ئۈرۈمچىدىكى بىر توسۇق ۋە ئېغىر قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر ئايال.
ساراھ تاينېن (Sarah Tynen)
كولورادو ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى
كونسېرۋاتېپلار تورى، 2020- يىلى 9- مارت
يېقىندا ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى قانداق باستۇرغانلىقىنى ئاشكارىلاندى. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىپايان ئۇيغۇردىيارى مىقياسىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان.
خىتايدا ئوخشىمىغان 10 مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت توپى ياشايدۇ. قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش نىشانىغا ئايلانغان ئىككى مىللەت.
بېيجىڭ ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قايتا تەربىيە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، مۇقىملىق يارىتىپ، تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچرىدى ۋە خىتاي مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلەندى.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، كەڭ لاگېرلار تورىدا 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە قازاق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، ئۇلار سوتلانماستىن قامالغان.
ناماز ئوقۇش، ئەنئەنىۋى مۇراسىمدا توي قىلىش ۋە ساقال قويۇش قاتارلىق بىر قاتار ھەرىكەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قالپىقىنى كىيىشكە سەۋەب بولىدۇ.
پەقەت ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا بولۇشى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولالايدۇ.
مەن دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيە تەتقىقاتىمنى 2014-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە باشلىدىم ۋە ئۇ يەردە 24 ئاي تۇردۇم.
ئۈرۈمچى 3 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ، كۆپ خىللىققا ئىگە شەھەر. بۇ شەھەر ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ(خىتاي ئاز سانلىق مىللەت دېسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە - تەرجىماندىن) ماكانى بولغاندىن باشقا، يەنە خىتايلارمۇ ئولتۇراقلاشقان. مەن تۇرغان مەزگىلدە 66 خىتاي ۋە 98 ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلدىم.
مەن ئۈرۈمچىدە تەقىبنىڭ دەسلەپكى يىللىرىنى كۆردۈم ۋە 2017-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە بىر قىسىم ئۇيغۇر قوشنىلىرىم غايىب بولۇشقا باشلىدى.
ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى پونكىتى ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى
ساقچىلارنىڭ نازارىتى
خىتاي قانۇنى بۇ دۆلەتتىكى بارلىق شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ يەرلىك ساقچىخانىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، شۇ شەھەردە تۇغۇلغانلار ياكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تىزىملىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
ھەر بىر ئۆي «مەھەللە كومىتېتى» بىلەن يەرلىك ساقچىخانىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدا ئىدى. ئەتراپتىكى كومىتېتلار ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەمۇرىي سەۋىيىسى ۋە ماۋ دەۋرىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ مىراسلىرى، ئۇلار ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنداقلا نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
بۇ مەھەللە كومىتېتلىرى شەھەردە تۇرۇش رۇخسىتى ئىلتىماسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. دەۋرىمىزدىكى ئۈرۈمچىدە خىتاي، ئۇيغۇر ۋە قازاقلار مەھەللە كومىتېتلاردا ئىشچى بولۇپ ئىشلىتىلگەن.
ئۈرۈممچىدە بىر چەتئەللىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «كۆچمەن ئاز سانلىقلار» قاتارىغا كىرگۈزۈلدۈم شەھەر ئاھالىلىرى كىنىشكىسىگە تىزىملاتقاندا ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىشىم كېرەك ئىدى. تۆۋەندىكى كۆزىتىشلەر 2014-يىلدىن 2017-يىلغىچە تۇرغان ۋاقتىمدا ماڭا بېرىلگەن رەسمىي سىياسەت كۆرسەتمە ھۆججىتىنى ئاساس قىلدى.
مەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىدە قائىدىلەرنىڭ مەھەللىلەرگە ئاساسەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىجازەت ئىلتىماسى خىتايلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلارغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ
مەن خىتايچە «تيانشان رايونى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا تۇراتتىم. بۇ رايوندا ياشايدىغان ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىگە نىسبەتەن، شەھەردە تۇرۇشئىجازەتنامىسى ئېلىش ئۈچۈن ھەر بىر ئىلتىماس بىر قانچە دەرىجە رۇخسەت تەلەپ قىلىدۇ.
مېنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىمگە ئاساسلانغاندا، ئىجازەت ئىلتىماسىدا كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللە ساقچى باشلىقىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى تەلەپ قىلغان: ئۇلارنىڭ يېزىسىدىكى نوپۇس تىزىملاش كارتىسى ۋە كىملىك.
ئىلتىماستا يەنە باشقا رەسمىي ھۆججەتلەر تەلەپ قىلىنغان، مەسىلەن توي خېتى، بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش كارتىسى، تۇرالغۇ ئىجارىسى، خىزمەت ئىسپاتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆي ئىگىسى بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىقلار.
قوشۇمچە ئىجازەتنامە ۋە ئىمزالار ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئىشخانىلىرىدىكى كىشىلەردىن ئېلىنىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى سادىر قىلغان ھەر قانداق جىنايەتكە مەسئۇل بولۇشقا قوشۇلغان «كېپىل» نىڭ ئىمزا ۋە بارماق ئىزىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ھەر ئالتە ئايدا قايتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىدى.
ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان خىتايكۆچمەنلەرمۇ شەھەردە تۇرۇش كىنىشكىسىگە تىزىملىتىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇلارغا قويۇلغان تەلەپ تېخىمۇ ئازادە: بۇ جەرياندا پەقەت ئۇلارنىڭ كىملىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇلاردىن كۆپ ئارقا كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈش ۋە ئىمزا قويۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
دالا خىزمىتى جەريانىدا ماڭا بېرىلگەن كۆرسەتمە ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، بۇ زىددىيەت رەسمىي سىياسەت ئىدى: ئۈرۈمچىدىكى مەھەللە كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە خىتايدىن باشقا بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر بۇنىڭغا رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ سەۋەبى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورچى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان.
تەتقىقاتچى داررېن بايلېر( Darren Byler) كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، شىنجاڭدىكى كىشىلەر پەقەت ئائىلە بويىچىلا ئەمەس، بەلكى «مىللەت ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى» تەرىپىدىنمۇ «بۆلۈنگەن». ئۇلار يەنە «شەھەر ياكى يېزىدىكى قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتى بىلەن ئايرىلدى».
ئىلتىماستا تەلەپ قىلىنغانلار نامرات، يېزا كۆچمەن ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرغان.
شەھەردە تۇرۇش ئىجازەت ئىلتىماسىدىن كەلگەن ئۇچۇرلار كومپيۇتېرغا خاتىرىلىنىپ، تەپسىلىي ساندان قۇرۇلىدۇ.
ئۆي تەكشۈرۈش
دائىملىق ئۆي تەكشۈرۈش مەھەللە كومىتېتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ 2014-يىلدىن باشلاپ قەرەللىك ھالدا يۈز بېرىپ كەلگەن.
مەن بىر دوستۇمنى يوقلاپ بارغاندا مۇنداق بىر قېتىملىق ئۆي ھۇجۇمىنى باشتىن كەچۈردۈم. دوستۇمدىن ئائىلىسىدىكى ئالتە كىشى دېيىشنىڭ ئورنىغا ئۈچ كىشى بارلىقىنى ئېيتقىنىدا ئۇ ئەمەلدار سوئال سورىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىرەر ئۆزگىرىش بولسا دوكلات قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق يوليورۇق بەردى.
ئۇيغۇر ئاھالىلىرى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى، ئۇلار ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيتتى ۋە نۇرغۇن كىشىلەر تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلىپىگە ئەمەل قىلماسلىق ياكى تەكشۈرۈش جەريانىدا يوشۇرۇنۇشتەك كىچىك تىپتىكى جىمجىت ئۆكتىچىلەردە ئامال بار ھۆكۈمەتتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
باشقا ئالىملار بۇ خىل كۆزىتىشنى دەلىللىدى. داررېن بايلېر ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئىنسانشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن ، تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنى ئىزدەشتە ، ساقچىلارنىڭ «ئىشكاپ ۋە كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قارىغان» لىقىنى بايقىدى. ئۇ يەنە ساقچىلارنىڭ «تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىپ ، ئولتۇرغۇچىلارنىڭ تەييارلىقسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى» بايقىدى.
ئۆيدىن ھەيدەش ۋە قولغا ئېلىش
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» خەۋەر قىلغاندەك، بۇ تۇتۇپ تۇرۇشلار 2017-يىلىنىڭ بېشىدا باشلانغان.
2017-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر كۆچمەن دوستلار ماڭا پىچىرلاش ياكى كودلانغان قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشى كېرەكلىكىنى، ئەمدى مەن بىلەن ئالاقىلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدىن قايتا ئۇچۇر ئالالمىدىم. شەھەردە قالغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ يېرىم كېچىدە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى دائىم ئاڭلىدىم.
ئۇلارنىڭ قەيەردە ساقلانغانلىقى، قانچىلىك ۋاقىت تۇتۇلىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن غايىب بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. دىنىي ئادەتلەر ئۆزگىرىشكە باشلىدى. مەسىلەن، مەن 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان نەق مەيدان تەكشۈرۈلىرىدە ناماز ئوقۇغان، روزا تۇتقان ۋە رومال ئارتقان كىشىلەرنى كۆردۈم.
ئۈرۈمچىدىكى بىر مەسچىتنىڭ يېنىدىكى بىر رەخت بازىرى، بۇ يەردە ئۇيغۇر ئاياللار ئەركىن ياغلىق ئارتالايدۇ.
ئەمما، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، دائىرىلەر ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتنىڭ بەلگىسى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر مۇتەخەسىسى جو سىمىس فىنلېي( Jo Smith Finley) چۈشەندۈرگىنىدەك، بىر دۆلەت بىر توپ كىشىلەرگە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قالپىقى كىيدۈرگەندە، بارلىق دىنىي ھەرىكەتلەر گۇمانلىق بولۇپ قالىدۇ. فىنلېي «شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى دىنىي سىياسەتنىڭ چېكىدىن ئاشقان شەكلى»نى كۆرسەتتى. ئۇ ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىكى «تازىلاش ۋە ئىزدەش ھەرىكەتلىرى» توغرىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي بوشلۇقىغا «دەخلىي - تەرۇز قىلىش» دەپ يازدى.
ئۇيغۇرلار سۆزلىرىگە ھېزىي بولۇشقا باشلىدى. 2017-يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە، مەن كىشىلەرنىڭ تاماقتىن كېيىن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىشىنى كۆرمەيدىغان بولدۇم. ھەتتا «رامىزان روزىسى» دېگەن سۆزلەرمۇ چەكلەندى.
2017-يىلى 2-ئايدىن 10-ئايغىچە، ھۆكۈمەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قائىدىلەرنى ئۆزگەرتتى. مەسىلەن، مېھمانلاردىن قونۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلىش ئومۇملاشقان بىر مەدەنىيەتتە، ساقچىلار ئالدى بىلەن قونىدىغان مېھمانلاردىن تىزىملاشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن ئۇلار پەقەت كۈندۈزلۈك زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ساقچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق قىلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىدى.
2017- يىلى مايدا ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستۇرانىغا خىتايچە چېقىلىدۇ دېگەن خەت يېزىلغان.
2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا تۇرالغۇ چەكلىمىلىرى كۈچەيدى.
2017-يىلى 3-ئايدا، بۇ شەھەرگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەردە ئۆي ئىجارە ئېلىشىغا يول قويۇلماي، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يېزىغا قايتىشقا مەجبۇر قىلدى. 2017-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە، مېنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان نەق مەيدان خىزمىتىم ۋە زىيارىتىمگە ئاساسلانغاندا، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن ياكى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۈرۈمچىدا ئۆي ئىجارە ئېلىشى چەكلەنگەن.
كوچىلار ئادەتتىكى بازارلار ۋە ئۇيغۇر خەلقىدىن قۇرۇق قالدى.
مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر دۇكانلىرىنىڭ 2017-يىلى 4-ئاي ۋە 5-ئايلاردا توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن چېقىۋېتىلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم.
مەن 2017-يىلى ئۆكتەبىردە خىتايدىن ئايرىلدىم. ھازىر، ئىھتىياتچانلىق بىلەن قىلىنغا مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئاز دېگەندە % 10 ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان.
مەن ئۇيغۇر دوستلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن ئالاقىلاشمايمەن، چۈنكى چەتئەللىك بىلەن ئالاقىلىشىش تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ باھانىسى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قانچىسىنىڭ قاماقخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بىر ئۇيغۇر دوستۇم 2017-يىلى ماڭا: «بىز ھەممىمىز ئىشىكىمىزنىڭ چېكىلىشىنى ساقلاۋاتىمىز» دېدى.
تۈركىستان ۋاقتى تورى تەرجىمىسى
2020- يىلى 10- مارت