نيۇيورك ۋاقت گېزىتى خىتاينىڭ لاگىرغا قامالغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە تەھدىت سالىدىغان مەخپىي «ئوقۇشلۇقى»نى ئاشكارىلىدى

تۆت يۈز بەتتىن ئارتۇق بۇ ھۆججەتتە بالىلارغا لاگىر ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىنغان. 

نيۇيورك ۋاقت گېزىتىنىڭ 16- نويابىر شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئاشكارىلانغان 400 بەتتىن ئارتۇق بىر مەخپىي ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، خ ك پ كاتتىۋېشى شى جىنپىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان - ت)دا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلارغا رەھبەرلىك قىلغان. نۆۋەتتە مىليونلىغان مۇسۇلمان يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامالغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى «كەسپىي تەربىيلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتايدۇ.

بۇ مەخپىي ھۆججەت ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامالغان بالىلارغا تەربىيە ۋە تەھدىت ئېلىپ بارىدىغان تەربىيلەش ماتېرىيالى بولۇپ، سوئال - جاۋاب شەكلىدىكى بۇ قولانمىدا، قامالغۇچىلارنىڭ بالىلىرىدىن سىرتقا قارىتا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنغان، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ قاماق «مۇددىتى»گە تەىسر يېتىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىنغان.

«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»نىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئاستۇن رامزى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان بۇ ئۇزۇن سەھىپىلىك ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خ ك پ ئىچكى قىسمىدىن ئاشكارىلغان ئەڭ چوڭ ھۆججەت بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرى ھەققىدە مىسلىسىز ئىچكى ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

«تۇرپان شەھىرى مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيلەش مەكتىپى كۇرسانتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ سوئال - جاۋاب قوللانمىسى» ناملىق بۇ ھۆججەتنى خ ك پ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى يەرلىك دائىرىلەرگە چۈشۈرگەن بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە خىزمەتچىلەردىن سىرتتا مەكتەپتە ئوقۇپ تەتىلگە قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن دەرھال كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە گەپ - سۆز قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

سوئال - جاۋاب شەكلىدىكى بۇ قوللانمىدا، نۇرغۇن سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىش ۋە لاگىردىكىلەرنىڭ ئائىلىسىگە قانداق تەھدىت سېلىش ھەققىدە ئۆلچەملىك جاۋابلار بېرىلگەن.

مەسىلەن:

«ئاتا-ئاناڭ(ئائىلە ئەزالىرى)نىڭ نەدە؟» دەپ سورالغاندا، بېرىلىدىغان ئۆلچەملىك جاۋاب:

«ئۇلار ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان تەربىيلەش مەكىتىپدە.»

«ئۇلار تەربىيلەشنى قوبۇل قىلىدۇ.»

«ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن ياخشى، ياتاق - تاماق ھەقسىز، ئۆلچىمىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، غەم قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ.»

«ھەر كۈنلۈك تاماق چىقىمى 21 يۈەندىن يۇقىرى، ھەتتا بىر قىسىم كۇرسانلارنىڭ ئۆيىدىكى ئۆلچەمدىنمۇ يۇقىرى.»

بۇ ھۆججەتتە يەنە بالىلارغا ئوچۇق - ئاشكارە تەھدىت سېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىرتتىكى گەپ سۆزلىرىنىڭ لاگىردىكى تۇغقانلىرىنىڭ نۇمىرىغا تەسىر كۆرسىتىغانلىقىنى، بۇ نومۇر ئۇلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىشىنى بەلگىلەشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» بۇ ئىچكى ماتېرىياللارغا قانداق ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى.

 تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى

2019- يىلى 17- نويابىر

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر:

https://www.nytimes.com/interactive/2019/11/16/world/asia/china-xinjiang-documents.html?fbclid=IwAR1upn3ljxjlVClze2sVxrFOTcy3TwdtcT9aq0hamL9p_1nFxVeRMYTTXNA

https://www.nytimes.com/2019/11/16/world/asia/china-muslims-detention.html

http://www.epochtimes.com/gb/19/11/16/n11660370.htm

https://www.voachinese.com/a/nyt-leaked-documents-xinjiang-crackdown-xijinping-201911117/5169324.html