ئىگىلىنىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى 5-ئايدا خىتايغا بېرىشقا كېلىشكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلماقچى ئىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 8-مارت سەيشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا سىنلىق شەكىلدە سۆز قىلغاندا، «مەن يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن 5-ئايدا پىلانلانغان زىيارەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىمىزنى خۇشاللىق بىلەن جاكارلايمەن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، باچېلېت تۇنجى قېتىم 2018-يىلى خىتاينىڭ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىش مۇددىئاسى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆپ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بېرىش ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات تەييارلاۋاتقانلىقى ۋە بۇ «دوكلاتنىڭ پۈتەي دەپ قالغانلىقى» خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ئورگان دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلارنى دەلىللىگەن ئىدى.
2021-يىلى 19-يانۋار، شۇ ۋاقتتىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گوللاندىيە، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى.
لوندوندا قۇرۇلغان مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى ئۆتكەن يىلى ئىيۇن ۋە سىنتەبىردە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 12-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بۇ يىل فېۋرالدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2022 قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلدى.
2022-يىلى 8-مارت