ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ياۋروپا «ماگنىتسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ئۈچۈن چوڭ بىر سىناق

ماكرون: ياروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ھالەتتە خىتايغا يۈزلەنگەندە ئاندىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا نۇسخىسىدىكى «ماگنىتسكى قانۇنى»نى ماقۇللاپ، دۇنيا خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مېخانىزمى قۇرۇپ چىقتى، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلەرگە ئىمبارگو يۈرگۈزدى. قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو دەرھال بايانات ئىلان قىلىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسەف بورېل بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش يۈرگۈزمەسلىكىنىڭ يېڭى قانۇن دۇچ كەلگەن چوڭ بىر سىناق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئامېرىكىنى ئۈلگە قىلىپ كىشىلىك ھوقۇق ئىمبارگو قانۇنى ماقۇللىدى

خەۋەر قىلىنىشىچە، ياۋروپا كېڭىشى 7- دىكابىر «ماگنىتسكى قانۇنى»نى ماقۇللىغان. بۇ قانۇنغا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلغان شەخس، ئەمەلىي گەۋدە، ئورگان ۋە دۆلەتلەرگە ئىمبارگو يۈرگۈزىدۇ.

ياۋروپا كېىشى ئىلان بايانات ئىلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشنىڭ يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز ۋە دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسەپ بورېلنىڭ ئېيتىشىچە،  دەل بىر يىل بۇرۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇرقى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ھارپىسىدا «ماگنىتسكى قانۇن لايىھەسى» تۈزۈشنىڭ قانۇنىي تەرتىپىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرغان تۇنجى ئىمبارگو مېخانىزمى ئىكەن.

 ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق ئىمبارگو مېخانىزمى ھەققىدە بۇ ئاينىڭ بېشىدا 27 دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى قاتناشقان يىغىندا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، 7- دېكابىر تەستىقلانغان ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئىمبارگو مېخانىزمى ئامېرىكىنىڭ «يەرشارى ماگنىتسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»نى ئۆرنەك قىلغان. بۇندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك ئالىي ۋەكىلىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئىمبارگو تىزىملىكى بېكىتىدۇ، تەكشۈرىدۇ ۋە تۈزۈپ چىقىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىمبارگو مېخانىزمى ئىرقىي قىرغىنچلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە باشقا ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا، مەسىلەن تەن جازاسى، قۇل قىلىش، قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش، خالىغانچە قولغا ئېلىش ياكى تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىقل قىلمىشلارغا قاتناشقۇچىلارغا قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈدىغان بولۇپ، ئىمبارگو تەدبىرلىرى ساياھەت چەكلىمىسى، مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قانداق شەخس ۋە دۆلەتنىڭ ئىمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنى مەنئىي قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قوللايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىر مايك پومپېيو دەرھال بايانات ئىلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ماقۇللىغان يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ئىمبارگو مېخانىزمىسىنى قارش ئالىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دەرھال ئىمبارگو تەدبىرلىرى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ماكرون: خىتايغا بىر گەۋدە ھالىتىدە تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم

فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون بولسا، خىتايغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتلىمىدا مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ماكرون 4- دىكابىر BRUT تاراتقۇسىنىڭ نەخ مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نۇرغۇن تورداشلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە، «پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ھالەتتە خىتايغا يۈزلەنگەندىلا مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، بىر ب د ت ياكى خەلقئارا كۆزىتىش ھەيئىتى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر دائىمىي ئەزاسىنىڭ ب د ت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر چارە ئىزدىشىنى رەت قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز.» دېگەن.

ماكروننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېغىز ئاچقان. ئۇ يەنە بۇ مەسىلە سەۋەبلىك خىتايغا دۈشمەنلىك قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى ئاشكارە مۇزاكىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ماكرونمۇ خىتاينى دەرھال يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تاقاشقا ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتايچە تورى

  • يىلى 7- دىكابىر

تەرجىمە قىلغۇچى: دىلشات سۇلتان