دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى بايانات ئىلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىنايەت ۋە قىلمىشلارنىى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا: «خىتايدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك قاماق جازاسى ۋە قىيىن-قىستاق، ئۇلارنى دىنىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئاتېئىزىمچى بولۇشقا مەجبۇرلاش، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش» قىلمىلشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا، مېدىيالاردا ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تەدرىجىي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشتەك تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرى ۋە جىنايەتلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى بۇ قىلمىشلاردىن ۋاز كېچىش، مۇسۇلمانلارغا قانۇنلۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھوقۇقى بېرىش، ئۇلارغا قارىتىلغان ھەر خىل ناھەقچىلىكلەرنى تۈگىتىش تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام دۆلەتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئاداش قىلىشقا ۋە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىلغان.
باياناتتا، ئىتتىپاقنىڭ «ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئەتراپلىق ۋە ئادىل مۇرەسسەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇشقا، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇلسا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ۋە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئالاقە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى» بىلدۈرۈلگەن.
2021- يىلى 11- مارت