ۋە سىنلارنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ. مەنمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئاۋسترالىيەدىكى تۇرمۇشۇمنى

ھەمبەھىرلەپ تۇردۇم، ئىككىمىز مۇشۇ خىل شەكىلدە ئالاقىنى ساقلىدۇق.»

قاتمۇقات قىيىنچىلىق ئىچىدىكى گراژدانلىققا ئىلتىماس قىلىش جەريانى

لۇتفى ۋە نادىرەنى تېزدىن ئاۋسترالىيەگە ئېلىپ كېلىپ ئائىلىسىنى جەم قىلىش ئۈچۈن، سادام 2018- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ لۇتفىغا ۋاكالىتەن ئاۋسترالىيە گراژدانلىقىغا ئىلتىماس قىلىشقا باشلايدۇ. لېكىن، ئىككەيلەن لۇتفى توغۇلغاندىن بۇيان ئۇچرىشىپ باقمىغان بولغاچقا، بۇ ئىلتىماس جەريانىنى قاتمۇقات قىيىنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە ئىككەيلەننىڭ ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، نادىرە لۇتفىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىكى تەجرىبىخانىغا بېرىپ DNA ئەۋرىشكىسى ئالغۇزىدۇ ۋە نەتىجىسىنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئاۋسترالىيەگە سېلىپ بېرىدۇ.

49628740_404

سادامنىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلى لۇتفى 2017- يىلى توغۇلغاندىن بۇيان، ئۇ ئانىسىنىڭ ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچرايدۇ، ئاۋسترالىيەگە كېلىپ دادىسى سادام بىلەن جەم بولالمايدۇ.

ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك دوختۇرلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ لۇتفى بىلەن سادامنىڭ DNA نىڭ %99.99 ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى لۇتفىنىڭ DNA نىڭ بەلگىلەنگەن تەجرىبىخانىدا ئېلىنمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىككەيلەننىڭ دادا - بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. سادام گىرمانىيە ئاۋازىغا مۇنداق دېدى: «ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بېكىتكەن تەجرىبىخانىلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە جايلاشقان، لېكىن ئايالىم شىنجاڭدىن ئايرىلالمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلەنگەن تەجرىبىخانىغا بارالمىدى. ئىلتىماسىم مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، مەن مەمۇرىي جەھەتتىن سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش قارارىغا كەلدىم.»

تۆت ئايغا سوزۇلغان تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سوت مەھكىمىسى سادامنىڭ DNA دوكلاتىنى يالغاندىن ياساش ئىمكانىيىتىنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ، ھەمدە ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئىككەيلەننىڭ ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئېتىرا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككى ئايلىق ئىلتىماس تەرتىپلىرىدىن كېيىن، لۇتفى 2019- يىلى 4- فېۋرال مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاۋسترالىيە گراژدانى بولىدۇ. لېكىن خىتاي پۇقراسى بولغان نادىرە پاسپورتىنى قايتۇرۇپ ئالالمىغاچقا، لۇتفى ئىككىسى داۋاملىق قاپسىلىپ قالىدۇ. سادام مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى مەن كۆرسەتكەن بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشى ئارقىلىق لۇتفىنى ئاۋسترالىيەگە ئېلىپ كېلىشىمنى تەلەپ قىلدى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئىككى يىلدا نۇرغۇن قېتىم مېنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىمنى رەت قىلغان بولغاچقا، مېنىڭ ئايالىم ئۇنى ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىردىنبىر كىشى بولۇپ قالدى.»

سادامنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نادىرەنىڭ پاسپورتىنى داۋاملىق مۇسادىرە قىلىدىغان ئاساى يوق، چۈنكى ئۇ ھېچ قانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان. ئۇ غەزەبلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىغاندا نېمە ئۈچۈن ئايالىمنىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشى كېرەك.»

ئاۋسترالىيە خىتاينى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئاۋسترالىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىسە پېين 17- ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، نادىرەنىڭ شىنجاڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سادام ئائىلىسىگە ئىھتىياجلىق ياردەمنى داۋاملىق تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ نادىرەنىڭ ئاۋسترالىيە پۇقراسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. لېكىن ئۇ مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى نادىرە ۋە لۇتفىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىشىگە يول قويۇشقا رەسمىي چاقىرىق قىلدى.»

ئاۋسترالىيە تەرەپ تىلغا ئالغان ئەھۋالغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ چارشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئاۋسترالىيە تەرەپ ئىككى تەرەپ قاناللىرى ئارقىلىق خىتاي تەرەپكە تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بەرسە، خىتاي تەرەپ كېرەكلىك ياردەملەرنى بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇزۇندىن بۇيان، بىز ئىزچىل مۇشۇنداق قىلىۋاتىمىز.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ ئاۋسترالىيە بۆلۈمى مەسئۇلى ئېلېين پىئېرسوننىڭ قارىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى سادام ئائىلىسىنىڭ مەسىلىسىنى ئادەتتىكى كونسۇلخانا دىلوسى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلماسلىقى كېرەك، بەلكى سىياسىي جەھەتتە خىتايغا توختىماستىن بېسىم قىلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى:«ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم خىتايدىن شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرىغا قامالغان بارلىق ئاۋسترالىيە پۇقرالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى كەسكىن شەكىلدە تەلەپ قىلىشى كېرەك، بۇ ئەلۋەتتە لۇتفى ۋە نادىرەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە بۆلۈمىنىڭ كومىسسارى نىكىتا ۋايتنىڭ قارىشىچە، نۇرغۇن ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى «قايتا تەربىيلەش لاگىرى»غا قامالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ياكى ئائىلىسىدىن ئەنسىرەپ سۈكۈت قىلىشنى تاللايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىلوسىنى داۋاملىق پاش قىلىشى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىن ئايرىلغانغا قەدەر دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق خىتايغا داۋاملىق بېسىم چۈشۈرۈشى لازىم.»

سادام ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە قاناللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئايالىم ۋە بالامنىڭ ھازىر خىتايدىن ئايرىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ، چۈنكى مەن خىتاينى بىر ئانا - بالا ئارقىلىق ئابرويىنى تۆكۈشنى خالايدۇ دەپ قارىمايمەن. مەن نادىرە ۋە لۇتفىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن، داۋاملىق ھالدا بۇ دەۋانى قىلىمەن.»