ئۇيغۇر-خانىم-قىزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ
 
بۈگۈن 2024- يىلى 13- ماي، «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ «ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» كۇرسىنى تاماملاپ تىككۈچىلىك كەسى بويىچە ئىش باشلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدىم. مۇراسىم ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىق روھىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم.
 
ئاياللار ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى ۋە مىللەتنى قۇرۇپ چىقىدىغان قېلىپ بولغان ئائىلىنىڭ ئاساسىدۇر. ئىسلام ۋە ئۇيغۇر تارىخىدا ئاياللار ھەر ساھەدە ۋە ھەر مەيداندا ئەرلەردىن قېلىپ قالمىغان. ئىشلەش ئىسلام پەرزلىرىدىن بىرى، ئاياللارنىڭ ئىشلىشى تەقدىرلىنىدۇ ۋە مەنئىي قىلىنمايدۇ. كەسپ ئۆگىنىش ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھالال رىزىقنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك يولىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئەڭ ھالال يېمەك ئۆزى ئىشلەپ يېگەن يېمەكتۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
 
مىللىتىمىزنىڭ ھۈنەر - كەسىپ ماھارىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش يۈرەكتىن ئالقىشلاشقا ئەرزىيدىغان گۈزەل بىر خىزمەتتۇر. مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش شۇ مىللەتنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى، تىل-يېزىقىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى ۋە ھۈنەر- سەنئىتىنى جان تىكىپ قوغداش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنى بىزدە بولغان ۋە بولمىغان ياخشى كەسىپلەرنى ئۆگىنىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە مىللىتىمىزنىڭ ھۈنەر ماھارىتىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ھۈنەر -كەسىپ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇپ، بېشى ئۈستۈن ۋە ئەزىز ياشاشنىڭ، شۇنداقلا باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ يولىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك بولغىنىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاش، باشقىلارغا يۈك بولماسلىق ۋە مىللىتىمىزنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە مۇناسىپ ھۈنەر-كەسىپلەرنى ئۆگىنىشىنى ۋە ئۆگىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
ھەرقانداق بىر ھۈنەرنىڭ راۋاجلىنىشى ئىخلاس ۋە قېتىرقىنىشقا باغلىقتۇر. قېتىرقىنىپ ئىش قىلىش دىننىڭ ئۈچىنچى مەرتىۋىسى بولۇپ، ئۇلار: ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھساندۇر. ئېھسان - دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق ئىشنى قېتىرقىنىپ ۋە بېرىلىپ ئىشلەش دېگەنلىكتۇر. رېئال دۇنياغا قارايدىغان بولساقمۇ، ئۆز كەسىپىنى ھۆرمەتلىگەن ۋە قېتىرقىنىپ ئىشلىگەنلەر تەرەققىي قىلماقتا، كۈنسايىن كۈچلەنمەكتە. ھۈنەر-كەسىپ مەيلى قانداق تۈردىكىسى بولسۇن، ھەممىسى شەرەپلىك ۋە مۇھىمدۇر. ئۆز كەسپىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى قىزىقارلىق بىلەن ئورۇنداش ناھايىتى مۇھىمدۇر.
 
441153657_7932404536790340_3880248040105273339_n
 
(ئاپتورنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى)