ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»نىڭ 15-نۆۋەتلىكى ۋە 6-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» 30 دىن كۆپ دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 22-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە ئىستانبۇلدا داۋاملىشىپ غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
23-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇنقى ئېچىلىشتا رەئىس ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مېھمانلار، مۇئاۋىن مىنستىرلار، پىرېزىدېنت باش مەسلىھەتچىلىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ مۇھاكىمە يىغىنى شەكلىدە داۋام قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئاۋىستىرالىيە جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋاملاشقان مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى، تەتقىقاتچى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى «ياۋرۇپا –خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنى دەۋايىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش پۇرسەتلىرى» ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
ئارقىدىن سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى دوكتور ئىسام ئابدۇششافى «ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» ۋە 27 دۆلەتنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە توختالدى.
ئارقىدىن پروفېسسور دوكتور مۇھەممەد ئەفانى سەللاھ «ئاسىيا ئەللىرى ۋە خىتاي مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە بۇ دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش يوللىرى ھەققىدە» توختالدى.
كېيىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان مەزكۇر دۆلەتلەرگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
24-سېنتەبىر داۋام قىلغان يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى بۆلۈمىگە پىشقەدەم ژۇرنالىست سىراجىددىن ئەزىزى رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» باش تېما قىلىنغان ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «خىتاي دۆلەت ئستراتېگىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» تېمىسىدا، تۈركىيەدە ۋە خەلقئارادا تونۇلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور قادىر تەمىز ئەپەندى «رايون ۋە خەلقئارالىق ئامىللارغا بىنائەن خىتاينىڭ كەلگۈسى ئەھۋالى» تېمىسىدا،
مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئىسمائىل ئەپەندى «جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» تېمىسىدا، دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىنىڭ ئىجتىمائى ئامىللىرى ۋە ئۇنىڭ سىياسى ھەركەتكە بولغان تەسىرى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېىسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت «تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى» تېمىسىدا ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرىشىت ئەمىنھاجى «شەرقىي تۈركىستان كىرىزىسى؛ ئىشغالىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا مىساللار بىلەن تەپسىلىي توختالدى.
ئارقىدىن ھەرقايسى لېكسىيە سۆزلىگەن ئۇستازلار يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈمى «شەرقىي تۈركىستان داۋاسى؛ ھەل قىلىش تەكلىپلىرى» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور دوكتور ۋەلىد تابتابائى «خىتاينىڭ ئەرەب دۇنياسى ئىستىراتېگىيەسى ۋە ھەل قىلىش تەكلىپلىرى» تېمىسىدا، كانادا شەرقىي تۈركىستان فېدراتسىيەسى رەئىسى ۋە پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى: خەلقئارا قانۇندا ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇش ئۇسۇللىرى» تېمىسىدا، يازغۇچى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىسلاھات تەكلىپلىرى» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» تېمىسىدا توختالدى ۋە ئاخىرىدا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر يىغىن ئەھلىنىڭ ھەرخىل سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
شۇنداقلا يىغىننىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى مۇھىم شەخسلەر، ئاكادىمىكلار، چەتئەللەردىن كەلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى كۈچلۈك نۇقتىلار، ئاجىز تەرەپلەر، پۇرسەتلەر ۋە تەھدىتلەر قاتارلىق تېمىلاردا ئايرىم -ئايرىم گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ SWOT ئانالىزى قىلىشتى ۋە مەزكۇر ئانالىزلارغا ئاساسلانغان ھالدا ئۇيغۇن ھەل قىلىش چارىلىرى تەۋسىيە قىلىندى.
يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى 25- سېنتەبىر ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز گۇرۇپپىلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان تېمىلارنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى.
ئارقىدىن ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى تۈركىيەدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسىنىڭ يىغىن ئەھلىگە يوللىغان سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە «يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيىسى ۋە خىتايدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور سەيجى نىشىخارا ۋە «شەرقىي تۈركىستان؛ كوممۇنىست پارتىيىسى ئىدارىسىدە ئۆتكەن 70 يىل» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ياپونىيە خوسەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور جۇن كاماكۇرا ئەپەندىلەر ئايرىم-ئايرىم يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلدى.
ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇشى ۋە پروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباينىڭ تەسىرلىك دۇئاسى ۋە ئوپچە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈش بىلەن 15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 6-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى.
2023-يىلى 26-سىنتەبىر