بۇلاپ كېتىلگەن خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان

ئەلمەدىنە گېزىتى: 2012-7-26- كۈنى

يازغۇچى: تالال قەشقەرى

خىتاي بۇ كۈنلەردە بىر خىتاي دادىنىڭ يىگىرمە تۆت يىل ئىلگىرى ئادەم ئەتكەسچىلىكى شايكىلىرى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن ئوغلىنى تاپقانلىق ۋەقەسى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى بۇلاپ كېتىلگەندە ئىككى ياشتا بولۇپ، ئۇ تېپىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا غايەت زور ھېسداشلىق دولقۇنى قوزغالدى. «غايەت زور» دېدىم، چۈنكى خىتتاينىڭ نوپۇسى 1 مىليارد 500 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئەگەر بىز يېرىم مىليارد ئادەمنى بۇ ۋەقەنى بىلمەيدۇ دەپ پەرەز قىلساق، بىر مىليارد ئادەمنىڭ ھېسداشلىقى غايەت زور ھېسداشلىق دولقۇن بولۇش ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ.

مەنمۇ ئۇ ئاتا-بالىغا ھېسداشلىق قىلدىم، بۇ مېنىڭ ئىنسانلىق بۇرچۇم. ئىنسانلار دىنىداش، قان-قېرىنداش بولمىسىمۇ، بىر-بىرىگە ھېسداشلىق قىلىش، ياخشى-يامان كۈنلەردە مىننەت ۋە رىياكارلىق قىلماستىن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇش ۋەزىپىسى بار.

ئوخشاشلا، مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئەنە شۇ خىتتاي ئاتا-بالىغا ھېسداشلىق قىلدى. مەن بۇنى بىلىپ دەۋاتىمەن. چۈنكى ھېچقانداق بىر مۇسۇلمان، گۇناھسىز كىچىك بالىنى بۇلاپ كېتىپ 20 نەچچە يىل ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىدىن ۋە تەربىيىسىدىن مەھرۇم قىلىش جىنايىتىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

شۇڭلاشقا، خىتاينىڭ بىر مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ھېسداشلىقىغا مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستاننى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوينىغا قايتۇرۇش ئارقىلىق چىرايلىق جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى خىتتاي شەرقىي تۈركىستاننى 20 نەچچە يىل ئىلگىرى ئەمەس، بەلكى نەچچە ئون يىل ئىلگىرى بۇلاپ كەتكەن، ئۇنىڭدىكى ئۆزىنىڭ بۇلاپ كېتىلگەن ۋەتىنىنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، گىتلېر دەۋرىدىكى ناتسىستلارنىڭ لاگىرلىرىغا ئوخشاش لاگىرلارغا سولىۋالدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى لاگىر، تۇرمىلاردا ئۆلتۈردى. ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرى بۇلاپ كېتىلىپ، كۆپىنچىسى كالا ئېغىلى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلامىي مىراسلىرى بۇلاپ كېتىلدى، قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلىرىنى تارقىتىش چەكلەندى. ئىبادەتلىرىمۇ بۇلاپ كېتىلدى، روزا تۇتۇش ۋە ھەج قىلىشنى چەكلەندى. قىز-ئاياللىرىنى بۇلاپ كېتىپ، مۇسۇلمان ئەمەس، بەلكى بۇددىست ۋە ئاتىزىمچى خىتتايلارغا زورلاپ ياتلىق قىلىندى. بالىلىرىنى بۇلاپ كېتىپ، مۇسۇلمان ئائىلىلىرىدىن ئايرىپ،ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتتاي ئائىلىلىرىنىڭ قولىغا تاشلاپ بىرىلدى.
بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ بۇلاش جىنايىتىدۇر.

ھەتتا كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئامېرىكا خىتتاي ئاتا-بالىغا ھېسداشلىق قىلدى، شۇنداقلا روسىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھېسداشلىق قىلدى. خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە مەزكۇر تەرەپلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى، ئاشۇ خىتتاي ئاتا-بالىغا ھېسدشلىق قىلغاندەك، بۇلاپ كېتىلگەن شەرقىي تۈركىستاننى قايتۇرۇشقا ئاكتىپ ۋە ئادالەتلىك ھېسداشلىق قىلىشتۇر.
چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ھېسداشلىق قىلىشقا بەكراق ھەقلىقتۇر.

تالال قەشقەرىي:
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر بولۇپ، ئەلمەدىنە گېزىتىدە كۈنلۈك ماقالە يازىدۇ.