پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى: خ ك پ نىڭ ئاق تاشلىق كىتابى ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر

(بوشۈن تورىدا بېيجىڭ ۋاقتى 2019- يىلى 25- ئىيۇن ئېلان قىلىنغان)

ئاپتور: پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى

2019- يىلى 18- ئاۋغۇست تۈركىستان ۋاقتى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى

7- ئاينىڭ 21- كۈنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق يەنە بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

كىتاب كىرىش سۆز، يەتتە باب ۋە خۇلاسىدىن تەركىب تاپقان.

مەن بۇ ماقالىدە ئىلمىيلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە ئاساسەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىئىنەزەرلەرگە رەددىيە بېرىمەن.

كىتابنىڭ «كىرىش سۆز» قىسمى:

مەيلى تارىخىي ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن، تارىخقا ھۆرمەت قىلىش مەيدانىدىن ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاق نۇقتسىدىن بولسۇن، بۇ ئاق تاشلىق كىتابقا قارىغاندا بۇ كىتابنى «قالايمىقان جۆيلۈش» دېيىشكە بولىدۇ، مېنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنلۈك ئاۋازدا «قۇرۇق گەپ!» دەپ توۋلىغىم كەلدى.

ئۇنىڭ نەتىجىسىنى خىتاي تىلىدىكى بىر ئىدىئوم ئارقىلىق ئىپادىلەش ناھايتى مۇۋاپىق: «تاش يۆتكەپ ئۆز پۇتىنى چېقىش».

بىرىنچى، «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قسىمى» مەسىلىسى

ھەممىگە ئايانكى، جۇڭخۇا مىنگو يەنى خىتاي 1912- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى قۇرۇلغان. 1911- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنخەي ئىنقىلابى پارتلاپ ئىككى ئايدىن كېيىن، جۇڭخۇا مىنگو 1912- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمدارى شۈەنتوڭ تەختتىن چېكىنگەنلىك پەرمانىنى ئېلان قىلدى، جۇڭخۇا مىنگو رەسمىي ھالدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

(https://zh.wikipedia.org/zh/%E4%B8%AD%E8%8F%AF%E6%B0%91%E5%9C%8B)

جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، بۈگۈنكى خىتاي زېمىنى مانجۇلارنىڭ دۇنياسى ئىدى. دۆلەتنىڭ نامى مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى ياكى چىڭ سۇلالىسى (1636 - 1912- يىللار) ئىدى. (https://baike.baidu.com/item/满清帝国)

ئۇندىن بۇرۇن، بۈگۈنكى خىتاي زېمىنى ۋە ئۇتتۇرا ئاسىيا رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ يېرىمى مۇڭغۇللار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدى. مۇڭغۇللار بىلەن تۇرپان قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىرلىكتە دۇنيانى سورايتتى. چىڭگىزخاننىڭ باش ۋەزىرى، مۇشاۋىرى، ۋەزىرلىرى، سانغۇنلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى چىڭگىزخان تەرىپىدىن رەسمىي يېزىق سۈپتىدە ئىشلىتىلگەن. ئەينى ۋاقتتا چىڭگىزخان ھەر قايسى جايلارغا ئەۋەتكەن مەكتۇپ ۋە پەرمانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر يېزىقى (كېينكى مۇڭغۇل يېزىقى ۋە مانجۇ يېزىقى) بىلەن يېزىلغان. تارىختا بۇ دەۋر يۈەن سۇلالىسى (1271 - 1368) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

(https://baike.baidu.com/item/%E5%85%83%E6%9C%9D/266205)

ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى تارىخىي ھەقىقەتلەرنى بۇ يەردە تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن.

سوئال: قەدىمدىن بۇيان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «شۇ دۆلىتى» (蔬国)، «غەربىي يۇرت» (西域) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن زېمىن قانداقسىگە 1912- يىلى ئاندىن قۇرۇلغان جۇڭگو زېمىنىنىڭ «ئايرىلماس بىر قسىمى» بولۇپ قالىدۇ؟

ئىككىنچى، «شىنجاڭ ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستان ئەمەس» مەسىلىسى ھەققىدە

شۇنداق، شەرقىي تۈركىستان دېيىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بۈيۈك تۈركىستان ھەققىدە توختىلىشىمىز لازىم. «تۈركىستان» ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەب جۇغراپىيە ئەسەرلىرىدە كۆرۈلگەن بىر جۇغراپىيەلىك ئىسىم بولۇپ، «تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتى» دېگەن مەنىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىر دەرياسىنىڭ شىمالى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

(https://baike.baidu.com/item/突厥斯坦)

ئىتالىيەلىك داڭلىق سەيياھ ۋە سودىگەر ماركو پولو (1254- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن - 1324- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە) ئۆزىنىڭ «ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى»دە، ئەينى ۋاقتتا ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن قەشقەر، يەركەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنى «تۈركىستاندىكى گۈزەل شەھەرلەر» دەپ تەسۋىرلىگەن. (https://baike.baidu.com/item/马可·波罗)

18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چارۇسىيە تۈركىستانغا بېسىپ كىرىشكە باشلىدى، ئارقىدىن تۈركىستاننىڭ غەربىنى ئىشغال قىلدى، مەنچىڭ دۆلىتى بولسا تۈركىستاننىڭ شەرقىگە بېسىپ كىردى. شۇنداق قىلىپ بۈيۈك تۈركىستان ئىككىگە بۆلۈندى. رۇسىيە ئىشغال قىلغان قىسمى (ئوتتۇرا ئاسىيا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غەربىي تۈركىستان، مەنچىڭ دۆلىتى ئىشغال قىلغان قسىمى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدۇ.

1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بۇ دۆلەت بايرىقى، مارشى، گىرىبى، پارلامېنتى ۋە ئارمىيىسى قاتارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرى تولۇق بولغان بىر دۆلەت ئىدى. بۇ دۆلەت گەرچە ئاران ئالتە ئاي مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، لېكىن پاسپورت ۋە پۇل تارقاتقان.  (https://baike.baidu.com/item/东突厥斯坦伊斯兰共和国)

1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدا (ئۈچ ۋىلايەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبەك، قىرغىز، تاتار قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر بىرلىشىپ مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەتنى - شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ دۆلەت سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى، گىرىبى، مارشى ۋە پارلامېنتى قاتارلىق ئاپپاراتلىرىغا ۋارسلىق قىلغان. بۇ دۆلەتنىڭ خېلى كۈچلۈك مىللىي ئارمىيىسى بار ئىدى، پۇل ۋە پاسپورتمۇ تارقاتقان. 1946- يىلى 6- ئايدا، سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە خ ك پ نىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى ۋە خائىنلىق قىلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ساددىلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمۇ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. (https://www.wikiwand.com/zh-cn杔突厥斯坦共和國.)

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، سابىق دۆلەت رەئىسى لى شيەننيەننىڭ كۈيئوغلى لىيۇ ياجو گېنېرالنىڭ غەربىي يۇرت نەزەرىيەسىدىمۇ بۇ ئۇقۇم بايان قىلىنغان. ئۇ ئادرىئاتىك دېڭىزىدىن تارتىپ خىتاينىڭ يۈمېنگۈەنگىچە بولغان كەڭ زېمىنغا «تۈركىستان» دەپ ئېنىقلىمغا بەرگەن. (http://cn.rfi.fr/首页/20100809=刘亚洲中将的西部论。)

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماتېرىياللار ۋە ھەقىقەتلەر بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بۈيۈك تۈركىستاننىڭ شەرقىي يېرىمىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈچىنچى: «شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى». تۆتىنچى، «ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆچۈش جەريانىدا شەكىللەنگەن». بەشىنچى، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى».

يۇقاردىكى ئۈچ تېما ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەن ھەممىسىنى يىغىنچاقلاپ بىراقلا رەددىيە بېرىمەن.

ئالدى بىلەن بىز بىرلىكتە خ ك پ نىڭ يېتەكچىلىكىدە نەشىر قىلىنغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» خىتايچە نەشىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىنى ئوقۇپ چىقايلى:

«تۈركىي تىللار دىۋانى» بولسا ئەرەب تىلى ئارقىلىق تۈرك تىلىنى ئىزاھلىغان بىر لۇغەت بولۇپ، 11- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى تاماملانغان. تۈزگۈچىسى قەشقەردە توغۇلغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى.

مەھمۇد قەشقىرى شەرقىي قارخانىيلار گۈللەنگەن مەزگىلدىكى داڭلىق ئالىم، ئۇ 11- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىن 11- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ياشىغان بولۇپ، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن دەۋرداش.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» بىزنى 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل، يېزىق، تارىخ، ئۆرپ - ئادەت، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، يېزا - ئىگىلىك، قول سانائىتى، تىبابەت، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلىرىگە ئائىت مول بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەينى ۋاقتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى بىر قامۇس دېيىشكە بولىدۇ. لۇغەتتە جەمئىي 7500 سۆز بار. جۇغراپىيە ۋە تاغ - دەريالار قىسمىدا، ئۆزى سىزغان خانلىقلارنىڭ چېگرىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيەلىك خەرىتىسى قوشۇمچە بېرىلگەن. لۇغەتتە يەنە، 242 خەلق ناخشىسى، 200 دىن ئارتۇق ماقال - تەمسىل ۋە ئەقلىيە سۆز قوللىنىلغان. لۇغەتنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى قىممىتى بار. لۇغەتتە سۆز ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن بولۇپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرى بىلەن ئەرەب تىلى ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىنغان، بۇ ياۋروپادا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقتىن 800 يىل بۇرۇن ئىدى. ئەينى ۋاقتتىكى تۈرك تىللىرى گرامماتىكىسىنىڭ ئىلمىي چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە سىستېمىلىقلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئەينى دۋەرنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىجەزى قەتئىي شۇنداقلا بىلىمى مول بولغان مەھمۇد قەشقەرى گەرچە دانا ھۆكۈمران سالاھىيىتىدە تارىخقا يېزىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر ئۇلۇغ ئالىملىق سالاھىيىتى ۋە ئەسىرى بىلەن كېيىنكىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولدى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» خىتايچە تەرجىمىسى:

بىرىنجى توم:

http://ishare.iask.sina.com.cn/f/4971047.html  

ئىككىنجى توم:

http://ishare.iask.sina.com.cn/f/4971058.html  

ئۈچىنجى توم:

http://ishare.iask.sina.com.cn/f/4971067.html

http://www.cssn.cn/zt/zt_xkzt/zt_wxzt/bw4/bw4lz/201503/t20150320_1555176.shtml”

بىز يەنە لىيۇ ياجو گېنېرالنىڭ غەربىي يۇرت نەزەرىيەسىدىكى ئىلمىي ئېنىقلىمىغا قاراپ چىقايلى:

«ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا 10 مىللەت چېگرا ئاتلاپ ئولتۇراقلاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى كۆپ قىسىم ئاھالە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، تۈركىي مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۆرپ - ئادەتلىرى يېقىن، تۇرمۇش ئادەتلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ، مىللىي تونۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئۆز - ئارا ئالاقە قىلىشى قولايلىق».

يۇقارقى ھۆكۈمەت ماتېرىياللىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلەپ بەرگەن.

قەدىمدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاپ كەلگەن خەلق بولسا «ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي مىللەتلەردۇر». يەنى «تۈركىي مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان».

ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە ئەمەس. جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن قوشنا دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئورتاقلىقى يوق.

تۈركولوگىيە ساھسىدە ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەرنى تەشكىل قىلغان ئاساسلىق قىسىم دەپ قارىلىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقتىن بۈگۈنكى تۈرك تىلىدىكى مەدەنىيەت سۆزى «ئۇيغار» ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

بىز بىر سېلىشتۇرما قىلىپ باقايلى:

ئەگەر بېيجىڭ تىلى (mandarin- 满大人) بولمىغان بولسا، ياكى بېيجىڭ تىلى ئومۇملاشمىغان بولسا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۆلكىلەرنى دېمەيلا قويايلى، شەھەر ۋە شەھەر ئارىسىدىكى يەرلىك تىللار ئارقلىق ئالاقە قىلىش قەتئىي مۇمكىن بولمايتتى. بەزى رايونلاردا ھەتتە ناھىيە ۋە ناھىيە ئارىسىدىمۇ يەرلىك تىلنى ئىشلىتىپ ئالاقە قىلىش ئىنتايىن قىيىن.

بېيجىڭ تىلى ئومۇملاشمىغان ۋاقتلاردا خىتايچە خەت بىردىن بىر ۋاستە ئىدى.

ئەكىسچە پۈتكۈل تۈركىستان «تۈركىي مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۆز - ئارا ئالاقە قىلىش ئىنتايىن قولايلىق.»

بىر تەرەپتە خىتايچە خەتتىن باشقا ھېچ قانچە ئورتاقلىقى بولمىغان بىر مىليارد تۆت يۈز مىليون كىشىگە «جۇڭخۇا مىللىتى» يەنى خىتاي دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتە، «ئۆرپ - ئادەتلىرى يېقىن، تۇرمۇش ئادەتلىرى ئوخشاپ كېتىدىغان، مىللىي تونۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئۆز - ئارا ئالاقە قىلىشى قولايلىق» بولغان ئوخشاش بىر تۈرك مىللىتىگە «كۆپ مىللەت» دەپ ئېنىقلىما بېرىلەمدۇ؟

بۇ خىل زورىغا ياسالغان ئېنىقلىمىنى كۆتۈرۈپ چىقىش شاللاقلىق ئەمەسمۇ؟

ئالتىنجى: «شىنجاڭدا تارىختىن بۇيان كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولغان». يەتتىنجى: «ئىسلام دىنىي ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن قوبۇل قىلغان دىن ئەمەس شۇنداقلا بىردىن بىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس».  يىغىنچاقلاپ رەددىيە بېرىمەن.

 ئالدى بىلەن ئېنىق بولغىنى ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئەزەلدىن قوبۇل قىلغان دىن ئەمەس، شۇنداقلا بىردىن بىر ئېتىقاد قىلىدىغان دىن ئەمەس.

بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى ئىسلام دىنىنىڭ تارىخىدىن ئۇزۇن. ئىسلام دىنىي دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر سامان دىنى ۋە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئىسلام دىنى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئەڭ كېيىن ئېتىقاد قىلغان دىن.

ئوخشاشلا، ئىسلام دىنى ئەرەب ۋە پارسلارنىڭمۇ توغۇلۇشتىن بار بولغان ۋە بىردىن بىر دىنى ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە ھازىرقى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر دىن ئۆز مۇرتلىرىنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ۋە بىردىن بىر ئېتىقاد قىلغان دىنى ئەمەس. ئۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەر قانداق بىر دىننىڭ پەيدا بولۇشىدىن خېلىلا بۇرۇن بولغان.

دىن بولسا ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىي ئېتىقادى. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇش ئىھتىياجىمۇ تەرققىي قىلىدۇ. ھەر مىللەت ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان دىنىي ئېتىقادنى تېپىپ چىقىدۇ ياكى تاللايدۇ. ھەقىقىي دىنىي ئېتىقاد ئۆز ئىختىيارلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلغاندا ئاندىن تىكلىنىدۇ ۋە داۋاملىىشىدۇ.

ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا ئۆزگىرىشىنىڭمۇ ئاساسى بۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەتىشى بىر جىنايەت ئەمەس. بەلكى ئۆزىنىڭ مەنىۋىي قاتىلىمىنىڭ ئىھتىياجىنى ئۈلۈكسىز يېڭىلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

ئەجىبا بۇددا دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتاي خەلقىىڭ ئەزەلدىن ۋە بىردىن بىر ئېتىقاد قىلغان دىنىمۇ؟

«دارما ئوتتۇرا تۈزۈلەڭلىككە كېلىشتىن بۇرۇنلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىتكە بۇددا دىنى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتايدا ئومۇمىيۈزلۈك ئېتىقاد قىلىنغان دىن داۋجياۋ ۋە تيەنشى ئىدى، بولۇپمۇ خان ئوردىسىدا.»

(https://zhidao.baidu.com/question/559532379.html)

قىزىقارلىق يېرى، بۇددا دىنىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقىلىشى ۋە خىتاي خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇشدىكى ئەسلى تۆھپە تۈركلەرگە مەنسۇپ.

بۈگۈن ئەگەر ئىچكىرىدىكى ھەر قانداق بىر بۇتخانىغا كىرىدىغان بولساق، دەرۋازىسىدا بۇدساتۋادىن باشقا ئىككى تەرەپكە تىزىلغان ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇزۇن بۇرۇتلۇق، قويۇق قاشلىق، چوڭ بۇرۇن، قولىدا شەمشەر تۇتۇپ تۇرغان بەستلىك ئەزىمەتلەرنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ بىرىمۇ خىتايلارغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئۇ ھەيكەللەردە ئەينى ۋاقتتا بۇددا دىنىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقاتقان تۈرك قەھرىمانلار تەسۋىرلەنگەن.

تاڭ سېڭنىڭ ھىندىستانغا بېرىپ نۇم ئېلىشى كېيىنكى ھېكايىلەردۇر.

ئوخشاشلا بۇددا دىنى بۈگۈن بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياپونىيە ۋە تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلغان ۋە بىردىن بىر دىنى ئەمەس. خىرىستىئان دىنى ۋە كاتولىك دىنىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان مۇرتلىرىنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ۋە بىردىن بىر ئېتىقاد قىلغان دىنى ئەمەس.

بۈگۈنكى دۇنيادا ھېچ قانداق بىر دىن مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئەزەلدىن ۋە بىردىن بىر ئېتىقاد قىلىدىغان دىنى ئەمەس.

چۈنكى بۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ۋە بىردىن بىر ئېتىقاد قىلغان دىن ئەمەس» دېيشنىڭ ھېچ قانداق بىر ئەھمىيىتى يوق!

 «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن بىرلىكتە مەۋجۇت بولغان رايون» بۇ ئىنتايىن تەبئىي بىر ئىجتىمائىي ھادىسە. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئوخشاش. چوڭ بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىغان بۇنداق بىر تەبئىي ھادىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ مۇقەددەس زېمىن تۇيغۇسىغا زەربە بەرمەكچى بولۇشى بەك پەسكەشلىك ئەمەسمۇ؟

ئېنقكى، خ ك پ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن «يوق»نى «بار» قىلغان. مىڭ بىر ھىيلە - مىكىر ئارقىلىق ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرىغا ھاقارەت قىلغان، ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىگە ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس زېمىنى شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ئىخلاسىغا ھۇجۇم قىلغان.

بۇ ئاق تاشلىق كىتاب خ ك پ نىڭ ھاكاۋۇر ۋە مۇتتەھەملىكىنىڭ ئەكس ئېتىشى. خ ك پ نىڭ غالجىرلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.

خ ك پ بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرى ۋە مۇقەددەس زېمىن تۇيغۇسىغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرىغا ھاقارەت قىلغان.

ھازىر پۈتكۈل دۇنيا خ ك پ نى تونۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ شۇم نىيىتى ۋە رەزىل قىلمشلىرىغا بىرلىكتە شاھىت بولدى. خ ك پ ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي چۈشى» ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ يامان چۈشىدۇر.

 

ئىزاھات: مېنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى مەقسىتىم ئۇيغۇر قاتارلىق ئاجىز تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن گەپ قىلىش. مېنىڭ ئەسلا بىگۇناھ خىتاي خەلقىگە ئازار بېرىش نىيىتىم يوق. ئەگەر ماقالىدە سۆز ئىشلىتىشتە مۇۋاپىق بولمىغان جايلارنى بايقىساڭلار توغرا چۈشۈنەرسىلەر. ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى ھېس قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرلار ھازىر ھايات - ماماتلىق كرىزىسقا دۇچ كەلدى.

 خىتايچە مەنبەنىڭ ئۇلىنىشى:

 http://weiwuer.com/?p=1106