سۈرەتتە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەرھۇم ھەققىدىكى تەزىيەنامىسى.
بۈگۈن مۇبارەك جۈمەكۈنى 45 يىللىق سەپدىشىمىز ئەلىخان ھاجىمدىن ئايرىلىپ قالدۇق.
ئەلىخان ھاجىم ئاكىمىز ئىستانبۇلدا بىرقانچە يىلدىن بىرى دىن سەۋداسى، ۋەتەن ئىشقىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن دەردى ۋەتەن مۇستەقىللىقى، مۇقەددەس ئىسلامنىڭ راۋاجى ئىدى.
ئەلىخان ھاجىم ۋەتەندە ياش ۋاقتىدىنلا خىتاينىڭ زەربىسى، ئۈزلۈكسىز تەقىپى ئاسىدا ياشىغان. 1978-79 يىللىرى خوتەن شەھرىدە مەرھۇم مۇھەممەد ئىبراھىم ھاجىم دولنىڭ ئۆيىدە (مەخپى مەدرىسە) ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىز ئىدى. مىنىڭ يېشىم 12-13 ئەتراپىدا بولسا كېرەك، مەرھۇم ئەلىخان ھاجىم 30-35ياشلاردا بولسا كېرەك. بىز ئوقۇۋاتقان ئۆيدە بىز بىلەن بىرگە يېتىپ-قوپۇپ بىرقانچە ئاي تۇرغان ئىدى. كېيىن ئۇقسام خىتاينىڭ زۇلمى، تۇتۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ قاغىلىقتا تۇرالماي خوتەنگە كىرىپ يوشۇرنۇپ تۇرغانىكەن.
مەرھۇم ئەلىخان ھاجىم ياش ۋاقتىدىنلا دىندار كىشى بولۇپ، خوتەندىكى مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم، قاغىلىقتىكى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىملارغا ئوخشاش رەببانى ئۆلىمالار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن، بارلىقىنى دىنى، ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە ئاتىۋەتكەن مۇجاھىد كىشى ئىدى.
ۋەتەندە 80-يىللاردىن تا ۋەتەندىن ئايرىلغۇچە پۈتۈن كۇچى بىلەن تەلىم-تەربىيە، دىنىي دەۋەت خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كىېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت قىلغان مۇبارەك كىشى ئىدى.
مەرھۇمغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغفىرەت تىلەيمەن، قېرىندىشىم مۇھەممەد ئەمىن قارىم ۋە مەرھۇمنىڭ بارلىق ئائىلىسىگە سەبرى جەمىل تىلەيمەن.
ئىننا لىللاھ ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇۋن!!!
بىلال ئەزىزى
2024-يىلى 3-ماي