تارىخچى، ئەدىب كاشىغەرلىك ئالىم مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىي ئالەمدىن ئۆتتى

تۈنۈگۈن جۈمە ھ. 1442-3-27 / م. 2020-11-13 - كۈنى تارىخچى، ئەدىب، شائىر ۋە بۈيۈك تەرجىمان، كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان كاشىغەرلىك ئالىم مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىي 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مەككە مۇئەللا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
 
مەرھۇم ھ. 1349 /م. 1930 – يىلى كاشىغەردە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ تەھسىلىنى كاشىغەر ئالىملىرىدا ئوقۇغان. ھ. 1369 - /1949 م. - يىلى ھەرەمەينگە ھىجرەت قىلغان. "فالاھ" مەدرىسەسىدە ئوقۇغان ۋە ھەرەمدىكى دەرس ھەلقىلىرىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىلىم ئالغان. بىر مۇددەت تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن جىددە رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. "ئەلبىلاد" ۋە "ئۇكاز" گېزىتلىرىدە يازغۇچى بولغان، بىر ئۆمۈر شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىقى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلغان. مەككىدىكى مەسفەلە مەھەللىسىگە جايلاشقان كۈتۈبخانىسى دوست - يارەنلەرنىڭ ئۇچرىشىش ماكانى، ئەدىبلەر، ئالىملار ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ سۆھبەت سورۇنى بولغان.
 
مەرھۇم ئالىمىمىز "قۇتادغۇبىلىك"نى، ھەزرىتىمنىڭ "شەرقىي تۈركىستان تارىخى"نى، ت. ئالماسنىڭ "ھۇنلار قىسقىچە تارىخى"نى ۋە باشقا ئەسەرلەرنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان. 1500 گە يېقىن تۈركىستانغا ئالاقىدار ئالىملارنىڭ تەرجىمىھالىنى توپلاپ "الإعلام لبعض رجالات تۈركىستان"، "تركستان الكبرى ماضيها وحاضرها" دەپ ئەرەبچە ئەسەر يازغان. يەنە "شەرقىي تۈركىستاندىكى تائىپىلەرگە بۆلۈنگەن بەگلىكلەر" دەپمۇ ئەسەر يازغان. جانابىي ئاللاھ ئالىمىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي!
 
125367747_987706248401967_4444865715456258178_n
 
2020-11-14