بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئىچكى -تاشقى يۈزى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بېرنىس چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى يۈيۈەن باغچىسىدا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن چارشەنبە كۈنى كەچتە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا خۇشال بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشتى ۋە پەيشەنبە كۈنى نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شاڭخەي مەكتەپ ھويلىسىدا ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.

ئەمما ئۇنىڭ ھەپتىدىكى خىتاي زىيارىتى جەريانىدىكى خۇشاللىنارلىق ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا، ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىد دەپ قارىغان بەزى ساھەلەردە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن تەدبىر قوللانماقتا. بۇلار بولسا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.

بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قانچە ئىقتىسادىي تەدبىرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا كىرىشىنى چەكلەپ، ئامېرىكا تېخنىكىسىغا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنى ئەرزان ئىمپورتتىن قوغداش ئۈچۈن، خىتاينىڭ پولات-تۆمۈر، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ۋە باشقا مۇھىم مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاينىڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئېرىشىشىنى تېخىمۇ چەكلەپ، بېيجىڭنىڭ جەڭ مەيدانىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان مۇرەككەپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

بۇ ھەپتە، پارلامېنت يەنە تىكتوكنىڭ خىتايدىكى خوجايىنى ByteDance نىڭ توققۇز ئايدىن 12 ئايغىچە بۇ دېتالنى سېتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان، ئەكسى تەقدىردە ئامېرىكىدا چەكلىنىشكە دۇچ كېلىدىغان قانۇننى ماقۇللىدى. گەرچە سوتتا خىرىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما پرېزىدېنت چارشەنبە كۈنى بۇ قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويدى.

بىلىنكېن پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئالاقىنىڭ قىممەتلىك ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ خەلقىمىز ئالدىدا ۋە دۇنيا ئالدىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار».

شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شاڭخەي شۆبىسىدە ئوقۇغۇچىلارغا، ئۇلار قاتناشقان مائارىپ ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇرەككەپ ۋە قارشىلىشىش مۇناسىۋىتىنى «باللاست» بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

پرېزىدېنت بايدىن ئۆتكەن يىلى نويابىردا كالىفورنىيەدە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن بۇيان، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ مۇقىملاشقاندەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا تالاش-تارتىشىدا كۆرۈلگەن ئوڭۇشسىزلىقلار كۆرۈلمىدى.

ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى يەنىلا خىتاي بىلەن تېخىمۇ قاتتىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى يولغا قويماقتا.

بۇنىڭ ئىچىدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىغا چەكلىمە قويۇشمۇ بار، ھەر ئىككى تەرەپ بۇنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ گەۋدىلىك مەسىلە دەپ بېكىتتى. بايدىن ھۆكۈمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېكسپورتنى كونترول قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ خىتاي پەن-تېخنىكا ماگناتى خۇاۋېينىڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلىۋاتقان زاۋۇتلاردا.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تېلېفونلاشقان بولۇپ، ھەر ئىككى رەھبەر تېخنىكا كونترول قىلىشنى ھەل قىلغۇچ مەسىلە دەپ بېكىتتى. ئاقساراينىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن ئامېرىكىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ چەكلىمەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: خىتايغا يېڭى جازا يۈرگۈزۈش «خەتەرنى يوقىتىش» ئەمەس، بەلكى خەتەر پەيدا قىلىش. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ ئەگەر ئامېرىكا «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەرەققىياتىنى باستۇرۇش ۋە خىتاينى قانۇنلۇق تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا بەل باغلىسا، بىزمۇ قاراپ ئولتۇرمايمىز» دېگەن.

خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىكتوكقا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىدىن شىكايەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى غەرب ئىجتىمائىي ئالاقە مۇلازىمىتىنى نەچچە ئون يىل چەكلىدى. ئالما ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭنىڭ WhatsApp ۋە Threads نى ئەپ دۇكىنىدىن چىقىرىۋېتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتايدا سودا قىلىۋاتقان 270 ئامېرىكا شىركىتىدىن تەشكىل تاپقان ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى 2022-يىلى ئامېرىكىدا 900 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنىنى قوللىغان، لېكىن 2023-يىلى خىتاي ئىقتىسادىدىكى تۆۋەنلەش، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ۋە باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن ئېسكپورت تۆۋەنلىگەن.

بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى كرايگ ئاللېن (Craig Allen) مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاشۇ تەسىر كۈچكە ئىگە كىشىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى شىتات ۋە سايلام رايونلىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ، ئۇلار ئامېرىكا-خىتاي سودا سىياسىتىدە بۇنى ئەستايىدىل ئويلىشىشى كېرەك».

«نيۇيوك ۋاقت گېزىتى»دە 2024-يىلى 25-ئاپرىل ئىلان قىلىنغان ئانا سىۋاسېن(Ana Swanson)نىڭ «بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى دوستانە تۈسكە ئىگە، ئەمما بايدىننىڭ قاتتىق سىياسىتى خىتاينى نارازى قىلدى» (Blinken Tours China to Promote Some Ties, While the U.S. Severs Others) سەرلەۋھىلىك ماقالىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى.