19-ماي يەكشەنبە كۈنى، ئىران پرېزىدېنتى ۋە ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرى دەپ قارالغان ئىبراھىم رەئىسى تىك ئۇچار ھادىسىدە قازا قىلدى. ئەينى ۋاقتتا، رەئىسى ئىران-ئەزەربەيجان چېگرىسىدىكى بىر توسمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەزەربەيجان پرېزىدېتنى ئالىيىف بىلەن بىرگە قاتناشقان. تىكئۇچاردا رەئىسى بىلەن بىرگە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان ۋە باشقا بىر نەچچە نەپەر ئەمەلدار بار بولۇپ، تىكئۇچار چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوننەچچە سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئايروپىلان قالدۇقلىرى بار جايغا باردى. ئەتىسى يەنى 20-ماي ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلان قىلىندى.
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تۇرغۇچىلارغا قارىتىلغان ئەڭ رەھىمسىز باستۇرۇشلارغا قاتناشقان مۇتەئەسسىپ شىئە مۇسۇلمان دىنىي زات بولغان رەئىسى ئىراننىڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامىنىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ دىنىي ھۆكۈمرانلىقىنى سادىق قوغدىغۇچىسىى ئىدى.
رەئىسى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئىراندا ئىككى چوڭ ۋەقە يۈز بەردى: بىرى 2022-يىلى خانىم-قىزلار باشچىلىقىدىكى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قارشى مەملىكەت خاراكتېرلىك نامايىش بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەرىكەتكە رەھىمسىزلەرچە زەربە بېرىشى خەلقئارادا زور ئىنكاس قوزغىدى. ييەنە بىرى، ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان يۇشۇرۇن ھۇجۇملار.
ئىراننىڭ سىياسىي تۈزۈمىدە، ئىبراھىم رەئىسى پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن يادرو سىياسىتى ياكى رايون سىياسىتىنى تۈزۈشكە قاتناشمىغان. ئەمما ئۇ ۋاكالەتچى خەلق ئەسكەرلىرى تورى ئارقىلىق رايون تەسىرىنى مۇقىم كېڭەيتىدىغان ھۆكۈمەتكە ۋە ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە قورال دەرىجىسىدە ئۇران قۇيۇقلاشتۇرۇۋاتقان يادرو پىلانىغا ۋارىسلىق قىلدى.
رەئىسى ھەر ئىككى سىياسەتكە قوشۇلىدۇ ۋە قوللايدۇ، ئۇلارنى ئىراننىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە غەربكە بېسىم ئىشلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدۇ.
رەئىسىنىڭ ئۆلۈمى ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىر خاماسنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن غەززەگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن يىللىق سايە ئۇرۇشى بىۋاسىتە تىركىشىشكە ئايلىنىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئۇ ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شەھەر مەشھەدتىكى دىنىي خادىملار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دۆلەتنىڭ داڭلىق قۇم ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1979-يىلى، ئۇ 18 ياش ۋاقتىدا، ئىران شاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىسلام ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، رەئىسى يېڭى قۇرۇلغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە سوتچى بولدى ۋە كېيىن قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ ئىران سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە يەتتى.
رەئىسى ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ئايەتۇللاھ ھامىنىي ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ قۇرغۇچىسى ھۇمەينىگە ئوخشاش، پەقەت «سەييىدلەر» يەنى نەسەبىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا باغلايدىغانلار كىيگەن قارا دىنىي سەللە كىيگەن.
ئىران ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن بۇسۈرەتتە، ئوتتۇرىدا قارا سەللە كىيگەن رەئىسى 2020-يىلى ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامىنىغا سالام بەرمەكتە. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاق سەللە كىيگەن كىشى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى.
ھامېنېي 85 ياشتا بولۇپ، سالامەتلىكى ئاجىز بولغاچقا، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى تېخىمۇ جىددىي بولۇپ قالدى. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ سايلىنىشى ئېنىقكى سىياسىي جەڭ ۋە تالاش-تارتىشلار بىلەن تولغان جەريان. ئىراننىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئالىي رەھبەر دىنىي خادىملاردىن تەشكىل تاپقان مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ.
رەئىسى بۇ ئورۇنغا نامزات بولۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى رىقابەتچىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ، قاتتىق قوللارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، خامېنېينىڭ ئوغلى مۇجتابا بولسا دادىسىنىڭ ئىشخانىسىنى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان تەسىرى كۈچلۈك دىنىي زات. رەئىسىنىڭ ئۆلۈمى ماھىيەتتە كىچىك خامېنېينىڭ دادىسىنىڭ ئورنىغا چىقىشىغا يول ئاچتى.
سىياسى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خامېنېينىڭ سىياسىتىنى سادىق يولغا قويغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەئىسى ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئىراننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىدە كۈنسېرى كۈچىيىشىگە يول قويدى.
رەئىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى، جۈملىدىن دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى مۇتەئەسسىپ مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى قاتتىق دىنىي ۋە ئىجتىمائىي قائىدىلەرنى قايتىدىن يولغا قويغانلىقى، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئىراننىڭ سىياسىتىنى غەربتىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ۋە روسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنى ماختىدى.
رەئىسى 2016-يىلدىن 2019-يىلغىچە، ھامېنىي كونتروللۇقىدىكى كۈچلۈك، مىليارد دوللارلىق دىنىي گۇرۇھ ئاستان قۇدس راززاۋى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بولغان ۋە بۇ خامېنېينىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان.
2019-يىلى، رەئىسى ئىران ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى ئەڭ رەھىمسىز باستۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلغان. 2019-يىلى نويابىردا، مەملىكەت مىقياسىدا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە قارشى نامايىشتا كەم دېگەندە 500 ئادەم قازا قىلدى. ئەدلىيە تارماقلىرى پائالىيەتچىلەر، ژۇرنالىستلار، ئادۋوكاتلار ۋە قوش دۆلەت تەۋەلىكى بار پۇقرالارنى قولغا ئالدى.
ئۇ 2021-يىلى پرېزىدېنتلىققا سايلانغان، ئەمما بۇ سايلام ئاساسلىق رەقىبلىرى لاياقەتسىز بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ غەلبىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن دەپ قارالغان.
رەئىسى سايلام جەريانىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن، ئەمما ھۆكۈمەتكە قارشى پائالىيەتچىلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشى ئاستىدا پرېزىدېنتلىققا سايلانغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، رەئىسى تۆت كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1988-يىلى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا 5000 ئۆكتىچىنى سوتسىز ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇغان. رەئىسى بۇ ھەيئەتنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىغان ۋە سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئالىي رەھبەر تەرىپىدىن بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، رەئىسى ئىران تارىخىدىكى ئەڭ مۇستەبىت مەزگىللەردە، بولۇپمۇ 2009 ۋە 2022-يىللىرىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا زەربە بېرىشتە رول ئوينىدى.
رەئىسى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا «قارشىلىق دىپلوماتىيىسى» نى يولغا قويۇشقا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، بۇ غەرب كۈچلىرىنى بايقۇت قىلىدۇ، ئەمما سۆھبەتكە ئوچۇق، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ، جازانى بىكار قىلماقچى. ئەمما 2021-يىلى كۈزدە، بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان سۆھبەت مەغلۇب بولدى، بايدىن ھۆكۈمىتى بىلەن ھازىرغىچە ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى.
رەئىسىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىكى ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئەزەلدىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان نىشانى: ئىراننىڭ كونا رايون رەقىبى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. 2023-يىلى ئىككى دۆلەت بېيجىڭدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. گەرچە بۇ كېلىشىم ئاساسەن سىمۋوللۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رايون رىقابىتىنى پەسەيتىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارىلىدۇ.
رەئىسى غەربتىن يىراقلىشىپ، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى، ھەمدە ئىران يادرو كېلىشىمى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رەئىسى ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن 25 يىللىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي كېلىشىم ھاسىل قىلدى: ئىران خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىراندىكى نۇرغۇن ساھەگە سالغان 400 مىليارد دوللار مەبلىغى بەدىلىگە بېيجىڭغا ئېتىبار باھادا نىفىت سېتىشقا قوشۇلدى.
2024-يىلى 21-ماي