«بىز خۇددى ئۇرۇشتىكى دۈشمەنلەردەك بولۇپ قالدۇق»
خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان) مۇسۇلمانلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرى
ئاساسى مەزمۇنى
2017 -يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ”تېرورلوق“ قا قارشى تۇرۇش قالپىقى ئاستىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى (شىنجاڭ)
مۇسۇلمانلارغا قارىتا كەڭ-كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا. ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقان يولى تېرورلوق تەھدىتىگە قارىتا قانۇنلۇق
ئىنكاس قايتۇرۇش بولماستىن، بەلكى كوللېكتىپ ھالدا شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى
ئاساس قىلغان، چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق ۋە تەھدىت ۋاستىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىسلامىي دىننىي ئېتىقادى ۋە تۈركى -
مۇسۇلمانلىق ئېتنىك مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش نىيىتىنى ئاشكارىلىماقتا. ھۆكۈمەت دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان دىنسىز
كۆز قاراشلارنى بۇ ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ئورنىغا قويۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي
ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئوخشاش بىر تىلغا، مەدەنىيەتكە ئىگە ھەم خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ھەر دائىم سادىق بولىدىغان
بىرلىككە كەلگەن خىتاي مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلماقتا.
بۇ سىياسىي سىڭدۈرۈش ۋە مەجبۇرى مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت خالىغانچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن
قىلىشنى قانات يايدۇردى. مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەردىن بولغان ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئەر-ئاياللار تۇتۇلۇپ
كەتتى. ئۇلار تۈرمىلەرگە قامىغان يۈز مىڭلىغان كىشىلەر، شۇنداقلا ئاتالمىش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاتىلىۋاتقان ”تەربىيىلەش“ ياكى ”مائارىپ“ نامىدىكى
مەركەزلەرگە قامالغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ سانى يۈز مىڭ ھەتتا بىر مىليوندىن ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئورۇنلارنى ئەڭ توغرىسى ”يىغىۋېلىش
لاگېرلىرى“دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇ لاگېرلاردىكى مەھبۇسلار ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەشكە دۇچار بولۇپلا قالماستىن، يەنە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن
قىيناش ۋە تۈرلۈك زۇلۇم ۋە خورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ.
جازا لاگېرلىرى سېستىمىسى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئاسمىلياتسىيە قىلىشتەك زور ھەرىكەتنىڭ بىر
قىسمى. خىتاي ھۆكۈمىتى شىجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق چەكلەيدىغان باشقا كەڭ دائىرىلىك تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ماقۇللىدى.
بۇ سىياسەتلەر نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئەركىنلىكى، شەخسىي
مەخپىيەتلىكى، سەپەر قىلىش ئەركىنلىكى، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى، چۈشەنچە، غورۇر، ئېتىقاد ۋە بىلىش ئەركىنلىكلىرى؛ كەمسىتىلىشتىن خالى
بولغان باراۋەر ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرى بىلەن ياشاش ھوقۇقلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەخلى تەرۇزلەر شۇنچىلىك كەڭ دائىرىدە
ئومۇملاشقان ۋە سېستىمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قىلمىشلار شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان مىليونلىغان مۇسۇلمان ئاز
سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان، توختىتىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر رەھىمسىز رېئاللىققا ئايلانماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك توغرا ئۇچۇرلارنىڭ ئىگىلىنىپ، ھۆججەتلەشتۈرۈلۈشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن
رادىكال بولغان چەكلەش تەدبىرلەرنى ئالغاچقا، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ناھايىتى قىيىن
بولماقتا. 2019 -يىلى ئۆكتەبىردىن 2021 -يىلى مايغىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سابىق مەھبۇسلار ۋە 2017 -يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا
تۇرغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بۇرۇن خەلققە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىمىگەن ئىدى. بولۇپمۇ
2017 -يىلىدىن بۇيان، سابىق مەھبۇسلارنىڭ بەرگەن ئاممىۋىي گۇۋاھلىقلىرى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە
ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ بارلىق ئاممىۋىي گۇۋاھلىق ئىسپاتلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى توپلىغان دەلىل - ئىسپاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە تۆۋەندىكىدەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى
سادىر قىلغانلىقىنى پاكىتلار ئاساسىدىكى يەكۈن بىلەن تەمىنلەيدۇ: خەلقارا قانۇننىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ تۈرمىگە تاشلاش ياكى
جىسمانىي ئەركىنلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە مەھرۇم قىلىش، قىيناش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەينى ۋاقىتتا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلىپ، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن 55 كىشىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلارنىڭ
ھەممىسى پۈتۈنلەي قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان ھەرىكەتلەر، مەنتىقلىق ئۆلچەملەرگە چۈشىدىغان ئىشلار تۈپەيلى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، يەنى
خەلقئارادا ئېتىراپ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن تۇرۇقلۇق تۇتۇلغان. بۇ يىغىۋېلىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشلىرى خىتاي جىنايى ئىشلار
ئەدلىيە سىستېمىسى ياكى باشقا يەرلىك قانۇنىنىڭ سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. رەسمىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ھۆججەتلەر
ۋە بايانلارغا قارىغاندا، لاگېرلاردىكى كىشىلەر ”ئىختىيارىي“ كەلگەن بولۇپ، جىنايەتچى بولمىغاچقا، ئۇلارغا جىنايى ئىشلار قانۇن تەرتىپىنى قوللىنىش
نامۇۋاپىق دەپ قارىلىدىكەن. بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنغان گۇۋاھلىقلار ۋە باشقا دەلىل-ئىسپاتلاردا شۇنى كۆرسىتىدىكى، لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغانلار ئۆز
ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەنلەر بولماستىن، يەنە ئۇ يەردىكى شارائىتلار ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتنى خورلىغانلىق قىلمىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International)
2021- يىلى ئىيۇن
مەزكۇر دوكلات ئىنگىلىزچە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خىتايچە، تۈركچە ۋە ئەرەبچە قاتارلىق كۆپ خىل تىلدا ئاساسىي مەزمۇنى بېرىلگەن.
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرچە ئاساسىي مەزمۇنىنى ئوقۇش:
https://xinjiang.amnesty.org/wp-content/uploads/2021/06/01497_AIC_2021_Summary_UG_Uighur.pdf
دوكلاتنىڭ تولۇق قىسمىنى ئوقۇش: