ئىسلام ئالىملىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئىلان قىلدى

ئىراق ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، نەچچە ئونلىغان ئىسلام ئۆلىمالىرى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا قامالغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاياللىرىغا جىددىي ياردەم چاقىرىقى قىلغان.

دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئون نەچچە مۇسۇلمان دىنىي زات ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ تەشكىلاتلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئاياللارنى خالىغانچە قولغا ئېلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، جازا لاگېرلىرىدىكى سىستېمىلىق باسقۇنچىلىقنى ئەيىبلىگەن.

باياناتتا، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قىينىغانلىقى ۋە سىستېمىلىق پاراكەندە قىلغانلىقىنى دەلىللىگەنلىكى، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن قۇتقۇزۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

باياناتقا ئىمزا قويغۇچىلار:

لىۋىيە ئۆلىمالار جەمئىيىتى
مۇسۇلمان ئالىملار جەمئىيىتى
لىۋىيە دار ئەل ئىفتا
ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار جەمئىيىتى
سۈرىيە ئالىملىرى جەمئىيىتى
پەلەستىن ئۆلىمالار جەمئىيىتى
سېنېگال ئىماملار ۋە دەۋەتچىلەر جەمئىيىتى
سېنېگال ئىسلام يىغىلىشى
پەلەستىن تەشەببۇس مۇنبىرى 
لىۋان پەلەستىن ئالىملىرى جەمئىيىتى
پەلەستىننى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بىرلەشمىسى
ئىسلام بىرلەشمىسى جەمئىيىتى - لىۋان
ماراكەش ئۆلىمالار جەمئىيىتى
دار ئەل ئۇلوم زاھىدان ئۇنىۋېرسىتېتى - ئىران
قۇددۇس ۋە پەلەستىننى قوللاش دائىمىي كومىتېتى
پەلەستىن ئالىملىرى مۇنبىرى - غەززە

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى