ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى»نى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بارماقتا. شۇلاردىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىش بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا ئىلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ساياھەت شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت مۇلازىمىتى تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىرغان. 

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 30-ئاۋغۇست «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارالىق ساياھەت پائالىيەتلىرى» سەرلەۋھەلىك يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا، خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت تەشكىللىشىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى يۆگەشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سەۋەب بىلەن ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

دوكلاتتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە ساياھەت قىلىدىغان مۇلازىمەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويغانلىقى، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ساختا تەشۋىقاتىغا ياردەم قىلغانلىق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى داۋاملىشىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى يوق قىلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بېرىشنىڭ جىنايەتكە كۆز يۇمۇشلا ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دوكلاتنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت مۇلازىمىتى تەمىنلەۋاتقان خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى تەكىتلىگەن:

1. داڭلىق خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرى ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2. قەشقەر، تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە باشقا ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى بېكەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە چېتىشلىق بولۇپ، بۇلار دىنىي ئېتىقاد ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش، ماددىي ۋە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركيي مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ئىرق ئارخىپى تۇرغۇزۇش، نازارەت قىلىش، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

3. ساياھەت شىركەتلىرى ساياھەت ئىستېمال مەقسىتىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «چەتئەللىكلەرگە» قاراتقان بايانلىرىنى تەكرارلايدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.

4. بۇ ساياھەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى زىيارەتچىلەرنى نامۇۋاپىق ۋە مەسىلە بار «تەجرىبە» بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىش دېگەندەك، بىخەتەرلىك ۋە دۆلەتنىڭ كونترول قىلىش مۇھىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئائىلىلەر بۇنى رەت قىلالمايدۇ. بۇ شەخسىي مەخپىيەتلىككە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆيلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆزىتىش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ياردە قىلغانلىق بولىدۇ. 

5. بۇ ساياھەت شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ۋاستىلىك قوللايدۇ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «ئۇيغۇر كىملىكى»نىڭ تامان رەت قىلىنىشىنى كۈچەيتىدۇ. 

6. ساياھەت شىركەتلىرى ۋە سودا جەمئىيەتلىرىگە قىلىدىغان يەتتە تۈرلۈك تەۋسىيە شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە شىركەتلەرنىڭ ئىچكى، سانائەت ۋە خەلقئارا مۇھىت، ئىجتىمائىي ۋە باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.