ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھرىدە ئۈچىنچى مايدىن يەتتىنچى مايغىچە تۆت كۈنلۈك زىيارەتتە بولدۇق. ئاتا ئانالارنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا بولغان باھاسىنى، ئارزۇ ئۈمىدىنى، تەنقىدىنى سورۇدۇق. ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇتۇشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى، رىقابەتلەرنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئىگىلىدۇق. ئوماق بالىلاردىن ئانا تىلنى قانداق ئۆگەتسەك تېخىمۇ قىزىقارلىق، نەتىجىلىك، جەلىپكار بولىدىغانلىقىنى، بىزدىن كۈتۈلىدىغان تەلەپلەرنى سوراپ بىلىۋالدۇق.
ماينىڭ راھەتبەخش ھاۋاسىدا، قېرىنداشلارنىڭ مىھىرلىك داستىخانىدا بولۇش كۆڭۈللۈك ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، ئانا تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە سۈرگەن قايغۇسى ۋە قىلغان خىزمەتلىرىدىن ۋاقىپ بولۇش بىزگە يېڭى يېڭى ئۈمىدلەرنى بەخىش ئەتتى. ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى بىللە ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە پىلانلارنى ئاتا قىلدى.
ئادېلەيد ئۇيغۇرنىڭ مۇھاجىرەتتە غەلىبە قازانغان مەھەللىسى ئىكەن. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار قۇرغان، 32 يىلدىن بۇيان تاقالمىغان ئانا تىل مەكتەپ بار ئىكەن. ئۇيغۇرنىڭ ئۈچ ئەۋلات بىللە ياشايىدىغان ھويلا ئاراملىق، تونۇر، گۈلزارلىق ئۆيلىرى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرى، دۇكان، ئاشخانا ۋە مەسچىتى بار ئىكەن. كۆپچىلىك مەشرەپلەرنى بىللە ئوينايدىكەن، ھېيىت بايرامنى ۋەتەندىكىدەك قىزىتىپ قويىدىكەن. كىشىلىرىمىز ئىتىقاتلىق، غەيرەتلىك، پاراڭچى، قىزغىن ئىكەن.
ئادېلەيدتە باشقا يەرلەردە كەم تېپىلىدىغان ئۈچ ئەۋزەللىك بار ئىكەن. بىرى نوپۇس ئەۋزەللىكى بولۇپ، مىڭ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىر شەھەردە، بىر ئەتراپتا ياشايدىكەن. يەنە بىرى ئىقتىساد ئەۋزەللىكى ئىكەن. بۇ يەردىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا مىليۇنىرلار خېلى كۆپ ئىكەن. ھاياتتىن، ئىقتىساتتىن غەم يىگەن كىشىنى كۆرمەك تەسكەن. ئۈچىنچىسى مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى ئىكەن. كىشىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كېرەكلىك مەكتەپ، مەشرەپ ۋە ئۇيغۇر ئۆيىگە ئوخشايدىغان يىغىلىش سورۇنلىرىغا ئىگە ئىكەن.
ئادېلەيدتە ئەڭ ئۈمىتلىك ئەھۋال ۋەتەندىن چىققان 50-يىللاردا يېتىشكەن بىرىنچى ئەۋلات رەھبەرلەر بىلەن ۋەتەندە 80-يىللاردا يېتىشكەنلەر ۋە مۇھاجىرەتتە يېتىشكەن، يېتىشىۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلات مۇنەۋۋەرلەر ئورتاق خىزمەت قىلىدىكەن. ۋەتەن سىرتىدا تۇغۇلغان ئۈچىنچى ئەۋلات ئاللىقاچان داۋاغا كىرىپ بوپتۇ.
ئانا تىل مەكتەپتە ۋەتەندىن چىققان بىرىنچى ئەۋلاتنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ئىككىنچى ئەۋلات ئوقۇتقۇچى بوپتۇ. بەزى ئائىلەلەردە ئۈچىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلار بالىلارنى ئانا تىل مەكتەپكە بېرىپتۇ. دېمەك، ئانا تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇھاجىرەتتە ئۈچىنچى ئەۋلاتتا تۈگەيدۇ، دېگەن نەزەرىيەنى ئادېلەيدتىكى ئۇيغۇرلار ئەپسانەگە ئايلاندۇرۇپتۇ.
دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق ھالدا تۆتىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلار ئانا تىلنى مەكتەپتە ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ. ئاتا ئانىسىنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيەسى يەتمىگەن نەۋرىلەرگە بوۋا ۋە مومالار ئۇيغۇرچە ئۆگىتىپ ساۋادىنى چىقارغىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلار چىرايلىق ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرچە مۇراسىملارنى قىزىتىپ، ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئوينىيالايدىغان بوپتۇ.
ئادېلەيدكە كەلگەن تۇنجى ئەۋلات مۇساپىرلار ئۇيغۇرلۇقنى 80-يىللاردا ئاۋۇسترالىيە تۇپراقلىرىغا تىككەن ئىكەن. شۇلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ۋەتەندىن كەلگەنلەر ئۇيغۇرلۇقنى پەرۋىش قىلىپ كۆكلىتىپتۇ. مۆرىنى مۆرىگە تىرىگەن پىداكارلار ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بارغانچە باراقسان قىلىپ بۈگۈن بىر چاھارباغنى بەرپا قىلىپ چىقىپتۇ.
ئاۋۇسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھرىدە قىرىق يىللىق مۇھاجىرەت ئۇيغۇرنى ئېرىتىپ يوق قىلماپتۇ، كۈچەيتىپتۇ، توق قىپتۇ، باي قىپتۇ. مەشرەپ ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىي مۇستەقىللىقىنى، ئۆملۈكىنى، تەشكىلچانلىقىنى بەرپا قىپتۇ، مەكتەپ بالىلارنىڭ قەلبىگە ئانا تىلنى، ئانا مەدنىيەتنى، ئۇيغۇرلۇق روھىنى تىكىپتۇ، ئۇيغۇر ئۆيىگە ئوخشاش يىغىلىش سورۇنى ئۇلارنىڭ مۇراسىملىرىنى، ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ساقلاپتۇ، قەلبىنى جەم قىپتۇ. مەنچە بۇ ئۇتۇقنى ئۈلگە قىلىشقا، كېڭەيتىشكە، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ، مۇھاجىرەتتە مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا ھەر قايسى ئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەن. ئادېلەيدتىكى ئۇيغۇرلار قىلغاننى مەنچە ھەممەيلەن قىلالايمىز.
2024-يىلى 8-ماي
(ئاپتورنىڭ فېسبۇك ھېسابىدىن ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىندى.)