ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(UHRP) 16- نويابىر ئىلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» (Forced Marriage of Uyghur Women: State Policies for Interethnic Marriages in East Turkistan) سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتتلىرى، دائىرىلەر تەستىقلىغان ماتېرىياللار ۋە ئىسپاتلار، شۇنداقلا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇشنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئىجرا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتقا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى تېپىپ لاگېرلارغا قامىغان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە باشقا جايلارغا يۆتكىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا قستاپ، بۇنى سىياسەت سۈپىتىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىش، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىنىش، مائارىپ تولۇقلىمىسى ئېلىش، خىزمەت ۋە داۋالىنىش كاپالىتىگە ئېرىشىشى قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەگەر خىتاي ئەرلىرى توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان قىزلار ياكى قىزلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توي قىلىشنى رەت قىلسا، جازا لاگېرلىرىغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ خىل سىياسەت، ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تاكتىكا، دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە «بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش» قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ بىۋاسىتە قۇربانى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان جىنسىي زوراۋانلىق، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تويلىشىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارنى ئاساس قىلغان جىنايەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرىي ۋە تەشۋىقات خاراكتېرلىك تويلاشتۇرۇشنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھېلىھەم خىتاي ھۆكۈمىتى سىستېمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي تويلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئەمما ھازىرغىچە ھېچبىر دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنسىي زوراۋانلىققا قارىتا جازا تەدبىرى يۈرگۈزمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرا ئىيە رەئىسى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە ئىلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ دوكلات بۇنىڭ جىنسىيەت ئاساسىدىكى بىر زوراۋانلىق ئىكەنلىكىنى پاش قىلىپ بېرىدۇ. ئالاقىدار دۆلەتلەر، ب د ت ئورگانلىرى ۋە ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك» دېدى.