خىتاي يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «جەمئىيەتكە قايتقانلىقى»نى ئېيتتى
نيۇيورك ۋاقت گېزىتى، 2019- يىلى 30- ئىيۇل
خىتاي ئەمەلدارلىرى سەيشەنبە كۈنى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان «قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرى»غا قامالغان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ غايەت زور قاماق سىستېمىسىدا بىر مىليوندىن كۆپ كىشىنىڭ قامالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىدى. لېكىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي سىياسىتى مۇتەخەسىسلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار شۇ ھامان بۇ سۆزلەرگە رەددىيە بەردى.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان - ت) رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا كەڭ كۆلەملىك قويۇپ بېرىش ھادىسىسى بولغانلىقىغا دائىر ئىسپات يوق، يەنە كېلىپ، نامدا قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرمۇ يەنىلا ئەسىر قىلىنغا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئىزچىل خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە بەش بۈرجەكلىك بىنا ئۇزۇن ۋە كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ مۈجمەل بايانلارنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە كومپارتىيەنىڭ داۋاملىق ھالدا «بارلىق دىنىي ئېتىقادلارغا ئەسەبىي دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
بېيجىڭ تەرەپنىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن باياناتى، خۇددى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىغا قارىتا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان تەنقىدلىرىنى پەسكويغا چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغاندەك قىلاتتى. بۇ بايانات ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى نەپەر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئاستىرتتىن كۆپ قىسىم قامالغۇچىلارنىڭ ئاللىبۇرۇن «جەمئىيەتكە قايتقانلىقى»نى ئىشارەت قىلدى. شىنجاڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، خىتاي كوممۇنست پارتىيىسى ئۇ يەردىكى شەھەر - بازارلاردا ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسى ۋە مۇسۇلمانلارنى قامايدىغان لاگىرلارنى قۇرۇپ چىققان، قامالغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىي تىلدا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئىدى.
باش شىتابى ميۇنخېنغا جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر تەشكىلات بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ «بىر خىل ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان شۈبھىلىك بايانات ئەندىزىسى» قوللانغانلىقىنى ئېيتتى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «بەلكىم بىز بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاڭلىغان ئۇچۇرلارنىڭ بەزىلىرى راست بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار يالغان ئىچىگە ئورالغان بولۇپ، ھەقىقەت ۋە سەپسەتە ئارىلىشىپ كەتكەن.»
غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا كەڭ كۆلەملىك قاماپ قويۇش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئاللىبۇرۇن بۇ مەسىلىگە قول تىقىپ ئارىلىشىشقا باشلىدى، گەرچە مالىيە مىنىستىرلىقى سودا سۆھبىتىگە خەۋپ يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئاستىرتتىن ئىمبارگو يۈرگۈزمەسلىك تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش بىلەن تەھدىت سالدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى (تاشقى ئىشلار - ت) مىنىستىرى مايك پومپېئو بۇ ئاينىڭ بېشىدىكى بىر سۆزىدە، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى قاماپ قويۇش سىياسىتىنىڭ «بۇ ئەسىر يۈزىدىكى داغ» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە بەش بۈرجەكلىك بىنا سەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ تەقىبكە ئۇچرىماستىن بارلىق لاگىرلارغا ۋە قامالغۇچىلارغا يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ «شىنجاڭدىن ۋە خىتايدىن ئەركىن ئايرىلىشىغا يول قويۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى بىردىنبىر ئەنسىرەيدىغان نۇقتىسى ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار يىغىۋېلىش لاگىرى سىرتىدىكى تەقىب سىستېمىسىنى ھەمدە يېتەرلىك دەلىللەر ئارقىلىق دەلىللەنگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۆرپ - ئادەتلىرىگە رىئايە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يەنە، يىغىۋېلىش لاگىرلىرى بىلەن چېتىشلىق زاۋۇتلارغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇيغۇرلار ئۇ جايلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياردەمچىسى راندال شرىۋېر (Randall G. Schriver)، 5- ئايدا مۇخبىرلارغا ئۇ قاماپ قويۇش ئورۇنلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ئىكەنىكىنى، ئاز دېگەندە 10 مىليوندەك نوپۇسنىڭ بىر مىليونىنىڭ، قاماپ قويۇلغانلىقىنى، ھەتتا قاماپ قويۇلغۇچىلار سانىنىڭ ئۈچ مىليونغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ئۇ، بۇ ئۈچ مىليون كىشى بىرلا ۋاقتتا قاماپ قويۇلغان مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتەمدۇ ياكى بىر مەزگىلدىن بۇيان قاماپ قويۇلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىمۇ ۋە ياكى بۇ ئارىدا قويۇپ بېرىلگەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىدى.
خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ قاماپ قويۇش ئورۇنلىرىنى ياخشى نىيەتتە قۇرۇلغان، خىتاي تىلى ۋە كەسپىي تەربىيە بېرىدىغان ئورۇنلار دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا «ھازىر كۆپىنچە كىشى پۈتتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولدى» دېدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بويىچە قاماپ قويۇش لاگىرلىرىنى «مائارىپ تەربىيلەش مەركەزلىرى»، لاگىرغا قامالغۇچىلارنى بولسا «كۇرسانتلار» دەپ ئاتىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپىنچە كىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتى، %90 تىن ئارتۇق كۇرسانت جەمئىيەتكە قايتىپ، ئائىلىسىدە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.»
ئەركىن تۇنىياز ۋە شۆھرەت زاكىر بۇ لاگىرلارغا قامالغانلار سانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. بۇ لاگىرلار ئادەتتە قورشاۋ تام ۋە ساقچى قاراۋۇلخانىسى بولغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلاردىن تەشكىل تاپقان.
خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان خەۋەرلەرنى بەردى. بەلكىم ئۇلار خاتا گەپ قىلىپ قويۇپ، دۆلەت تاراتقۇلىرى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قىسقارتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىر قىسىم خەۋەرلەردە، شۆھرەت زاكىرنىڭ %90 تىن ئارتۇق قاماپ قويۇلغۇچى جەمئىيەتكە قايتتى دېگەنلىكى نەقىل قىلىندى. باشقا خەۋەرلەردە بولسا، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ ئاللىبۇرۇن مۇۋاپىق خىزمەت تاپقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى نەقىل قىلىندى.
يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان گىرمانىيەلىك مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىكى بارغانسىرى كۆپ دەلىل - ئىسپاتلار شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدىكى قامالغۇچىلار ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئەمگەك تۈرلىرىگە يۆتكىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇ يەرلەردە، ئۇلار ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشقان زاۋۇتلارنىڭ نازارىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن رەسمىي قاماپ قويۇشتىن جەمئىيەتتە كونترول قىلىشقا يۆتكەلدى. ئۇلارنىڭ بارلىق كىشىلەرنى كونترول قىلىدىغان چوڭ بىر پىلانى بار، پەقەت لاگىردىكى كىشىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى لاگىر سىرتىدىكىلەرنىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدۇ.»
ئىسپات توپلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قويۇپ بېرىلدى دېگەن سۆزىنى ئىسپاتلاش ئىنتايىن قىيىن. چەتئەل مۇخبىرلىرى رايوننى زىيارەت قىلغان ۋاقتتا قاتتىق نازارەت ۋە كونتروللۇققا ئۇچرايدۇ. مۇستەقىل تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر رايونغا ئەركىن كىرىپ - چىقالمايدۇ.
چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كەڭ كۆلەمدە قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلارنى كۆرمىگەن.
سەيشەنبە كۈنى، ئىككى نەپەر ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ھېلھەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئائىلە ئەزالىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. فلورىدادا تۇرۇشلۇق زىبا مۇرات ئىسىملىك خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تېخىچە كېسەلچان ئانىسى گۈلشەن ئابباس ۋە چوڭ ئانىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالمىغان. بۇلتۇر 9- ئايدا، ئۇ ئىككەيلەن شىنجاڭدىكى ئائىلىسىدە يوقاپ كەتكەن.
ئۇ ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «مەنچە ئۇلار يالغان ئېيتىۋاتىدۇ» دېدى.
ۋىرجىنىيەدە ئولتۇرۇشلۇق فۇرقەت جەۋدەتنىڭ بىلدۈرشىچە، ئۇنىڭ تاغىسى ۋە ھاممىسى ھېلھەم غايىب بولغان ھالەتتە. ئۇنىڭ ئانىسى مىنەۋەر تۇرسۇن 2018- يىلى 2- ئايدىن بۇيان ئىزچىل قاماپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 5- ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. بۇ جەرياندا ئۇ سالامەتلىكى سەۋەبلىك ئېغىر تالاپەت تارتقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىككى ئىنىسىمۇ قويۇپ بېرىلگەن.