خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ چىقىپ تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن يەنە بىرىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ يىل فېۋرالدا بىر ئۇيغۇر دادا تۈرمىدە كېسەل سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 1982-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە توغۇلغان 41 ياشلىق مەتتوختى مەتقۇربان تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، 21-ئاپرىل جۈمە كۈنى تايلاند مۇسۇلمانلىرى بىر مەسچىتتە ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرگەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەتتوختى مەتقۇربان ئاشقازان كېسىلى بىلەن قىينىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ يېتەرلىك داۋالاش ئىمكانىيىتىگە ۋە دورىغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ رامىزاننىڭ دەسلەپكى 15 كۈنىدە روزا تۇتقان بولۇپ، كېيىن كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىپ نورمال تاماق يېيەلمەس بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ، دوختۇرلار ئۇيقۇ دورىسى بېرىپ داۋالاشنى ئارقىغا سوزغان.
نۆۋەتتە، تايلاند تۈرمىسىدە يەنە 54 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئەندىشە قوزغىماقتا. مەلۇم بولغىنىدە، 2013 ۋە 2014-يىللىرى خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلاردىن نەچچە يۈز كىشى تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان. ئۇلاردىن 109 كىشى 2015-يىلى 7-ئايدا خىتايغا قايتۇرۇلغان، ئارقىدىن ئاياللار ۋە بالىلاردىن بولۇپ 180دىن ئارتۇق كىشى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن. قالغان ئونلىغان كىشى 10 يىلغا يېقىن ۋاقتتىن بۇيان تايلاندنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى تۈرمە ۋە كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
2014-يىلى 1-ئايدا ئائىلىسى بىلەن خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ۋە شۇنىڭدىن بېرى تايلاندنىڭ بانكوك شەھىرىدىكى بىر كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن گۇمالىق باققال ئابدۇلئەزىز ئابدۇللا، 12-فېۋرال كۈنى ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ئىدى.
2023-يىلى 2-فېۋرال