نىشاندىن سوۋۇتۇش ھىيلىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

     ئىنسان ئەقىللىق مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ياخشىلىققا ئىقتىدارى بولغاندەك، يامانلىققا بولغان ھىيلىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى پەرىشتىدەك پاك ۋە گۇناھسىز تۇغۇلسىمۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يىرتقۇچلارغا ئايلىنىپ ئىنسان جىنسىغا زىيانكەشلىك قىلىش يولىنى تاللىۋالىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بىز يىرتقۇچلاردىن قاچىمىز، ئەمما ئىنسانلاردىن قاچمايمىز. چۈنكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يىرتقۇچلۇقلارنى بىلمەيمىز. شۇڭا «ھايۋان ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دېگەن ماقال قالدۇرۇلغان.

   مەلۇمكى، كىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، سەلبىي ۋە ناچار سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان ۋە شەيتاننىڭ ئەقلىغا كەلمەيدىغان ھىيلە، نەيرەڭلىرى بىلەن ئۇلانى مەقسەت-غايىلىرىدىن ئاداشتۇرىدىغانلار شەيتان مىسالى يىرتقۇچ ئىنسانلار بولۇپ،  ئۇلار ئىنتايىن زىيانلىقتۇر. شۇڭا سەلبىي روھىيەتتىكى، شۇم ئىنسانلاردىن يىراق تۇرۇش ئەلۋەتتە بىخەتەر ۋە ھېكمەتلىك ئىشتۇر. ئىنسانلارنى تونۇشمۇ ئالاھىدە بىر ئىلىم بولۇپ، ئۇ پاراسەتنىڭ بىر تۈرىدۇر. «ئىنسانلارنى مەسجىدلەردە ئەمەس، مۇئامىلىدە تونۇڭ» دەيدىغان ھېكمەت بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە، ئىجابىي ۋە بەرىكەتلىك ئىنسانلارمۇ  كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئىجابىيلىق، مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىي خىسلىتى بىلەن ئادەمگە خۇددى قۇياشتەك ئېنىرگىيە بېرىدۇ، توغرا مەسلىھەت بېرىدۇ، يول كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان ئادەم ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلماي تۇرالمايدۇ.

 مەسلىھەت سېلىش

  دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلاردا باشقىلارغا مەسلىھەت سېلىش ۋە ئىشلارنى كېڭەش بىلەن قىلىش ناھايىتى ياخشى. مۇنداق قىلىش دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا (وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ) «ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەش»[1] دپ بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇنى ساھابىلىرى بىلەن بامەسلىھەت ئىش قىلىشقا بۇيرۇغان.

 

    مەسلىھەتنى كىمگە سېلىش كېرەك؟

مەسلىھەتنى ئىشەنچلىك ۋە بىز مەسلىھەت سالماقچى بولغان مەسىلىنى ئەتراپلىق بىلىدىغان كىشىلەرگە سېلىش ۋە ھەممىلا ئادەمگە سالماسلىق لازىم. شۇڭا مەسلىھەتنى مەسلىھەت سېلىشقا لايىق كىشىلەرگە سېلىش ۋە تولا ئىككىلەنمەسلىك لازىم. (فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ) «بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن»[2] دېگەن ئايەت بۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ.

 

مەسلىھەت سالغاندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك؟

مەسلىھەتتىن كېيىن ئىستىخارە قىلىش ئەۋزەلدۇر. ئستىخارە _ ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق سوراش دېمەكتۇر. بىرەر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇپ_ بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن مەنىۋى بىشارەت ئېلىشنى خالىغان ئادەم ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئىستىخارە قىلىشنى خۇددى قۇرئان ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «سىلەر بىرەر ئىشقا ئاتلانماقچى بولغاندا، ئىككى رەكئەت نەپلى ناماز ئوقۇپ بولۇپ، مۇنۇ دۇئانى ئوقۇڭلار{اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيْرُكَ بِعِلْمِكَ وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ الْعَظِيْمِ فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلاَ أَقْدِرُ وَتَعْلَمُ وَلاَ أَعْلَمُ وَأَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ اَللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ هَذَا الْأَمْرَ خَيْرًا لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي وَ عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثُمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ اَللَّهُمَّ َإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّهُ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ وَاقْدُرْ لِيَ الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ ثُمَّ رَضِّنِي بِهِ}  "ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سىغىنىپ سېنىڭدىن ياخشلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدرىتىڭگە سىغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ ـ قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن. سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن پۈتۈن غەيبلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىش (ھاجىتىنى ئېيتىدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن ماڭا ياخشىلىقنى نەسىب قىلغىن. ئاندىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن». ئاندىن ئاللاھتىن ھاجىتىڭلارنى سوراڭلار"»([3]).

 

   كۆپ مەسلىھەت سېلىش زىيانلىقتۇر

   تەجرىبىلەر سۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىرەر ئىش توغرۇلۇق مەسلىھەت سالغىنىڭىزدا، ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن، ھەتتا دوست ۋە خىزمەتداشلىرىڭىزدىن %90 پىرسەنت كىشى سىزنى قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزدىن سوۋۇتىدىغان ياكى سىزنى بوشاشتۇرىدىغان تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى سەمىمىي بولمىغان ھالدا قوللاپ قويىدۇ، بەزىسى بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ۋەھىمىلەرنى سۆزلەيدۇ، يەنە بەزىسى بۇ ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئېيتىپ سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار بۇنى سىزنى يامان كۆرگەنلىكتىن ئەمەس، پەقەت سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى كەبى بىلىنىپ كەتكەنلىكتىن شۇنداق قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەر ئەمەسمۇ؟!

    ئەمما سىز مەسلىھەت سالغان كىشىلەرنىڭ %10 پىرسەنتى سىزگە شۇنداق كۈچلۈك مەدەت بېرىدۇكى، بېغىشلىغان ئېنېرگىيەسى بىلەن سىزنى دەس تۇرغۇزىدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. مۇبادا مۇشۇنداق ئىجابىي دوستلىرىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز بولسا، شۈكۈر قىلىڭكى، سىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنسىز.

 

    مەسلىھەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەڭ

كىشىلەرنى غايىسىدىن ئاداشتۇرۇش، قىلماقچى بولغان ئىشىدىن سوۋۇتۇش بەزى ئىنسانلارنىڭ ھىيلىسى بولۇپ، ئۇلار بۇنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىك لازىم.

    «ھايات ئەنە شۇنداق» دېگەن كىتابتا بىر ئادەم مۇنداق بىر قىسسىنى بايان قىلىدۇ: «مەن كېلەچىكى بار، بازىرى ياخشى بىر تىجارەتنى باشلىماقچى بولۇپ، بىر قانچە كىشىگە مەسلىھەت سالدىم. ئۇلاردىن بىرى، بۇ ئىشنىڭ كېلەچېكى قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنداق ئىشقا مەبلەغ سېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، مېنى سوۋۇتتى. يەنە بىرى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى ئالدىراپ قارار بەرمەسلىكىمنى ئېيتتى. يەنە بىرى، مېنىڭ ئۇ ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن كاللام گاڭگىراپ قالدى ۋە توختاپ قالدىم. بىر قانچە ئايدىن كېيىن قارىسام، ماڭا بۇ ئىشنىڭ كېلەچېكىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مېنى ئۇنىڭدىن سوۋۇتقان دوستۇمنىڭ شۇ ئىشنى باشلاپ ئوبدانلا يولغا سېلىۋالغانلىقىنى كۆردۈم».

    ئىستانبۇلدا بىر قېرىندىشىم ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى: «بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بىز دوستلار بىلەن بىرلىكتە دىنىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغان ياخشى بىر ئىشنى باشلىماقچى بولۇپ، پېشىۋالىرىمىزدىن بىر ئۇستازغا مەسلىھەت سالغان ئىدۇق. ئۇستاز بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقىنى، قايتا قىلىشنىڭ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنى ئۇنىڭدىن سوۋۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئەمما ئەپسۇسكى، «باشلىنىپ بولدى» دېيىلگەن بۇ ئىش ھازىرغىچە روياپقا چىقمىدى.

    يەنە بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «بىز دىنىي ئىلىملەر ساھەسىدە ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەشھۇر چوڭ ئەسەرلەردىن بىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كېلىپ، شۇ ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇستازلار بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى بىزنى كۈچلۈك قوللىدى ۋە ھازىرغىچە بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى. پەقەت بىر-ئىككى كىشى ئۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ بولغانلىقىنى ۋە يېقىندا نەشردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز باشقا ئەسەرلەرگە تۇتۇش قىلدۇق. ئەپسۇسكى، بۇنىڭدىن 16 يىل ئىلگىرى ‹نەشردىن چىقىدۇ› دېيىلگەن شۇ ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى كۆرمىدۇق. ئارىدا ئۇنى سورىغان بولدۇق. ئالغان جاۋابىمىز ‹تەھرىرلىنىۋاتىدۇ› دېگەنلىكتىن ئىبارەت بولدى».

   بۇنداق قىسسىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا خېلى ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇڭا مەسلىھەتنى ئۆزىمىز ئىشەنچ قىلىدىغان، پاراسەتلىك كىشىلەرگە سېلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ سىرتىدىكى ئىنسانلارغا شۇنداق مەقسىتىمىز بارلىقىنىمۇ دېمەسلىكىمىز ھېكمەتتۇر. چۈنكى، ھاياتتا ياخشى ئىشلارنى قوللايدىغانلار بولغاندەك، بۇزىدىغانلارمۇ كۆپتۇر.

 ئىبرەت:

مەسلىھەت سېلىش بىلەن ئىستىخارە قىلىش دىنىمىزنىڭ ئەمرى ۋە ساغلام ئىش قىلىشنىڭ يولىدۇر.

مەسلىھەت ئىشەنچلىك ۋە ئالىم كىشىگە سېلىنىدۇ.

كۆرگەنلا ئادەمگە مەسلىھەت سېلىش ۋە كۆپ ئىككىلىنىش زىيانلىقتۇر.

مۇھەممەد يۈسۈپ ئىسلام بىلىملىرى تورى

[1]  ئال ئىمران سۈرىسى: 159- ئايەت.
 [2] ئال ئىمران سۈرىسى: 159- ئايەت.
 ([3]) بۇخارى رىۋايىتى.