ئامېرىكىنىڭ ئەرزان باھالىق «خىتايدا ئىشلەنگەن» دەۋرى ئاخىرلىشىدۇ، ئەمما نېمىلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟
21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلىدا، ئامېرىكانىڭ دۇكان تەكچىسىدىكى نۇرغۇن ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ئەرزانلاشتى. خىتاي ۋە باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن ئىمپورت دولقۇنى سىن ئويۇنى كونترول سۇپىسى، مايكا، تاماق ئۈستىلى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بەردى.
بۇ ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم زاۋۇتلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى ۋە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ۋالمارت ۋە ئامازون قاتارلىق ئېتىبار باھالىق دۇكانلار ۋە توردا پارچە ساتقۇچىلار چەتئەللەردە ئەرزان باھالىق تاۋارلارنى سېتىپ نۇرغۇن پۇل تاپتى. ئەمما سايلىغۇچىلار ئىسيان كۆتۈردى. زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشى، سانائەتتىكى چۈشكۈنلۈك ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت توختاپ قېلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئامېرىكىلىقلار 2016-يىلى سودىدا خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن پرېزىدېنتنى سايلىدى. تۆت يىلدىن كېيىن، ئۇلار يەنە بىرنى تاللىدى.
سابىق پرېزىدېنت ترامپ بىلەن پرېزىدېنت جو بايدىن ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، خىتاي تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىش تەننەرخىنى ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە قوغداشقا ئۇرۇندى. چەيرەك ئەسىردىن بۇيان ئىچى بوشىتىلغان كىيىم-كېچەك ۋە ئېلېكتر سايمانلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن تارتىپ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى قاتارلىق خىتاي بىلەن بولغان دۇنياۋى رىقابەتتە تەرەققىي قىلىشتا قىينىلىۋاتقان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگىچە بولغان ئىمپورتقا باج قوشۇلدى.
بايدېننىڭ ترامپ يولغا قويغان تاموژنا بېجىنى قانۇنغا كىرگۈزۈش ۋە كۈچلەندۈرۈش قارارى ئامېرىكىنىڭ بىلەن بولغان سودىنى ۋە ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنىڭ پايدىسىنى كۆزلەيدىغان، ئەكىسچە جۇغراپىيەلىك مەركەزلەشكەن ياساش كەسپىگە سەل قارالغان نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان بىر دەۋرنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنىڭ روشەن بەلگىسى. بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى پەقەت بىرلا تاموژنا بېجى نىسبىتىدە كۆرگىلى بولىدۇ: خىتاينىڭ باشلىنىش باھاسى 10 مىڭ دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سېتىش دۇكانلىرىنى قاپلاپ كەتكەن، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكا بازىرى ئۈچۈن قويغان توسىقىدىن ئۆتۈشى تەس بولۇۋاتقان توكلۇق ماشىنىلىرىغا 100% تاموژنا بېجى قويۇلدى.
دېموكراتچىلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىر ۋاقىتلار قولمۇ قول بېيجىڭ بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېقىنلاشتى. ئۇلارنىڭ نەزەرىيىسى شۇكى، ئامېرىكا تۆۋەن باھادا مەلۇم مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدىغان دۆلەتلەرگە سىرتقا ھۆددىگە بېرىش ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ دۆلەتلەردىكى ئىشچىلارغا تۆۋەن مائاش بېرىلىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار بەزى ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىستېمالچىلارنى ئەرزان باھالىق تاۋار بىلەن تەمىنلەش ۋە كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى بار يۇقىرى قىممەتلىك كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق ئومۇمىي ئىقتىسادنىڭ پايدا ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن بەسلىشىۋاتىدۇ. پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئەمگەك ئادىتى، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش ۋە خىتاي ئىستېمالچىلىرىنى تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلارغا سېخىي تولۇقلىما بېرىش مەسىلىسىدە بارغانسىرى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتتى.
بۇ سىياسىي رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ قانداق يېڭى دەۋرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقى، بايدىن ئۇسلۇبىدىكى ئىستراتېگىيىلىك سانائەت سىياسىتىمۇ، ترامپنىڭ ئۆز-ئۆزىگە تايىنىشچان دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىغا ئۆتۈشمۇ ياكى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ئىشمۇ ئېنىق ئەمەس.
ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تېز پۇل پاخاللىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆتكۈنچى ئازابقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس.
ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى داۋىد ئوتېر(David Autor) : «كونا ئورتاق تونۇش بۇزۇلدى، يېڭى ئورتاق تونۇش تېخى شەكىللەنمىدى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ 2000-يىللارنىڭ بېشىدىكى ئاتالمىش «خىتاي زەربىسى» گە قارىتا بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ياسىمىچىلىق ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئەمما ئۇ ئىستېمالچىلار ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ «ھەر ئىككىسىگە بىراقلا ئېرىشكىلى بولمايدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى. «سىز چوقۇم تاللاش ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك. پۈتۈن دۇنيا سودا پۇرسىتى يارىتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ بۇ تېخنىكىلاردا رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىنى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلىشىڭىز كېرەك. ھەتتا بۇنىڭ بىلەنمۇ بولماسلىقى مۇمكىن».
بايدىن بىلەن ترامپ ھەر ئىككىسى ھەر خىل شەكىلدىكى قورۇقچىلىقنى قوللىغان بولسىمۇ، ئىككىنچى قېتىملىق سايلام تەشۋىقات پائالىيىتىدە ، بۇ ئىككى كىشى سايلىغۇچىلارغا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ خىتايغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى توغرىسىدا تۈپتىن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ترامپ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ سودا كۆۋرۈكىنى چېقىپ، سودىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قاتتىق چەكلىمەكچى. ئۇ نىڭ بارلىق ئىمپورتىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈپ، كلىنتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پارلامېنتنىڭ خىتايغا بېرىشنى قارار قىلغان «ئەڭ ئەۋزەل دۆلەتلىك» سودا ئورنىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ۋە بىر قىسىم خىتاي تاۋارلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بارلىق ئىمپورتلارغا يېڭى باج قويىدۇ.
تىرامپ تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈشنىڭ بەدىلىنى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى ئەمەس، بەلكى نىڭ تۆلەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى، تەپسىلىي ئىقتىسادىي تەتقىقاتلار بولسا زىددىيەتلىك يەكۈنلەرگە ئېرىشتى. ئەمما ئۇنىڭ سابىق سودا ۋەكىلى روبېرت لىتخايزېر(Robert Lighthizer)نىڭ تىرامپنىڭ سودا مۇزاكىرىسىدە يەنىلا تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «تېخىمۇ يۇقىرى ئىستىمال باھاسىنى ياسىمىچىلىق ساھەسىدە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.
ئۇمۇنداق دېدى: «بەزى كىشىلەر ئىستېمالنى مەقسەت دەپ قارايدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئىشلەپچىقىرىش مەقسەت، بىخەتەر ۋە بەختلىك جەمئىيەت مەقسەت. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالايسىز».
بايدىن ترامپنىڭ پىلانىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ بەك كەڭ دائىرىلىك ۋە بەدىلىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تاموژنا بېجى ۋە باشقا بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك كەسىپلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇداپىئە قورغىنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بايدىن يەنە بۇ كەسىپتىكى شىركەتلەرگە مىليارد دوللار تولۇقلىما بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇنى ئارقىلىق يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسىغا بەرگەن تولۇقلىمىمۇ بار.
ئاقساراي دۆلەتلىك ئىقتىساد كېڭىشىنىڭ دىرېكتورى لائېل براينارد پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېدى: «مەبلەغ سېلىش چوقۇم سودا ئىجراچىلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، بىز پۈتۈن مەملىكەتتە كۆرۈۋاتقان ئەسلىگە كېلىشنىڭ خىتاينىڭ نامۇۋاپىق تۆۋەن ئېكسپورتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىز ئۆتمۈشتىن ئۆگەندۇق، ئامېرىكىدا ئىككىنچى قېتىم خىتاي زەربىسى بولمايدۇ».
نيۇيوك ۋاقت گېزىتىدە 20-ماي ئىلان قىلىنغان «بايدىننىڭ تاموژنا بېجى: ئامېرىكىدا "خىتايدا ياسالغان" دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى» (Biden’s China Tariffs Are the End of an Era for Cheap Chinese Goods) ماۋزلۇق ماقالە قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.
2024-يىلى 23-ماي