مۇھەممەد يۈسۈپ
دىن ۋە دۇنيالىق ھەرقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىش شەرت. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئىشنى سەۋەبكە باغلىغان بولۇپ، بىزنى سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە سەۋەبنى دىننىڭ بىر پارچىسى قىلغان. شۇڭا سەۋەب قىلىش ئىبادەت، سەۋەب قىلماسلىق گۇناھتۇر.
﴿ هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولًا فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ﴾ «ئۇ زېمىننى سىلەرگە بويسۇنىدىغان قىلىپ بەرگەن زاتتۇر، ئەمدى سىلەر (تىرىكچىلىك قىلىپ) زېمىننىڭ تەرەپ _ تەرەپلىرىدە مېڭىپ، ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»[1]. بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلىدىغان رىزىقتىن يېيىش ئۈچۈن ئىشلەش شەرت قىلىنغان. ئەجدادلىرىمىز بۇنى «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دەپ ئىخچاملىغان. بىز بۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ دەيمىزكى، ئىشلىگەن كۈچلىنىدۇ، ئىشلىگەن تەرەققىي قىلىدۇ، ئىشلىگەننىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولىدۇ، ئىشلىگەن ئەزىز ياشايدۇ.
ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قانۇنى بولۇپ، بىرى شەرىئەت قانۇنى، يەنە بىرى تەبىئەت قانۇنىدۇر. شەرىئەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتتە تارتىدۇ، ئەمما تەبىئەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قىلمىشىنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادا تارتىدۇ. ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭ مىسالىدۇر.
مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىككى قورالى بولۇپ، بىرى، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەش، يەنە بىرى، سەۋەب قىلىشتۇر. مۇئمىن ئادەمدىكى بۇ ئىككى قورال قۇشلاردىكى ئىككى قاناتقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى مەنزىلگە يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى قورالنىڭ بىرىنى تۇتۇپ، بىرىدىن ۋاز كېچىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
توغرا تەسەۋۋۇر نىشانغا يەتكۈزىدۇ
«ھەرقانداق نەرسە ئىككى قېتىم يارىتىلىدۇ» دېيىلىدۇ. چۈنكى، بىز قانداقلا بىر ئىشنى قىلماقچى بولساق، ئالدى بىلەن ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز، پىلانلايمىز، ئاندىن شۇ پىلانن بويىچە ئىشقا كىرىشىمىز. تەسەۋۋۇرىمىز توغرا بولسا نەتىجىمۇ توغرا چىقىدۇ، ناۋادا تەسەۋۋۇرىمىز خاتا بولسا نەتىجىمۇ خاتا چىقىدۇ. مەسىلەن: پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئىككى ئادەمنىڭ بىرى، توغرا تەسەۋۋۇر بىلەن كەسىپ ياكى تىجارەتكە ئوخشىغان يوللۇق ئىشنى قىلىشقا تۇتۇندى ۋە توغرا نەتىجىگە ئېرىشتى. يەنە بىرى، خاتا تەسەۋۋۇر بىلەن ئوغرىلىق ۋە قويمىچىلىق قىلىش دېگەندەك خاتا يولنى تاللىدى ۋە نەتىجىدە تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلاندى. چۈنكى، ئاۋۋالقى ئادەم پۇل تېپىش جەريانىنى توغرا تەسەۋۋۇر قىلغان، شۇڭا ئۇ توغرا نەتىجىگە ئېرىشتى. ئەمما كېيىنكىسى ئوڭاي يولنى تاللىغان ۋە جازا، تۈرمە دېگەنلەرنى ئويلاپ ئولتۇرمىغان، شۇڭا ئۇ زىيان تارتتى.
تەۋھىد تەسەۋۋۇرنى تۈزىتىدۇ
تەۋھىد ھەممە ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ياردەم بېرىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە بىز قانداقلا بىر نەتىجە قازانساق، ئۇ ئەلۋەتتە ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. بىزدە مۇشۇ ئەقىدە روشەن بولمىغاندا، بىزنىڭ تەۋھىد ئەقىدىمىز دۇرۇس بولمىغان بولىدۇ. چۈنكى، تەۋھىد بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى توغرىلايدىغان مىزاندۇر. ناۋادا بىز ھەرقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇغان ھالدا، پەقەتلا كۈچىمىزگە ياكى پۇلىمىزغا ياكى يۈز-ئابرۇيىمىزغا تايانساق، سەۋەبكە چوقۇنغان بولۇپ قالىمىز. سەۋەبكە چوقۇنۇش شىرىك دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ. شىرىك بىزنىڭ توغرا سەۋۋۇرىمىزنى بۇزۇپ قويىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. ﴿وَمَا يُؤْمِنُ أَكْثَرُهُمْ بِاللَّهِ إِلَّا وَهُمْ مُشْرِكُونَ﴾ «ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئىشەنگەندىمۇ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ»[2].
ئېيتىلىشىچە، لېۋانلىق بىر مىلياردېر ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ياسىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر مىليوندىن كۆپرەك ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن. ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ناۋادا ئۆلۈم سىزگە باشقا بىر دۆلەتتە كېلىپ قالسا، سىز بۇ قەبرىدە ياتالمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، مىلياردېر ھاكاۋۇرلۇق بىلەن تەرىنى تۈرۈپ: «پۇلۇم بار، ئايروپىلانىم بار، نەدە ئۆلسەم مەيلى، بەرىبىر مېنى قەبرەمگە ئېلىپ كېلىدۇ» دەيدۇ. يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىلياردېرنىڭ شەخسىي ئايروپىلانى ۋەقەگە ئۇچراپ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىدۇ. قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئايروپىلان ھەيدىگۈچىنىڭ جەسىتىنى تاپىدۇ، ئەمما مىلياردېرنىڭ جەسىتىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ قەتئىي تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىلياردېر ئۆزى ياساتقان ھەشەمەتلىك قەبرىسىدە ياتالمايدۇ.
ئامېرىكىلىق بىر ئىچكى كېسەللىكلەر دوختورى كۈندىلىك يۈگۈرۈشنى ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ،ئۇ كۈنلۈك يۈگۈرۈشىنى يىگىرمە كىلومېتىرغا چىقىرىدۇ. يۈگۈرۈشنىڭ تەن ساقلىقىغا بولغان پايدىسى ۋە ئۇنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرى ھەققىدە كۆپلىگەن لېكسىيەلەرنى سۆزلەيدۇ. بىر لېكسىيەسىدە «مەن پات-پات ئۆزۈمنى تەكشۈرتۈپ كېلىۋاتىمەن. ئەزالىرىم كىچىك بالىنىڭكىدەك ئىشلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن، ئاسانلىقچە ئۆلمەيمەن» دەيدۇ. ئەمما ئۇ بىر ئەتىگىنى يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقاندا يۈرىكى توختاپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ دوكتورنىڭ يۈگۈرۈشنى ئادەت قىلىۋالغانلىقى ۋە كىشىلەرگە ئۇنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ناھايىتى ياخشى ئىش. ئەمما ئۇ يۈگۈرۈشكىلا ئىشىنىپ، ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ قالغان. پىرئەۋننىڭ ئۆز مەنسىپىگە، قارۇننىڭ مال-دۇنياسىغا، ئەبۇ جەھلنىڭ ئابرۇيىغا ئىشەنچ قىلىپ، ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىبرەتلىك جازاسى تا قىيامەتكىچە غاپىللارنى ئويغىتىشقا يېتەرلىكتۇر.
ناۋادا بىز قانداقلا بىر نەرسىمىزگە ئىشەنچ قىلىپ، ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ قالساق، ئاللاھ تائالا چوقۇم بىزنى ئەدەپلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئەقلىمىز ۋە پۇت-قولىمىز سەۋەب قىلىش بىلەن، قەلبىمىز ۋە ئىشەنچىمىز ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا بىز نەتىجە قازىنالايمىز.
تەۋھىد مەسئۇلىيەتتىن بىھاجەت قىلمايدۇ
سەۋەب قىلمايمەن دېگەن ئادەم ئاللاھ تائالاغا قارشى چىققان ۋە ئۇنىڭ بېكىتكەن قانۇنىيىتىنى كۆزگە ئىلمىغان بولىدۇ. شۇڭا بىر ئادەم «مەن ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە ئىشىنىمەن، ئۇ ھەممىنى قىلالايدۇ، ھەممە ئىش ئۇنىڭ ئىلكىدە، شۇڭا مەن ئىشلىمىسەممۇ، سەۋەب قىلمىساممۇ، دۇئالىرىم بىلەن ئۇ مېنى مۇرادىمغا يەتكۈزىدۇ» دەپ سەۋەب قىلمىسا، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿وَأَنْ لَيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَى﴾ « ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»[3] دېگەن قانۇنىيىتى بىلەن زىتلاشقان بولىدۇ ۋە مۇرادىنى ھاسىل قىلالمايدۇ. زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىم-تەربىيەدە، پەن-تېخنىكىدا ۋە تۈرلۈك تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ، ئاجىزلىقىنىڭ، بېقىندىلىقىنىڭ ۋە نۇرغۇنلىرىنىڭ مۇستەملىكىدە قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى سەۋەب قىلماسلىق، ئىشلىمەسلىك، دىننى ۋە ئىبادەتنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، خاتا تەسەۋۋۇر بىلەن ئىش كۆرگەنلىكىدۇر.
قازا ۋە قەدەر مەسئۇلىيەتتىن بىھاجەت قىلمايدۇ
مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنى قازا ۋە قەدەرگە دۆڭگەپ قويۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلۇش ھىيلىسىدىن ۋاز كەچمىگىچە ھەرگىز تەرەققىي قىلالمايدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لايىق بولالمايدۇ.مەسىلەن: بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكىدە قالغان بىر مىللەت ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىچە ئىشلەشنىڭ ئورنىغا: «بىزنىڭ مۇستەملىكىدە قېلىشىمىز ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، بىزگە ئاللاھنىڭ نۇسرىتى كەلگەندە ئىشىمىز ئوڭشىلىدۇ» دېيىش ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ۋە نەپسانىيەتچىلىكىنى قازا ۋە قەدەرگە دۆڭگەپ قويغانلىقتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالال بىزنى مۇستەملىكىدە ياشاڭلار، دەپ بۇيرىمىدى، قازا ۋە قەدەر بىزنى مۇستەملىكىدە قېلىشقا زورلىمىدى. ئەكسىچە، بىزنى كۈچلۈك بولۇشقا بۇيرىغان. ﴿وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآَخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ﴾ «(دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن) ئۇلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر تونۇمايدىغان، (لېكىن) ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر»[4]. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى قازا ۋە قەدەرگە ئارتىپ قويۇپ، قۇتۇلۇشنى خام -خىيال قىلغان ئەخمەقلەرنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ﴿سَيَقُولُ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكْنَا وَلَا آَبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِنْ شَيْءٍ﴾ «مۇشرىكلار: ›ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىزمۇ، ئاتا _ بوۋىلىرىمىزمۇ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلىۋالمىغان بولاتتۇق› دەيدۇ»[5].
شۇنىڭدەك، 120 دە مېڭىش بەلگىلەنگەن يولدا 180 دە مېڭىش ئارقىلىق قاتناش ۋەقەسى چىقىرىپ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان شوپۇر يەرلىك قانۇن ئورگانلىرىنىڭ جازاسىدىن: «بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولغان ئىشتۇر» دەپ قۇتۇلالمىغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىدىنمۇ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ خۇددى بىر ئادەمنى قەستەن ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئاندىن «بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولغان» دېگەن قاتىلنىڭ ئەخمىقانە جاۋابىغا ئوخشايدۇ. دېمەك، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى، ھۇرۇنلۇقىنى، تىرىكتاپلىقىنى تەقدىرگە دۆڭگەپ قويىدىغانلار ئاللاھ تائالاغا تۆھمەت قىلغۇچىلاردۇر. مەلۇمكى، ئاللاھ تائالاغا تۆھمەت قىلغۇچىلار گۇناھكارلاردۇر.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا بىر ئوغرىنى ئېلىپ كىرىدۇ. سوراق ئۈستىدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغرىدىن «نېمە ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلدىڭ؟» دەپ سورىغاندا ئوغرى «ئاللاھ تەقدىر قىلغانىكەن شۇڭا ئوغرىلىق قىلدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغرىنى 30 قامچا ئۇرۇپ ئاندىن كېيىن قولىنى كېسىشكە بۇيرۇق بەرگەندە، ساھابىلەردىن بىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «نېمە ئۈچۈن بىر ئوغرىلىق جىنايىتىگە ئىككى جازا بېرىلىدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا يالغاندىن تۆھمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 30 قامچا ئۇرۇشقا، ئوغرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولىنى كېسىشكە بۇيرۇدۇم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
قازا ۋە قەدەر بىلەن سەۋەبنىڭ مۇناسىۋىتى
قازا ۋە قەدەر بىلەن سەۋەبنىڭ مۇناسىۋىتى مۇنداق:
1. ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كېسەللىك، دەرد ـ ئەلەم، بالايىئاپەت، يوقسۇللۇق ۋە جاپا ـ مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىنى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، دەپ ئىشىنىش بىلەن بىرگە بۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىش، ئاللاھ تائالاغا ئۇلارنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش ۋە بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن (يەنى يۇقىرىقى كۈلپەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن) تارتقان جاپالارنىڭ بەدىلىگە ئاللاھ تائالانىڭ ساۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. بىراق، كېلەچەككە ئائىت ئىشلارنى «ئاللاھنىڭ تەقدىرىدە نېمە بولسا شۇ بولىدىغۇ»، دەپ ئىشلىمەستىن، سەۋەب قىلماستىن «ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرۇۋېلىش نە مۇسۇلمانلىقنىڭ، نە ئىنسانلىقنىڭ شەنىگە ياراشمايدىغان تەييارتاپلىق ۋە ئىنسانلىق ھۆرمەتنىڭ ھېسابىغا ئىشلەنگەن كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر.
2. ئىنسانلارغا يەتكەن كېسەللىك، ئاجىزلىق، يوقسۇللۇق ۋە مۇستەملىكىدە قېلىش قاتارلىقلارنى«ئاللاھنىڭ تەقدىرىغۇ»، دەپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن سەۋەب قىلماسلىق ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى كۈلپەتلەرنى ياراتقان بولسا، ئىنساندا ئەقىل بىلەن ئىرادىنىمۇ ياراتتى. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا بەرگەن بۇ ئەقىل، ئىرادە بىلەن سەۋەب قىلىشىمۇ ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. «تەقدىر بىلەن كېسەل بولدۇمغۇ » دەپ سەۋەب قىلماستىن ئۆلۈش ياكى «تەقدىر بىلەن ئوغرى بولۇپ قالدىمغۇ» دەپ ئوغرىلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغا تۆھمەت قىلغانلىقتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قانداقلا بىر كېسەللىكنى ياكى دەردنى ياراتقان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ شىپاسىنى ياراتقان. ئىنسان ئۆزىدىكى ئىرادە ۋە ئەقىل بىلەن سەۋەب قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ شىپاسىنى تېپىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالا يامانلىقنى ياراتقان بولسا، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى ۋە جازالىرىدىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشقا بۇيرىدى ۋە بۇنداق يامان ئىشلارنى قىلىش ياكى ئۇلاردىن يېنىش ئىختىيارىنىمۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە بەردى.
دۇئانىڭ ئۆزىلا سەۋەبتىن بىھاجەت قىلالمايدۇ
سەۋەب بىلەن دۇئا ئىككى قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك بولۇپ، بۇ ئىككى دۇرۇس بولغاندا نەتىجىلەرمۇ غەلىبىلىك بولىدۇ. مەسىلەن: ئوغلىڭىزنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتى، دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ چاغدا، سىز سەۋەب قىلماي، دۇئا قىلىپلا ئولتۇرسىڭىز، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە ئوغلىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىسىز. شۇڭا ئۇ چاغدا، ئوغلىڭىزنى دەرھال دوختورغا ئاپىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چىن قەلبىڭىزدىن «يا شافىي! يا ئاللاھ!» دەپ، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىشىڭىز زۆرۈر.
ناۋادا ئوغلىڭىز ئۆگىنىش قىلمىدى، ئىمتىھانغا تەييارلانمىدى، ئەمما ئىبادەتلىرىنى جايىدا ئورۇندىدى ۋە كۆپ دۇئا قىلدى، لېكىن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى، دەپ پەرەز قىلايلى. بۇ ئەھۋالدا كەمچىلىك ئىبادەتتە ياكى دۇئادا ئەمەس، بەلكى سەۋەب قىلماسلىقتا. شۇڭا ئوغلىڭىزغا «ئۆگىنىشنى ئوبدان قىل، ئىمتىھانغا پۇختا تەييارلىق قىل، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىل» دېيىشىڭىز لازىم.
سەۋەبكە ھۆرمەت قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدۇر
ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم نەرسىسى ئۇنىڭ تەن ساقلىقى بولۇپ، تەن ساقلىقى جايىدا بولغاندىلا دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا تەن ساقلىمىز ئۈچۈنمۇ مۇكەممەل نىزام بەلگىلىگەن بولۇپ، بىز ئاشۇ نىزام بويىچە ئىش كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ساقلاپ قالالايمىز. شۇڭا ئەگەر دوختور سىزگە: «تۇز ئىستېمال قىلىشنى توختىتىڭ!» دېسە، سىزنىڭ دەھال ئۇنى توختىتىشىڭىز ۋە دوختورنىڭ تەۋسىيەسىگە ھۆرمەت قىلىشىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. چۈنكى، بەدەندە تۇز مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە، ئۇ بەدەندىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇۋالىدۇ، سۇيۇقلۇقنىڭ ھەرىكىتى توسۇلۇپ قالسا، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتسە باش ئاغرىيدۇ. مەلۇمكى، قان بېسىمى ئاستا-ئاستا ئادەمنى ھالاك قىلىدىغان قاتىلدۇر. ئەگەر سىز «مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىمەن، دۇئا قىلىمەن، شۇڭا دوختورغا ھاجىتىم يوق» دەپ دوختورنىڭ تەۋسىيەسىگە ئەمەل قىلمىسىڭىز نادانلىق قىلىپ، ئۆز ھاياتىڭىزنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغان بولىسىز.
ناۋادا، بىرەر مۇسۇلمان ئادەم مېۋىنى يۇيۇماستىن يېسە ۋە «‹بىسمىللاھ› دېسەك كۇپايە قىلىدۇ» دېسە، بۇ سۆزنى ئىلمىي دېگىلىمۇ، دىنىي دېگىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا بېكىتكەن قانۇنىيەتنى بىلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ گېپىدۇر. چۈنكى، «بىسمىللاھ» دەپ يېيىش زۆرۈر بولغاندەك، يۇيۇپ يېيىش مىكروبتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈر.
ئاۋۋال سەۋەب ئاندىن تەۋەككۈل
ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال قولدىن كېلىشىچە ۋە ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە سەۋەبلەرنى قىلىش، ئاندىن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىش دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر. مەسىلەن: ئاددىي بىر دېھقان ئالدى بىلەن يەرنى ھەيدەپ يۇمشىتىدۇ، ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئۇرۇق ۋە ئوغۇتلارنى چاچىدۇ، سۇنى ۋاقتىدا بېرىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا دېھقانچىلىقنىڭ پۈتۈن شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇنلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زىرائەتنىڭ سالامەت ئۈنۈپ چىقىشى ۋە مول ھوسۇل بېرىشىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ تەۋەككۈل قىلىدۇ. تەۋەككۈل قىلىش سەۋەب قىلىشتىن كېيىن كېلىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ: «يا رەسۇلۇللاھ! تۆگەمنى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، ئاندىن باغلايمۇ ياكى باغلاپ بولۇپ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايمۇ؟» دېگەن سوئالىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال باغلىغىن، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن»[6] دەپ جاۋاب بەرگەن.
(ئۇستازنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى)