«شىنجاڭ سىنىپى»: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئۆزگەرتىش» ئۇرۇنۇشى ۋە مەغلۇبىيىتى

تىموسى گروس كىتابىدا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىدىن يىراق جايلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ «خىتايلاشتۇرۇش» پىلانى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ماسىمو ئىنتروۋىگنى (Massimo Introvigne)

زىمىستان تورى، 2020- يىلى 27- ماي

«مىللەت ئىنژىنىرلىقى» خىتاي كوممۇنست پارتىيىسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئاساسلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. خىتاي بولمىغانلار چوقۇم «خىتايلاشتۇرۇلۇشى» ۋە ئۇلارنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر» نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش، خىتايلارنى «چوڭ ئاكا» ۋە ئۈلگە قىلىشى، ھەمدە خ ك پ نىڭ ئۇلارغا بەرگەن رولىنى جارىي قىلدۇرۇشى لازىم. شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى ئۇيغۇرلار ھەم خىتاي تىلىنىڭ تېڭىلىشىغا ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي ئادەتلىرىنىڭ يوقىلىشىغا قارشى تۇرغان. خ ك پ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قورقۇنچلۇق تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا تاشلاش ئارقىلىق باستۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈمىدى تەربىيلەش ئارقىلىق كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى «خىتايلاشتۇرۇش» ئىدى. 

 ئىندىئانا شىتاتىنىڭ تېررې خاۋتېدىكى روس-خولمان سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي تەتقىقات پروفېسسورى تىموسىي ئا.گروس خوڭكوڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى (2019) بىلەن «خىتايدىكى ئايرىلالماسلىق سۆھبىتى: شىنجاڭ سىنىپى ۋە  ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ دىنامىكلىرى» (Negotiating Inseparability in China: The Xinjiang Class and the Dynamics of Uyghur Identity) ناملىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا «تىبەت سىنىپى» ئۈلگە قىلىنغان «شىنجاڭ سىنىپى»نىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن. «تىبەت سىنىپى» تۈرىدە، ھەر يىلى تەخمىنەن 1600 تىبەتلىك تىبەتتىن يىراق بولغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە، 3000 تىبەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگۈزۈلىدۇ، بۇ تىبەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %20 گە يېقىنلىشىدۇ. 

1999-يىلى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكى» مەسىلىسى دەپ قارالغان. 2000-يىلى، خ ك پ بۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى مۇھىم ھۆججەتنى، يەنى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى خىزمەت يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى» ۋە «شىنجاڭ سىنىپىنىڭ مەمۇرىي تەرتىپى» نى تۈزدى. ئۇلار شىنجاڭ سىنىپىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: «جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوللايدىغان، جۇڭگونى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان، جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان» بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇرلارنى يارىتىش. دەرسلەر كارل ماركىس ۋە خ ك پ رەھبەرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق «ئۇلارنىڭ خ ك پ نى قوللىشىنى كۈچەيتىشى» كېرەك. گروس ئېيتقاندەك: «خ ك پ نىڭ مۇددىئاسى باشتىن-ئاخىر ئېنىق ئىدى: ياتاقلىق مەكتەپلەر پارتىيە غايىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئايرىۋېتىلگەن ئورۇن قىلىپ قۇرۇلدى. خ ك پ مەسئۇللىرى ۋە مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرى مائارىپ نىشانىدىن ئىلگىرى سىياسىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.»

«شىنجاڭ سىنىپى» زامانىۋى تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇش ھەققىنىڭ ئاساسەن خ ك پ تەرىپىدىن كۆتۈرۈلىدىغانلىقى، ياتاقلىق مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەت بازىرىدا شىنجاڭدا ئوقۇغانلارغا قارىغاندا ياخشىراق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ پروگراممىدا ئىلتىماس قىلغۇچىلار مۇۋاپىق ئورۇنلارغا قارىغاندا كۆپ بولۇپ، 2015-يىلى خ ك پ ھەر يىلى 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى بېكىتتى.

ئوقۇغۇچىلار ئىمكانقەدەر شىنجاڭدىن يىراق دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە يۆتكىلىدۇ ۋە يىلدا پەقەت بىر قېتىم ئۆيىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يوقلىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. دەرسلەر پەقەت خىتايچە ئۆگىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدىغان ۋە جازالايدىغان بىر نومۇر سىستېمىسى بار، رۇخسەت قىلىنغان بەزى چەكلىك «بەلگىلەنگەن ۋاقىت» نىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىسە نومۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار «خىتايچە» ئىسىملارنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا شەخسىي نامازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتىلىدۇ. ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى ياتىقىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا تۇتۇلسا، پۈتكۈل ياتاق جازالىنىدۇ. بىردىنبىر ئېتىبار بولسا ھالال ئاشخانىلارنىڭ تەمىنلىنىشى، لېكىن گروس ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بەزىدە ئۇ يەرگە ئوغرىلىقچە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمىنى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلىشى كېرەك. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنىڭ بىر قىسمى بولمىغان چىڭمىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار «قۇربانلار باغچىسى» نى زىيارەت قىلىپ، ج ك پ ئىچكى ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈشى كېرەك. گروس مۇنداق دەيدۇ: «ئوقۇغۇچىلار كومپارتىيە بولمىسا "يېڭى جۇڭگو" نىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئۆگىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلار قەبرىلەرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان ئەخلەتلەرنى سۈپۈرگەندە، بۇ ھەرىكەت "ئۆزىنىڭ قالاقلىقىنى سۈپۈرۈپ تاشلاش"نىڭ سىمۋولغا ئايلىنىدۇ.»

خ ك پ نىڭ مەقسىتى پارتىيىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىغا ئايلىنىدىغان، شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ رايوننى «خىتايلاشتۇرۇش» قا ياردەم بېرىدىغان سەرخىل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى «يارىتىش». بۇ تۈردە پەقەت بىرلا مەسىلە بار. بۇ كارغا كەلمەيدۇ. گروس بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدىن رازى ئەمەسلىكىنى دېمەكچى ئەمەس. بەزىلەر مائارىپ ۋە پۇرسەتنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەمدە شىنجاڭغا قايتىپ بيۇروكرات ياكى ساقچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. لېكىن، ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت. گروسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى «تۈرمىگە ئوخشاش» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بىر ئىنكاس سۈپىتىدە، ئۇلار مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى كۈچەيتىدۇ.

 دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە، ياش-ئۆسمۈرلەر چەكلەنگەن نەرسىنى ياقتۇرىدۇ. بەزى ياش قىزلار شىنجاڭ سىنىپىغا قاتناشقاندىن كېيىن ھىجابلىنىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر نامازنى قايتا تونۇدى، ياكى بېيجىڭدا سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، قۇرئاننىڭ خ ك پ نىڭ ئىزاھلىشىدىن ئۆتمىگەن نۇسخىسىنى ئالدى. خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوست بولغانلار ناھايىتى ئاز، ئەمما نۇرغۇنلىرى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن (ۋە بەزىلىرى توي قىلغان) مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارر بىلەن دوست بولدى (ئۇلار ئادەتتە خىتايچە سۆزلەيدىغان مۇسۇلمان تۇڭگانلارنى ياقتۇرمايدۇ). بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىمۋولى شۇكى، 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۈركىيە خىتاينى مەغلۇپ قىلغاندا، شىنجاڭ سىنىپى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى تۈركىيەنى تەبرىكلىدى.

 يەنە نۇرغۇنلىغان شىنجاڭ سىنىپىنى پۈتتۈرگەنلەر شىنجاڭغا قايتىپ كەلمەيدۇ. ئۇلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان يېرىدە تۇرىدۇ، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدۇ. % 50 كە يېقىن كىشى ھەرگىز ئۆيىگە قايتمايدۇ. ئۇلار باشقا ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرگە تەمىنلەنگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ئاسان پاسپورتقا ئېرىشىدۇ ۋە چەتئەلگە چىقىدۇ: تۈركىيە، ياۋروپا، ئاۋىستىرالىيە، ئامېرىكا، ئۇلار بۇ يەرلەردە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بوشاشماس تەشەببۇسچىلىرىغا ئايلاندى». ئالاھىدە يېرى شۇكى، ئۇلار دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كەمچىللىكىنى شىنجاڭغا قايتماسلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەپ تىلغا ئالىدۇ.

2015-يىلى، خ ك پ تاراتقۇلىرى ئافغانىستانغا بېرىپ تېرورچى بولۇپ مەشىققە قاتناشقان 23 ياشلىق تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر بىلەن بولغان زىيارەتنى ئىلان قىلدى. ئۇ خىتايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان، ئۇ ھازىر تەۋبە قىلىپ خ ك پ نى ماخىتغان. قىزىقارلىق پاكىت شۇكى، تۇرسۇن شىنجاڭ سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئىقرارى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مەقسەتسىز ھالدا تاماشىبىنلارغا شىنجاڭ سىنىپى تۈرىنىڭ قانداق قىلىپ مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى

2020- يىلى 30- ماي