تەپسىر ۋە ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانى

 
تەپسىر _ ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدۈرۈپ بېرىدىغان، ئەھكاملىرىنى ۋە ھېكمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان ئىلىم دېمەكتۇر . ئاللاھ تائالا ھەربىر پەيغەمبەرنى ئۇنىڭ ئۆز قەۋمى ئىچىدىن تاللاپ چىقارغاندەك، كىتاب چۈشۈرگەن پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇ كىتابلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا چۈشۈرگەن. ﴿ وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ﴾ يەنى ﴿ قانداقلا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتەيلى، بىز ئۇنى ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى) بايان قىلىپ بەرسۇن دەپ، ئۆز قەۋمىنىڭ تىلىدا (سۆزلەيدىغان قىلىپ) ئەۋەتتۇق ﴾ . ساماۋى دىننىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دۇنياغا كەلگەن ۋە شۇ جايدا بارلىق ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تىلى بولغان ئەرەب تىلىدا چۈشۈرۈلگەن. ﴿ إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآَنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ﴾ يەنى ﴿شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ چۈشۈردۇق ﴾ . ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا چۈشۈرۈلگەن بۇ كىتابنى ياخشى چۈشىنەتتى، مەنىسى ئوبدان بىلەتتى. ئەمما بۇ كىتاب گەرچە ئەرەب تىلىدا چۈشۈرۈلگەن ئەرەبچە كىتاب بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى، پاساھىتى ۋە مۆجىزىسى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ئىدى. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئەمەس ئىدى، ھەتتا ساھابىلەرمۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە بىر خىل ئەمەس ئىدى، ئۇلار چۈشەنمىگەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن ئۆگىنەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر _ بىرىدىن سوراپ ئۆگىنەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلغانلىقى ئىدى. دېمەك، «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلانغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇنجى مۇپەسسىر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زامانىمىزغا قەدەر «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىش ئىشى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەپسىرى بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
 
بىرىنچى باسقۇچ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىر قىلىشى
 
شەكسىز ھەقىقەت شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نىڭ جانلىق تەپسىرى ئىدى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نى ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن تەپسىر قىلىپ بېرەتتى. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ساقلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندەك، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە ئورناشتۇرۇپ بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ﴾ يەنى ﴿قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز چۈشۈردۇق ۋە ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قوغدايمىز﴾ ، ﴿ لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ . إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآَنَهُ . فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآَنَهُ. ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ﴾ يەنى ﴿(ئى پەيغەمبەر! ساڭا ۋەھيى چۈشۈۋاتقان چاغدا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما. چۈنكى ئۇ ۋەھيىنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. شۇڭا، بىز ئۇنى(ساڭا جىبرىل ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (جىم تۇرۇپ) ئاڭلىغىن. ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر﴾ . ئاندىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «قۇرئان كەرىم»نى كىشىلەرگە تەپسىر قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ ﴾ يەنى ﴿ بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن (ئەھكاملار)نى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ چۈشۈردۇق﴾ . شۇڭا ساھابىلەر چۈشىنەلمىگەن ئايەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئەڭ مۇكەممەل شەكلدە چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. «قۇرئان كەرىم» ساپ ئەرەب تىلىدا چۈشۈرۈلگەن بىر ئەرەبچە كىتاب بولغانلىقتىن، ساھابىلەر ئايەتلەرنى ئومۇمەن تولۇق چۈشىنىپ كېتەلىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورايدىغانلىرى پەقەت چۈشىنىش قىيىن بولغان ئايەتلەر ئۈستىدىلا بولاتتى. شۇڭا ئۇلار ھەممە ئايەتنىڭ تەپسىرىنى سوراپ ئولتۇرمايتتى. مەسىلەن: ﴿ الَّذِينَ آَمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُولَئِكَ لَهُمُ الْأَمْنُ وَهُمْ مُهْتَدُونَ ﴾ يەنى ﴿ ئىمان ئېيتىپ، ئىمانىغا ھەرقانداق بىر زۇلۇمنى (مۇشرىكلىكنى) ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە كەلسەك، (ئازابتىن) ئەمىنلىك ئەنە شۇلارغا خاستۇر. ئۇلار توغرا يولنى تاپقۇچىلاردۇر ﴾ دېگەن ئايەت چۈشكەن چاغدا، بۇ ئايەت ساھابىلەرگە قاتتىق ئېغىر كېلىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ: «يارەسۇلۇللاھ! ئارىمىزدا ئۆزىگە زۇلۇم قىلمايدىغان كىم بار؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بۇ ئايەتنى يەنە باشقا ئايەت بىلەن تەپسىر قىلىپ بېرىپ: «بۇ ئايەتتىكى زۇلۇم سىلەر چۈشەنگەن زۇلۇم ئەمەس، سىلەر ياخشى بەندە (لۇقمان ھەكىم)نىڭ ﴿ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ﴾ يەنى ﴿ ئى ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن. چۈنكى شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر﴾ دېگەن سۆزىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟» دېگەن. دېمەك، ئالدىنقى ئايەتتىكى«زۇلۇم» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئادەتتە ساھابىلىرى سورىمىسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىپ بېرەتتى.
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەممىسىنى تەپسىر قىلغانمۇ؟
 
ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەپسىر قىلىپ بەرگەنمۇ ياكى ساھابىلەر چۈشىنەلمەي قالغان قىسمىنىلا تەپسىر قىلىپ بەرگەنمۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەممىسىنى تولۇق تەپسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەللامە سۇيۇتى قاتارلىق ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئايەتنىڭ تەپسىرىنى قىلمىغانلىقىنى، پەقەت ساھابىلەر چۈشىنەلمەي سورىغان ئايەتلەرنىڭلا تەپسىرىنى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەللامە مۇھەممەد ھۈسەين زەھەبى «تەپسىر ۋە مۇپەسسىرلەر»ناملىق ئەسىرىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىل _ ئىسپاتلىرىنى ۋە دەتالاشلىرىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «يۇقىرىقى ئىككى خىل كۆزقاراشنىڭ دەلىللىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، كۆڭلىمىز شۇنىڭ بىلەن ئارام تاپىدۇكى، بۇ ئىككى خىل كۆزقاراشنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ مۇنداق دەيمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىن كۆپلىرىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا سەھىھ ھەدىسلەرمۇ گۇۋاھتۇر. شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلمىغان. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»دە مەنىسىنى ئاللاھ تائالا ئۆزىلا بىلىدىغان، ئالىملارلا چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئەرەبلەر ئۆز تىلى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن بىلىدىغان ئايەتلەر، يەنە ھەركىم ئاسانلا چۈشىنەلەيدىغان ئايەتلەر بار. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ‹تەپسىر تۆت تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئەرەبلەر ئۆز تىلى ئارقىلىق بىلىدىغان تۈرى، ئىككىنچىسى، ھەركىم چۈشىنەلەيدىغان تۈرى، ئۈچىنچىسى، ئالىملارلا چۈشىنىدىغان تۈرى، تۆتىنچىسى، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان تۈرىدۇر› .
 
بۇنىڭدىن مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەر ئۆزى چۈشىنەلەيدىغان ئايەتلەرنى تەپسىر قىلمىغان. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» ئۇلارنىڭ تىلىدا چۈشكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە كىشىلەر دەرھال چۈشىنەلەيدىغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىنى قىلمىغان. چۈنكى بۇنداق ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى، روھ ۋە غەيبكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرۇلۇق كەلگەن ئايەتلەرنى تەپسىر قىلمىغان. پەقەت ئۆزىگە بىلدۈرۈلگەن بەزى غەيبلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ساھابىلىرىگە ئۈچىنچى تۈرگە كىرىدىغان ئايەتلەرنى، يەنى ئالىملار ئىجتىھاد بىلەن بىلەلەيدىغان قىسمىنى بايان قىلىپ بەرگەن. مەسىلەن: ئايەتلەردە ئىجمالىي بايان قىلىنغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىش، ئومۇمىي ئەھكاملارنى خاسلاشتۇرۇش، چۈشىنىش قىيىن بولغان ئايەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش» .
 
كۆپ سانلىق ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەممىسىنى تەپسىر قىلمىغانلىقىغا، پەقەت تەپسىر قىلىشقا زۆرۈرىيەت تۇغۇلغان ئايەتلەرنى ۋە ساھابىلەر سورىغان ئايەتلەرنىلا تەپسىر قىلىپ بەرگەن دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەھكام ئايەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئەمەلىي ئىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تولۇق بايان قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، دىننىڭ ئەھكاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان ئايەتلەرنى كۆپ شەرھلەپ كەتمىگەن. بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلارنىڭ تەپسىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئىزدىنىشىگە تاپشۇرغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى«قۇرئان كەرىم» دىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلار مەلۇم بىر زامان ۋە مەخسۇس بىر ماكانلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا چۈشۈرۈلگەن بولسا، «قۇرئان كەرىم» تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك مۆجىزە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرى ئىلىم _ پەننىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە زاماننىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ ھەر بىر دەۋرنىڭ سەۋىيەسىگە ماسلاشقان ھالدا ئۆزىنىڭ مۆجىزىسىنى نامايان قىلىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.
 
ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىي مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ‹قۇرئان كەرىم› نىڭ ھەممىسىنى تەپسىر قىلىپ ئۇنىڭدىكى ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوچۇقلىغان بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىيىتى ئۇلارنى قوبۇل قىلالمىغانلىقتىن، دىننىڭ ئاساسىي جەۋھەرىي مەسىلىلىرىگە دەخلى يەتكەن بولاتتى. ئەگەر «قۇرئان كەرىم» نى كىشىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەقلىيتى ۋە ئىلمىي سەۋىيىسىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا تەپسىر قىلغان بولسا، كېيىنكىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» نى تەپسىر قىلىش يولى تامامەن ئېتىلگەن بولۇپ، ئىلىم – پەن ئەسىرىدە مەيدانغا چىقىپ تۇرىدىغان «قۇرئان كەرىم» سىرلىرىنى تەپسىر قىلىپ ئېچىشقا ئىمكانىيەت بولمىغان بولاتتى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىرىدىن كېيىن باشقا تەپسىرگە ھاجەت قالمايتتى. تەپسىر قىلىنغاندىمۇ مۇسۇلمانلار ئاممىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايتتى. شۇ سەۋەبتىن تەپسىر يولىنى ئوچۇق قويۇپ قويغان».
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان تەپسىرلىرى ئاساسەن چۈشىنىش قىيىن بولغان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئوچۇقلاش، ئومۇمىيلىق چۈشىنىلىپ قالىدىغان ئايەتلەرنى خاسلاشتۇرۇش، ئايەتلەردە كەلگەن بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان.
 
ئىككىنچى باسقۇچ: ساھابىلەرنىڭ تەپسىر قىلىشى
 
بىز باشتا ئېيتقاندەك ساھابىلەر «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئومۇمەن تولۇق چۈشىنىپ كېتەلىسىمۇ، يەنى لا بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش سەۋىيەدە ئەمەس ئىدى. مۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئەرەب تىلىنىڭ پاساھىتىنى بىلىشتىكى سەۋىيەسىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەجلىسىدە ئولتۇرغان ۋاقتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبلىرىنى بىلىشتە بىر خىل بولماسلىقى، شەرىئەت بىلىملىرىنى بىلىشتە بىر خىل ئەمەسلىكى قاتارلىقلار ئىدى. شۇڭا ئۇلار چۈشىنىش قىيىن بولغان ئايەتلەرنى ياكى سۆزلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراپ ئۆگىنەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار چۈشىنەلمىگەن ئايەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىر قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلار بولسا شۇلاردىن سورايتتى، ئاڭلىغانلار چىقمىسا، بىر _ بىرىدىن سوراپ ئۆگىنەتتى ۋە ئۆزلىرى ئىجتىھات قىلىپ تەپسىر قىلاتتى.
ساھابىلەرنىڭ تەپسىر قىلىش مېتودى
 
ساھابىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىشتىكى مەنبەسى قۇرئان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئىجتىھاد ۋە ئەھلى كىتابتىن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەردىن ئىبارەت تۆت ئىدى. بۇلارنىڭ بايانى تۆۋەندىكىچە:
 
1. قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش
 
«قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر بىر سۈرىدە ئىخچام ۋە قىسقا بايان قىلىنغان بولسا، يەنە بىر سۈرىدە كەڭ ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان، بەزى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ئومۇمىي ھۆكۈم يەنە باشقا ئايەتلەردە مەلۇم شارائىت ياكى ئەھۋالغا خاس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئايەتلەر بىر _ بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ. مەسىلەن: قىسسىلەر بەزى سۈرىلەردە ناھايىتى ئىخچام بايان قىلنغان بولسا، يەنە باشقا سۈرىلەردە مەزكۇر قىسسىلەر تەپسىلىي ۋە كەڭ بايان قىلىنغان. ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىس، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن پىرئەۋن قىسسىلىرى بۇنىڭ مىسالى. مۇنداق تەپسىر قىلىش بارلىق تەپسىر ئۇسۇللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيىمىيەمۇ شۇنداق دېگەن .
 
2. قۇرئاننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن تەپسىر قىلىش
 
ساھابىلەر ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىنى ئايەتلەردىن تاپالمىسا، دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۇنى بايان قىلىپ بېرەتتى. چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن:  بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن (ئەھكاملار)نى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ چۈشۈردۇق .
 
3. قۇرئاننى ئىجتىھات بىلەن تەپسىر قىلىش
 
ساھابىلەر ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىنى باشقا ئايەتلەردىن تاپالمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ ئايەت توغرۇلۇق قىلغان تەپسىرى بولمىسا، ئۇلار ئۆز ئىلمىگە تايىنىپ ئىجتىھات يولى بىلەن تەپسىر قىلاتتى. چۈنكى ئۇلار ئەرەب تىلىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى ياخشى بىلىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان ئايەتلىرى چۈشۈۋاتقان زامانلاردا ياشىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدە كۆپ بولغان كىشىلەر ئىدى.
 
4. قۇرئاننى ئەھلى كىتابتىن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەپسىر قىلىش
 
«قۇرئان كەرىم» بەزى مەسىلىلەردە، خۇسۇسەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىدە، ئۆتمۈشلەردىكى ئۈممەتلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرىدە «تەۋرات» بىلەن مۇۋاپىقلىشىدۇ. «قۇرئان كەرىم» يەنە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشى ۋە مۆجىزىلىرىدە«ئىنجىل» بىلەن مۇۋاپىقلىشىدۇ. ئەمما «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىلگىرىكى «تەۋرات»، «ئىنجىل» قاتارلىق ساماۋى كىتابلارغا قەتئىي ئوخشىمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، «قۇرئان كەرىم» ئۆتمۈشتىكىلەرنىڭ قىسسىلىرىنى پۈتۈن جەريانى بويىچە تەپسىلىي بايان قىلمىغان ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەھۋالى توغرۇلۇق تەپسىلىي توختالمىغان، پەقەت ئىبرەتلىك تەرىپىنىلا بايان قىلىشقا كۇپايە قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئىنسان قىسسىلەرنى تەپسىلىي ئاڭلاشقا قىزىقىدۇ، كۆپرەك مەلۇمات ھاسىل قىلىشنى خالايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ساھابىلەر «قۇرئان كەرىم» دىكى قىسسىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ۋە كۆپرەك مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلاردىن مۇسۇلمان بولغان ئابدۇللا ئىبنى سالام، كەئب ئەل ئەھبار قاتارلىق ئۆلىمالارغا مۇراجىئەت قىلاتتى. بۇنداق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ماۋزۇدا ھېچقانداق مەلۇمات كەلمىگەن شارائىتاقا خاس ئىدى، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بايان قىلغان بولسا، ئۇنى باشقىلاردىن سوراش توغرا ئەمەس ئىدى، ساھابىلەر بۇنى ئوبدان بىلەتتى .
 
شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ساھابىلەرنىڭ ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىغا مۇراجىئەت قىلىشى ئالدىنقى ئۈچ مەنبەگە نىسبەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرمايتتى. چۈنكى «تەۋرات» بىلەن «ئىنجىل»لارغا نۇرغۇنلىغان ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كىتابلارغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايتتى. ئەمما ئەھلى كىتابتىن مۇسۇلمان بولغان ئابدۇللا ئىبنى سالام ۋە كەئب ئەل ئەھبار قاتارلىق ساھابىلەر ئۆزلىرى ئالىم بولغانلىقتىن، «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل»لاردىكى توغرا بىلەن خاتانى، ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيالايتتى. شۇڭا بەزى قىسسىلەردە ئۇلارغا مۇراجىئەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
 
ساھابىلەرنىڭ مەشھۇر مۇپەسسىرلىرى
 
ساھابىلەردىن ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئاففاب، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللا ئىبنى ئابباس، ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير، ئۇ بەييە ئىبنى كەئب، زەيد ئىبنى سابىت، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قاتارلىق زاتلار «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىگە تەپسىر قىلىشتا تونۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ تەپسىر قىلغان مەشھۇرلىرى تۆت ساھابە بولۇپ، ئۇلار: ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللا ئىبنى ئابباس ۋە ئۇ بەييە ئىبنى كەئب قاتارلىقلاردۇر. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۇفە شەھىرىدە، ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككىدە، ئۇبەييە ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدە تەپسىر ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، نۇرغۇنلىغا مۇپەسسىرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
 
ئۈچىنچى باسقۇچ: تابىئىنلارنىڭ زامانىدىكى تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى
 
تابىئىنلارنىڭ تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ساھابىلەرنىڭ تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق يوق ئىدى. چۈنكى تابىئىنلار ساھابىلەرنىڭ شاگىرتلىرى بولۇپ، ئۇلار تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىنى ساھابىلەردىن ئۆگەنگەن ۋە ساھابىلەر قوللانغان پىرىنسىپلارنى قوللانغان بولۇپ، ئۇلار ئاۋۋال ئايەتنى ئايەت بىلەن تەپسىر قىلىش، بۇ مۇمكىن بولمىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەپسىر قىلىش، ھەدىس تېپىلمىغاندا ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەپسىر قىلىش، ئۇمۇ بولمىغاندا، ئۆز ئىجتىھادى بىلەن تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. تابىئىنلارنىڭ تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى كېيىنچە كېڭىيىپ بېرىپ، ئەھلى كىتابقا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەرنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تەپسىر قىلىدىغا دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئارىدا ئۇلار تەپسىرلىرىگە (ئىسرائىلىيات) دەپ ئاتالغان نۇرغۇنلىغان خۇراپاتلارنى كىرگۈزۈۋەتكەن. تابىئىنلاردىن چىققان مۇپەسسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى: مۇجاھىد ئىبنى جەبرى، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەتا، ئىكرىمە، ھەسەن بەسرى، زەيد ئىبنى ئەسلەم، قەتادە، مۇھەممەد ئىبنى كەئب ئەلقەرزى، ئەبۇل ئالىيە رىياھى ئامىر شەئبى قاتارلىقلاردۇر .
 
تۆتىنچى باسقۇچ: تەپسىرنىڭ توپلىنىشى
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا، كېيىن ساھابىلەرنىڭ زامانىدا، ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن تابىئىنلارنىڭ دەۋرىدە قىلىنغان تەپسىرلەر ھەممىسى دېگۈدەك ئاغزاكى رىۋايەت تەرىقىسىدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، توپلىنىپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈلمىگەن. پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندا توپلانغانلىرى بار بولۇپ، ئۇلار بىر قانچە ئايەتنىلا ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەدىسلەرنىڭ توپلىنىشقا باشلىشى بىلەن تەپسىرلەرمۇ كىتاب ھالىغا كېلىشكە باشلىغان. ئەمما تەپسىرنىڭ كىتاب ھالىغا كېلىش جەريانى تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەن:
 
بىرىنچى: تەپسىرنىڭ ھەدىس توپلاملىرى قاتارىدا توپلىنىشى
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى توپلىنىشقا باشلىغاندا، قىسمەن تەپسىرلەرمۇ ھەدىس توپلاملىرىنىڭ بابلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇستەقىل تەپسىر بولماستىن، پەقەت ھەدىسنىڭ تاھارەت بابى، ناماز بابى، ھەج بابى دېگەنگە ئوخشاش بۆلەكلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈپ توپلانغان.
 
ئىككىنچى: تەپسىرنىڭ مۇستەقىل توپلىنىشى
 
بۇ باسقۇچتا تەپسىر مۇستەقىل كىتاب ھالىتىدە توپلانغان بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى سۈرىلەرنىڭ تەرتىپى بويىچە تەپسىر قىلىنىپ توپلانغان. ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنى خىلكان قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، تەپسىرنى تۇنجى بولۇپ توپلىغان كىشى ئابدۇلمەلىك ئىبنى جۇرەيج (80 _ 140ھ) دېگەن كىشىدۇر. بۇ باسقۇچتا تەپسىر يالغان مۇپەسسىرلەر ئىبنى ماجە (273ھ)، ئىبنى جەرىر تەبەرى(310ھ)، ئەبۇ بەكرى نىساپۇرى(318ھ)، ئىبنى ئەبۇ ھاتىم(327ھ)، ئىبنى ھىببان(369ھ)، ھاكىم(405ھ) ئىبنى مەردۇۋىيە(410 ھ) قاتارلىقلاردۇر .
 
بۇ باسقۇچتىكى تەپسىرلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى:
 
بۇ باسقۇچتا توپلانغان تەپسىرلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىگە كەلسەك، (1) بۇ تەپسىرلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ساھابىلەرنىڭ ۋە تابىئىنلارنىڭ تەپسىرلىرىنى ئاساس قىلاتتى. (2) بۇ تەپسىرلەر دەسلەپكى مۇپەسسىرگە مەنسۇپ قىلىنغان ھالدا زەنجىرسىمان بايان قىلىناتتى. (3) بۇ تەپسىرلەردە نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەرنىڭ راست يالغانلىقى سۈرۈشتە قىلىنماستىن بايان قىلىناتتى. (4) بۇ تەپسىرلەردە ئەھلى كىتابنىڭ خۇراپاتلىرى(ئىسرائىلىيات) ناھايىتى كۆپ ئورۇن ئالغان .
 
ئۈچىنچى: رىۋايەتلەرنى قىسقارتىپ ئىجتىھاد بىلەن تەپسىر قىلىش
 
بۇ باسقۇچ تەپسىر باسقۇچلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچ بولۇپ، بەزى مۇپەسسىرلەر تەپسىرگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ سەنەدلىرىنى، ئىلگىرىكى ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىنى قىسقارتىۋېتىپ، ئۆزلىرى نەقىل كەلتۈرگەن رىۋايەتلەرنىڭ توغرا، خاتالىقىنى سۈرۈشتە قىلماستىنلا بايان قىلىدىغان بولۇپ قالغان. ئىسلام دۈشمەنلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خەتەرلىك خۇراپاتلارنى، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان رىۋايەتلەرنى بازارغا سالغان. بۇ باسقۇچتا يەنە ئۆز رەئى بىلەن تەپسىر قىلىش، ھەربىر مەزھەبنىڭ مۇپەسسىرى ئۆزىنىڭ مەزھىبىنى كۈچلەندۈرۈپ باشقىلارنى باتىلغا چىقىرىش، ھەتتا ھەركىم ئۆزى مۇتەخەسسىس بولغان ئىلىم ئۈستىدىلا توختىلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن بولۇپ، فەقىھ فىقھى مەسىلىلىرىنىلا، ئەدىب پاساھەتنىلا، تىلشۇناس گراماتىكىنىلا بايان قىلىش بىلەن ئۆز تەپسىرىنى تولدۇرغان. يەنە بۇ باسقۇچتا تەپسىر قىلىش سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىش خاھىشى باش كۆتۈرگەن ئىدى .
 
تەپسىرنىڭ تۈرلىرى
 
تەپسىر ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بىرىنچىسى: مەئسۇر تەپسىر (التفسير بالمأثور)، ئىككىنچىسى: ئىجتىھادىي تەپسىر(التفسير بالرأي) دىن ئىبارەتتۇر.
 
بىرىنچىسى: مەئسۇر تەپسىر
 
مەئسۇر تەپسىر _ ئايەتلەرگە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يېتىپ كەلگەن تەپسىرگە ۋە ياكى ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن تەپسىرگە ئاساسلىنىپ قىلىنغان تەپسىر دېگەنلىكتۇر. بەزى ئۆلىملار مەئسۇر تەپسىرنى: «مەئسۇر تەپسىر _ ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئەڭ توغرا نەقىلگە تايىنىدىغان، دەلىلگە ئاساسلىنىدىغان، ئۆز رەيى بىلەن بويىچە ئىش كۆرۈلمەيدىغان تەپسىردۇر» دەپ تەرىپلىگەن. مەئسۇر تەپسىر بارلىق تەپسىر تۈرلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق تەپسىردە مۇپەسسىر يا ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى يەنە ئۇنىڭ كالامى بىلەن تەپسىر قىلغان بولىدۇ ياكى ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىرى بويىچە تەپسىر قىلغان بولىدۇ. ساھابىلەرنىڭ تەپسىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاساسلانغانلىقتىن، ساھابىلەرنىڭ تەپسىرى بويىچە تەپسىر قىلغانلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەپسىرى بويىچە تەپسىر قىلغان بولۇپ سانىلىدۇ.
 
مەئسۇر تەپسىلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدىن ئۆرنەكلەر:
 
ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدىن تا ھازىرقى زامانىمىزغا قدەر كەلگەن مەئسۇر تەپسىلەرنىڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. تەپسىرى تەبەرى (جامع البيان في تفسير القرآن).
2. تەپسىرى سەمەرقەندى(بحر العلوم).
3. تەپسىرى بەغەۋى(معالم التنزيل).
4. تەپسىر سۇئلەبى(الكشف والبيان عن تفسير القرآن).
5. تەپسىرى ئىبنى ئەتىيە(المحرر الوجيز في تفسير الكتاب العزيز).
6. تەپسىرى سۇيۇتى(الدر المنثور في التفسير بالمأثور).
7. تەپسىرى ئىبنى كەسىر(تفسير القرآن العظيم).
8. تەپسىرى سەئلەبى(الجواهر الحسان في تفسير القرآن).
9. تەپسىرى شەۋكانى(فتح القدير).
10. تەپسىرى شىنقىتى(أضواء البيان في إيضاح القرآن).
 
ئىككىنچىسى: ئىجتىھادىي تەپسىر
 
ئىجتىھادىي تەپسىر _ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقلى كۈچى بىلەن (ئىجتىھاد يولى بىلەن) تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل تەپسىر ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرى، قوبۇل قىلىنىدىغان تەپسىر، يەنە بىرى، قوبۇل قىلىنمايدىغان تەپسىردۇر.
 
قوبۇل قىلىنىدىغان تەپسىر _ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە تايانغان تەپسىر بولۇپ، مۇپەسسىرنىڭ ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلىدىغان، بۇ تىلنىڭ قائىدە ۋە ئۇسلۇبلىرىنى ياخشى بىلىدىغان، شەرىئەت پىرىنسىپلىرىنى ۋە ئەھكاملىرىنى ئوبدان بىلىدىغان بولۇشى شەرتتۇر. مۇپەسسىر بۇ يەردە ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بارچە ئەقلىي ۋە ئىلمىي كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ، ئەرەب تىلىدىكى ۋە شەرىئەت ئىلىملىرىدىكى ماھارىتىنى جارىي قىلدۇرىدۇ. بەزى ئۆلىمالار بۇ خىلدىكى تەپسىرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئاللاھ تائالادىن تىلىگەن تەپسىر تۈرى بولۇشى مۇكىن دەپ قارايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھ! ئۇنى دىندا ئالىم قىلغىن، ئۇنىڭغا تەپسىر ئىلمىنى بىلدۈرگىن»دەپ دۇئا قىلغان. كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇ خىل تەپسىرنى قوللايدۇ.
 
قوبۇل قىلىنمايدىغان تەپسىر _ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ھېچقانداق دىنىي نەقىلنى ئاساس قىلماستىن، پەقەت ئۆز ئەقلىگە ۋە ئۆزىنىڭ خاھىشىغا تايىنىپ تەپسىر قىلىشتۇر. كۆپچىلىك ئۆلىمالار مۇنداق تەپسىرنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىدۇ، مۇنداق تەپسىر قىلىشنى بىدئەت سادىر قىلغانلىق دەپ تونۇيدۇ. چۈنكى مۇنداق تەپسىرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى خاۋارىخ، شىئە، راپىزى، باتىنىيە دېگەندەك ئازغۇن مەزھەبلەرنىڭ مەنسۇبلىرى بولۇپ، ئۇلار «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇن مەزھەبلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ تەپسىر قىلغان. كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇ خىل تەپسىر قىلىشنى قەتئىي ھارام دەپ قارايدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىك ئۆلىمالار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىجتىھادىي تەپسىرلەردىن بەزى ئۆرنەكلەر بېرىلىدۇ.
ئىجتىھادىي تەپسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدىن ئۆرنەكلەر:
 
1. تەپسىرى كەششاف (الكشاف).
2. `تەپسىر رازى (مفاتيح الغيب).
3. تەپسىرى نەسەفى (مدارك التنزيل وحقائق التأويل).
4. تەپسىرى خازىن (لباب التأويل في معاني التنزبل).
5. تەپسىر ئىبنى ھىببان(البحر المحيط).
6. تەپسىرى بەيداۋى (أنوار التنزبل وأسرار التأويل).
7. تەپسىر جەلالەين (تفسير الجلالين).
8. تەپسىرى ئەبۇ سۇئۇد (إرشاد العقل السليم الى مزايا الكتاب الكريم).
9. تەپسىرى ئالۇسى (روح المعاني في تفسير القران العظيم والسبع المثاني).
10. تەپسىرى مەنار (تفسير المنار).
11. تەسىرى فى زىلالىل قۇرئان(في ظلال القرآن).
12. تەپسىرى ۋادىھ (تفسير الواضح).
 
تەپسىر قىلىش ئۇسلۇبى
 
مۇپەسسىرلەر ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئۇسلۇبنى قوللانغان:
1. تەھلىل قىلىپ تەپسىر قىلىش (التفسير التحليلي).
2. ئومۇمىي مەنىسىنى تەپسىر قىلىش(التفسير الإجمالي).
3. سېلىشتۇرۇپ تەپسىر قىلىش(التفسير المقارن)
4. ماۋزۇلارغا بۆلۈپ تەپسىر قىلىش(التفسير الموضوعي).
 
بىرىنچى: تەھلىل قىلىپ تەپسىر قىلىش
 
تەھلىل قىلىپ تەپسىر قىلىشتا مۇپەسسىر ئايەتلەرنى «قۇرئان كەرىم»دىكى تەرتىپى بويىچە تەپسىر قىلىپ، ئايەتتىكى ھەربىر كەلىمە، ھەربىر جۈملىنى گراماتىكا، ئىستىلىستىكا تەرەپتىن ئىنچىكە تەتقىق قىلىدۇ، ھەربىر ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى، ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان شەرىئەت ھۆكمى ۋە ئومۇمىي مەنىسى قاتارلىقلار تەرەپلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. شەكسىزكى، مۇنداق تەپسىر قىلىش ئۇسلۇبى ئەڭ قەدىمىي ئۇسلۇب بولۇپ، تەپسىر يېزىش ئىشى باشلانغان دەسلەپكى چاغلاردا مۇشۇنداق تەپسىر قىلىناتتى.
 
بۇ خىلدىكى تەپسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى:
1. تەپسىرى تەبەرى (جامع البيان في تفسير القرآن).
2. تەپسىرى خازىن(لباب التأويل في معاني التنزبل).
3. تەپسىرى سەئلەبى(الجواهر الحسان في تفسير القرآن).
4. تەپسىرى ۋاھىدى(الوسيط في تفسير القان المجيد).
5. تەپسىرى بەغەۋى(معالم التنزيل).
6. تەپسىرى ئىبنى ئەتىيە(المحرر الوجيز في تفسير الكتاب العزيز).
7. تەپسىرى شەۋكانى(فتح القدير)..
8. تەپسىرى ئىبنى كەسىر(تفسير القرآن العظيم) قاتارلىقلاردۇر.
 
بۇ ئۇسۇلدىكى تەپسىرلەر بەزىسى ئىخچام ھەتتا بىر توملۇق، بەزىسى چوڭ ھەجىملىك ھەتتا ئوتتۇز توملۇق بولۇپ چىققان.
 
ئىككىنچى: ئومۇمىي مەنىسىنى تەپسىر قىلىش
 
ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەنىسىنى تەپسىر قىلىشتا مۇپەسسىر «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىنى بىر قانچە پارچىغا بۆلۈپ چىقىپ، ھەربىر پارچىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ئوچۇقلايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىي تەپسىرىنى قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى تەپسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى:
 
1. تەپسىرى سەئدى (تيسيركريم الرحمن في تفسير كلام المنان).
2. تەپسىرى ناسىرى (التيسير في أحاديث التفسير).
3. تەپسىرى شەلتۇت (تفسير الأجزاء العشرة الأولى) قاتارلىقلاردۇر.
 
ئۈچىنچى: سېلىشتۇرۇپ تەپسىر قىلىش
 
سېلىشتۇرۇپ تەپسىر قىلىشتا مۇپەسسىر بىر ياكى بىر قانچە ئايەتنى تەپسىر قىلىش ئۈچۈن، شۇ ماۋزۇدا كەلگەن ئايەتلەردىن، ھەدىسلەردىن، ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن، تابىئىن ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە مۇپەسسىرلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن ئىبارەت دەلىللەرنى توپلايدۇ. ئاندىن بۇ دەلىللەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، كۆز قاراشلارنىڭ قايسى كۈچلۈك، قايسى ئاجىز ھەممىنى كۆرۈپ چىقىدۇ، ئاندىن دەلىلى ئەڭ كۈچلۈك بولغان كۆزقاراشنى تەرجىھ قىلىدۇ(كۈچلەندۈرىدۇ). بۇ خىل تەپسىر قىلىش ئۇسلۇبىنىڭ مەيدانى كەڭ ۋە تۈرلىرى كۆپ بولىدۇ.
بۇ خىل تەپسىردە ئايەت بىلەن ئايەتنى، ئايەت بىلەن ھەدىسنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئايەتتە مەقسەت قىلىنغا مەنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئايەت بىلەن «تەۋرات» تېكىستلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەۋزەللىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بەزىدە مۇپەسسىرلەرنىڭ بىرەر ئايەت ئۈستىكى بايانلىرىنى ۋە ھەربىرىنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرىنى بىر _ بىرىگە سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق دەلىلى ئەڭ كۈچلۈك بولغاننى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىلغان تەپسىرلەرنىڭ ئەڭ تۇنجىسى تەپسىرى تەبەرىدۇر.
بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ كۆپتۇر. دوكتور مۇررىس بۇكاينىڭ «قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل ۋە ئىلىم» ناملىق ئەسىرى، ئىبراھىم خەلىلنىڭ «تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن مۇھەممەد» ناملىق ئەسىرى بۇنىڭ مىسالى.
 
تۆتىنچى: ماۋزۇلارغا بۆلۈپ تەپسىر قىلىش
 
بۇ ئۇسلۇبتا مۇپەسسىر ئايەتلەرنى «قۇرئان كەرىم»دىكى تەرتىپى بويىچە تەپسىر قىلماي، ئۆزى توختالماقچى بولغان ماۋزۇدا كەلگەن بارلىق ئايەتلەرنى توپلاپ چىقىپ، شۇ ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايەتلەردىكى ئورتاق مەقسەتنى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇبتا تەپسىر قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلانغان بولۇپ، زامانىمىزدىمۇ داۋاملاشماقتا. ئەمما (التفسير الموضوعي) دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھىجرىيە ئون تۆتىنچى ئەسىردىن بېرى قوللىنىلىپ كەلمەكتە. بۇنداق تەپسىر قىلىشنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش، يەنى . بىر ماۋزۇدا كەلگەن ئايەتلەرنى توپلاپ تەپسىر قىلىش، ئەھكام ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلىش بۇنىڭ مىسالى.
 
ماۋزۇلارغا بۆلۈپ تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىمۇ ھەرخىل تۈردە بولغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
 
1. قۇرئاننى قۇرئان بىلەن تەپسىر قىلىش
 
بىر ماۋزۇدا كەلگەن بارلىق ئايەتلەرنى توپلاپ، بۇ ئايەتلەرنى بىر _ بىرى بىلەن تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى تەپسىر قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭ پايدىسى كۆپ ۋە
پەزىلىتى يۇقىرىدۇر.
 
2. ئەھكام ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلىش
 
ئەمەل _ ئىبادەت، مۇئامىلە، قانۇن _ تۈزۈم، ئائىلە، جەمئىيەت قاتارلىق فىقھىي مەسىلىلىرى بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىلا تەپسىر قىلىش ئۇسۇلى قەدىمىي ئۇسۇللاردىن بولۇپ، بۇ ماۋزۇدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
 
(1) ئەللام مۇھەممەد ئىبنى جەرىر تەبەرىنىڭ «ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ توپلىمى» (الجامع لأحكام القرآن) ناملىق ئەسىرى.
(2) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى رازى جەسساسنىڭ «قۇرئان ئەھكاملىرى» (أحكام القرآن) ناملىق ئەسىرى.
(3) ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەل ئەرەبىنىڭ «قۇرئان ئەھكاملىرى» (أحكام القرآن) ناملىق ئەسىرى.
(4) مۇھەممەد سىددىق ھەسەننىڭ «ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى» (نيل المرام من تفسير أيات الأحكام) ناملىق ئەسىرى.
 
3. ئايەتلەرنى ئوخشاشلىرى بىلەن تەپسىر قىلىش
 
بۇنىڭدا مۇپەسسىر «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىكى بىرەر سۆزنىڭ مەنىسى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ سۆز ئىشلىتىلگەن ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىنى قىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلداس يېزىلغان تەپسىرلەرمۇ كۆپ بولۇپ، ئەڭ بېشىدا مۇقاتىل ئىبنى سۇلەيماننىڭ «قۇرئاندىكى ئوخشاشلار» (الأشباه والنظائر في القرآن) ناملىق تەپسىرىدۇر.
 
4. تەپسىر تەتقىقاتى
 
بۇ خىل تەپسىردە مۇپەسسىر بىرەر ماۋزۇدىكى بارلىق ئايەتلەرنى توپلاپ چىقىپ، شۇ ماۋزۇدىلا تەپسىر يېزىش. منەسىلەن: مەنىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتلەر، قەسەم، مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس ئايەتلەر، قىسسىلەر قاتارلقىلاردۇر. بۇ ئۇسۇلدا يېزىلغان تەپسىرلەرمۇ كۆپ بولۇ، مەشھۇرلىرى:
 
(1) ئەبۇ ئۇبەيدە ئەلقاسىم ئىبنى سالامنىڭ «قۇرئاندىكى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ۋە ئەمەلدىن قالغۇچى ئايەتلەر» (الناسخ والمنسوخ) ناملىق ئەسىرى.
(2) ئەللامە ئىبنى قۇتەيبەنىڭ «قۇرئاندىكى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس ئايەتلەر» (تأويل مشكل القرآن) ناملىق ئەسىرى.
(3) ئەللامە ماۋەردىنىڭ «قۇرئاندىكى قىسسەلەر» (أمثال القرآن) ناملىق ئەسىرى.
(4) ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزىنىڭ «قۇرئاننىڭ بۆلەكلىرى ھەققىدە بايان» (التبيان في أقسام القرآن) ناملىق ئەسىرى.
(5) ئەللامە ئىز ئىبنى سالامنىڭ «قۇرئاندىكى ئىخچام ئىپادىلەش سەنئىتى» (مجاز القرآن) ناملىق ئەسىرى قاتارلىقلار.