خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىنىشىدىن نىمە ئۈچۈن يەنىلا قورقىدۇ؟

( بۈگۈن «زىمىستان» تورىدا چىققان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىنىڭ خۇلاسە جۈملىلىرى)
 
كۆك بايراق، 2024-يىلى 22-ماي
 
ئوتنىڭ سىرتىدا كۆيۈش، ئىچىدە كۆيۈشتىن يامان، شۇڭا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سەھىبە سايراموغلى بۆرتالادىكى ئىنىسى قۇددۇسجان ئابدۇۋېلىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ گۆزەل دۆلەتتىكى ھاياتىنىڭ تەمى قاچتى. ئۇ قولىدىن كېلىدىغىنىنى قىلىش-ئەھۋلانى خەلقئااراغا يىيىش ئارقىلىق، ھەم ئىنىسىنىڭ دەردىگە چارە، ئۆزىنىڭ قەلبىگە مەلھەم ئىزدىدى. سەھىبەنىڭ بۇ كىچىككىنە ھەركىتى خىتاينىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنى خېلى پاتپاراق قىلدى. خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا خەت يېزىپ ، تىۋىتتىرىكى ئۇچۇرنى ئۆچۈرىۋېتىشنى تەلەپ قلدى، سەھىبە رەت قىلدى. ئارقىدىن خىتاي دۆلەت بىختەرلىك كۈچلىرى تېلىپوندا تەھدىت سېلىپ ئۇنى ئېغىزىنى يۇمۇشقا بۇيرۇدى، سەھىبە يەنە يولدىن يانمىدى. ئۇلار گاھ ئالداپ باقتى، گاھ ئاتا-ئانىسىنى ئارىغا سېلىپ ۋاستىلىق تەھدىت سالدى.
 
ئارىدىن 11 ئاي ئۆتكەندە، مۇشۇ ئاينىڭ 10 ‏-كۈنى قۇددۇسجان ئابدۇۋەلى « قانۇنسىز توپلۇنۇش» بىلەن ئەيىپلىنىپ 5 يىل 4 ئايلىق كېسىلىدى.
 
خوش، دۇنياغا خوجا بولىمەن دەپ پايپاسلاۋاتقان بىر دۆلەت تىۋىتتىردىكى بىر پارچە ئۇچۇردىن نىمە ئۈچۈن شۇنچە قورقىدۇ؟
 
‏ خىتاي 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈرمە ۋە لاگىرغا سولاپ بولۇپمۇ ، يەنە نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ توپلۇنۇشىدىن قورقىدۇ؟
 
بۇ قورقۇش مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ تەبىئىتىدىكى خۇدۈكسۈرەشتىن كېلىۋاتامدۇ ياكى رايوندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالاقزادىلىكىدىنمۇ؟ ياكى بۇ قورقۇش ئەمەس، زىيادە كۆپەيتىلگەن ۋە بىكار قالغان ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئۆزىلىرىگە قىلىدىغانغا ئىش ئىزدىشىمۇ؟ ! ياكى بۇ، ئىككى مىللەت ئارىسىدا مىڭ يىللاردىن بېرى تولپلۇنۇپ قالغان ئۆچ-ئاداۋەت زەھىرىنىڭ ئېقىپ چىقىشىمۇ؟ ياكى بۇ سايلامدىن ئۆتمىگەن بىر رېجىمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچسىزلىكىمۇ ۋە ياكى دەۋرلەردىن بېرى بويۇن ئەگدۈرەلمەي كەلگەن يەرلىك خەلق- ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىشەنچسىزلىكنىڭ ئالامىتىمۇ؟
 
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى سوسيولوگ ۋە تارىخچىلارنىڭ ئويلۇنۇشىغا ھاۋالە. مەن بۇ يەردە پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دۇنياسىنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەن.
 
خىتاي نامرات ۋە دىكتاتور دۆلەت ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر زىمىنىدا كەزدۈرۈپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ھەتتا " قىرغىنچىلىق يوق ئىكەن" دېگۈزگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ دۇنياغا بىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. گەرچە غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ھەتتا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى 5 ھەيئەتنىڭ ئۈچى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇپ بولغان ۋە خىتايغا بەلگىلىك بېسىم شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي پەيلىدىن ۋە قەدىمىدىن يانغىنى يوق.
 
قۇددۇسجان ئابدۇۋەلى، شۇ بىر قېتىملىق «قانۇنسىز» توپلۇنۇشتا تۇتقۇن قىلىنغان 60 نەچچە كىشىدىن پەقەت بىرسى ۋە ھەدىسى سەھىبە چەتئەلدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاشكارىلانغىنى. دېمەك، تۇتقۇن توختىغىنى يوق، تۈرمە ۋە لاگىرلاردىن جەسەتلەر توختىماي چىقىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنى قۇرۇق قېلىۋاتقىنى يوق، بىر مىللەت ئۈن-تىنسىز قىرىلىۋاتىدۇ.
 
سەھىبەلەرنىڭ ئاۋازى يالغۇز ھېسداشلىق ئەمەس، ئەمەلىي ھەركەتلەرنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.....