ئامېرىكىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

ئامېرىكىدا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدا ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان ۋە پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن ئېتىبارەن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ قانۇنغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىپ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئامېرىكا تاموژنىسىدا قاتتىق تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلىقنى «قايىل قىلارلىق دەلىللەر» بىلەن ئىسپاتلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى باشقا جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولسىمۇ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى رەسمىي چەكلىنىدۇ. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەقتە بايانات ئىلان قىلىپ، خىتايدىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپلىىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندچىلىكىگە قارىتا ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش، يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى بويىچە مالىيە جازاسى بېرىش ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى كۆرسەتتى. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلىنىڭ بېىشىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلان قىلغاندىن بۇيان، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى، شۇنداقلا كىىشلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوخشاش خۇلاسىنى چىقاردى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ كونكرېت مىساللىرىدىن بىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان دوكلاتلار ئىلان قىلىندى. 

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدىكى باياناتىدا ئالاقىدار تەييارلىقلارنىڭ پۈتۈپ بولغانلىقىنى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى 21-ئىيۇندىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇزۇن مۇددەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا رەسمىي ماقۇللانغان ۋە يېرىم يىل تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن مەزكۇر قانۇن 21-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقارغان پاختا، پەمىدۇر ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى بولغان كۆك تاش، يەنى پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ «نۇقتىلىق تەقىب قىلىش» نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ قېتىمقى قانۇن ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ چېتىلىش كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن كەڭ بولۇشى، ئۇنى تەكشۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۈشكۈللۈكى، رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق ماتېرىيال ياكى مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغىنىش خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چىقىشى قىلغان. شۇڭا، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى شىركەتلەردىن ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئائىت «ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر» بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

نۆۋەتتىكى مەسىلە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ بۇ قانۇننى كونكرېت قانداق ئىجرا قىلىشىدا قالدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرا كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ماركو رۇبىئو بايدىن ھۆكۈمىتىنى بۇ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ماركو رۇبىئو ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. 

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنىڭ كونكرېت قوللانمىسىنى ئېلان قىلىپ، شىركەتلەرنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلاشنىڭ كونكرېت تەپسىلاتلىرىنى چۈشەندۈرگەن. قوللانمىدا، پاختا، پەمىدۇر، شۇنداقلا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ ھالقىلىق ماتېرىيالى بولغان كۆكتاش يەنى پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىل كوتېگورىيەدىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئائىت تەپسىلاتلار تەمىنلەنگەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە-شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى 3-دۆلەتتە پىششىقلاپ ئىشلەپ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ نازارىتىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ئېھتىماللىقىدۇر.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنسا ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ «ئامېرىكا ئاۋازى»غا قايتۇرغان ئىلخەتتە، «مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تەمىنلەش زەنجىرى ۋە سودا سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى» ئېيتقان. 

2022-يىلى 21-ئىيۇن