بىر قانچە كۈن بۇرۇن بىر نەرسە لازىم بولۇپ كومپىيوتۇرۇمدىكى ماتېرىياللارنى ئىزدەۋاتسام 10 يىل بۇرۇنقى بۇ سۈرەت ئۇچراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغىچە سۈرەتكە قاراپ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ ئەسلىمىنى يازدىم.
2009 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق 2 قىسىملىق كىتابنى يېزىشنى نىيەت قىلغاندىن كېيىن، چامىمنىڭ يېتىشىچە ئىزدىنىپ كىتاب ۋە تورلاردىن مەنبە يىغىشقا باشلىدىم. ئۇ يىللاردا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابخانىلىرى بولمىغاچقا ماتېرىياللار بەك ئاز ئىدى. يىغقان ماتېرىياللارنىڭ كۆپى ۋەتىنىمىزدىكى ھەرقايسى تور - مۇنبەرلەردىن يىغقان ماتېرىيال بولۇپ، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە كىتابلار ئاز ئىدى. تۈركىيەنىڭ كىتابخانا ۋە كۈتۈپخانىلىرىنى ئىزدەپ، بىزگە مۇناسىۋەتلىك تارىخ كىتابلارنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىش ۋە سېتىۋېلىشقا شارائىتىممۇ، ئىقتىسادىممۇ يار بەرمەيتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۈچ يىل مەنبە يىغقاندىن كېيىن، يىغىلغان مەنبەلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، رەتلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە 200 دىن كۆپرەك داڭلىق شەخىسلىرىمىزنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن تىزىملىكتىكى شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى بىر باشتىن يېزىشقا باشلىدىم.
مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن كىتاب يېزىپ باقمىغان ئىدىم. شۇڭا بۇ كىتابنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقالىسام تۇنجى كىتاۋىم بولاتتى. يازماقچى بولغان كىتاۋىم بولسا تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەجىملىك تارىخى كىتاب ئىدى. ئەمما مېنىڭ كەسپىم زەرگەرلىك ئىدى. شۇڭا «زەرگەرمۇ كىتاب يازامدىكەن؟!...» دەيدىغانلار چىقىپ، روھىي زەربىگە ئۇچراش ئېھتىمالىم بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، كىتاب يېزىۋاتقانلىقىمنى ھېچكىمگە دېمەي ھەم مەسلىھەتمۇ سالماي يازدىم.
ئەمما مەن كىتابنى باشلاپ تېخى بىر يىل بولار - بولمايلا مەنبە كەمچىلىكىدىن قىينىلىشقا باشلىدىم. ئەسلىدە مۇنچىلىك ماتېرىيالغا تايىنىپ مۇنداق بىر مۇھىم كىتابنى يېزىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۆزۈممۇ باشتىن باشلاپلا ياخشى بىلەتتىم. ئەمما مېنىڭ بىر ئىشقا بەل باغلىسام ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان، خېلى - خېلى قىيىنچىلىق ۋە تۇسالغۇلارغا دۇچ كەلسەممۇ بولدى قىلىۋەتمەيدىغان مىجەزىم بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولساممۇ يەنىلا قەتئىي قارارغا كېلىپ يېزىشنى باشلىغان ئىدىم. لېكىن دەسلەپكى قەدەمدە شەخسلەرنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ رەسمىي يېزىشقا باشلىغاندىن كېيىن، گەرچە ئىدىيە جەھەتتىن تولۇق تەييارلىقىم بولسىمۇ، مەنبە يېتەرسىزلىكى مېنىڭ ئىرادەمنىمۇ بېسىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە ئۆزىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن تونۇش - بىلىشلەر ئارقىلىق بىر قىسىم كىتابلارنى ۋەتەندىن ئەكەلتۈردۈم. بەزىسىنى 2 - 3 ئايدا تاپشۇرۇپ ئالسام بەزىسىگە 5 - 6 ئاي كەتتى. لېكىن ئەكەلتۈرگەن كىتابلارمۇ، كېچە - كۈندۈز تور - مۇنبەرلەردىن يىغقان ۋە يىغىۋاتقانلىرىممۇ تولۇق بولمىدى. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ ئالدىرىماي، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، تاپالىغان شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىدىن باشلاپ يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم.
2013 - يىلىغا كەلگەندە تىزىملىكتىكى شەخسلەرنى قايتا - قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭىدىن قوشۇپ، چىقىرىپ، تاللاپ دەسلەپكى قەدەمدە 124 شەخسنىڭ يۈزەكى بولسىمۇ تەرجىمىھالىنى تەييارلىدىم. ئەمما ئىچىمدە سوئاللار كۆپ ئىدى. كىتاب تارىخىمىزدا يېزىلغان بۇ خىل كىتابلار ئىچىدىكى تۇنجى كىتاب بولاتتى. مېنىڭ مىجەزىم بەلكىم كەسپىمنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، بەزى ئىشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىنتايىن ئىنچىكە ئويلايدىغان، پەقەت سەل قارىمايدىغان، ھەتتا بىر ئىشقا بەل باغلىسام كىرىشىپ قالىدىغان مىجەزىم بار ئىدى. جۈملىدىن تارىخىمىزغىمۇ، تارىخىمىزنى يېزىش جەريانىدا ئىشلىتىلگەن ئىسىم، سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغىچە ئىختىيارسىز ھالدا سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلاتتىم. يېزىلغان تارىخ ھەم تەرجىمىھالى گەرچە قىسقىچە بولسىمۇ ئوقۇغان كىشىگە تەسىر كۆرسىتەلىگىدەك بىر قەدەر ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك يېزىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا چامىمنىڭ يېتىشىچە ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇردۇم.
شۇنداق قىلىپ 2013 - يىلى دەسلەپكى قەدەمدە 124 شەخسنىڭ يۈزەكى بولسىمۇ تەرجىمىھالىنى تەييارلىغاندىن كېيىن، ئويلىنىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكىلەرگە كىتاب ھەققىدە ئەھۋالنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە مەسلىھەتىنى ئېلىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم.
ئۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ئابلەت تۇران ئىدى. مەن ئابلەت تۇران بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ۋاقىت بەلگىلىگەندىن كېيىن 124 شەخسنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كومپىيوتۇردىن بېسىپ چىقىرىلغان ۋورد نۇسخىسىنى ئېلىپ، تاكسىمدىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى ئاڭلاتتىم. ئابلەت تۇران ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن كىتابقا يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ بەزى تەكلىپ - پىكىرلىرىنى بەردى. ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئابلەت تۇران، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن دوختۇر ئەخمەتجان پولات ۋە مەن قاتارلىق 4 كىشى توپقېپىدىكى بىر چايخانىدا ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشتۇق. ئېلىپ بارغان 124 كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇلار بىر باشتىن كۆرۈپ ئۆز پىكرىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئابلەت تۇران، دوختۇر ئەخمەتجان پولات، ئابدۈشكۈر مۇھەممەتلەر قوللاپ، مەسلىھەت بېرىپ تۇردى. ئابدۇجېلىل تۇران، ھەمراجان ئامراقلار بەزى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. دوستۇم ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئىنگلىزچە ۋە نېمىسچە ماتېرىياللارنى، ئابدۇراخمان ئىدىقۇت خىتايچە ماتېرىياللارنى، تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونچە ماتېرىياللارنى داۋاملىق تەرجىمە قىلىشىپ بەردى. مەنمۇ كىتاب، ماتېرىياللاردىن باشقا بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن پات - پات كۆرۈشۈپ، بەزى تارىخى ۋەقە ۋە شەخسلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ تۇردۇم. ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈش، ھەر قېتىملىق سۆھبەتلەرنىڭ ئاز بولسىمۇ پايدىسى بولاتتى. شۇنداق سۆھبەتلەردىن كېيىن شەخسلەرنىڭ تىزىملىكىگە بىر ياكى ئىككى شەخس قوشۇلاتتى ياكى تىزىملىكتە ئۆزگىرىش بولاتتى.
ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندە ئابلەت تۇران 2014 - يىلى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىر يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقى، بۇ يىغىنغا ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم ئىنقىلابچىلاردىن غۇلامىدىن ھاجىم (غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا)نىڭمۇ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. غۇلامىدىن ھاجىم 1949 - يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر باشچىلىقىدا ۋەتىنىمىزدىن ھىندىستانغا ھېجرەت قىلغان ھىجرەت كارۋىنىدىكى بىر ھايات گۇۋاھچى ئىدى. غۇلامىدىن ھاجىم كارۋان بىلەن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان ۋاقىتتا 16 ياشلاردا بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىسمى ئەخمەت پاختا ئىدى. ئەخمەت پاختا ۋەتەنپەرۋەر ھەم ئۇقۇمۇشلۇق كىشى بولۇپ، 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ھەم دەسلەپتە قۇرۇلغان «ئىستىقلال جەمئىيىتى»نىڭ 15 نەپەر ئەزاسىنىڭ بىرى ئىدى.
مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئابلەت تۇرانغا، غۇلامىدىن ھاجىم بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇيىمنىڭ بارلىقىنى، ۋەتەن دەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئۇزۇن يىللار ۋەتەن ھەسرىتى بىلەن ياشاۋاتقان مۇنداق پېشقەدەم ئىنقىلابچىمىزنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىپ، ھېچ بولمىسا بىرەر پىيالە چاي بولسىمۇ سۇنۇۋېلىش نىيىتىمنى ئېيتتىم. بۇ مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى. مېنىڭ غۇلامىدىن ھاجىمدىن ھال سوراش بىلەن بىرگە، شۇ بانىدا بەزى سوئاللىرىمنى بىۋاسىتە سوراپ ھايات گۇۋاچىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش پۇرسىتىم بولاتتى. ئابلەت تۇران پىكرىمگە قوشۇلدى.
ئارىدىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ، 2014 - يىلى 10 - ئايدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى. بۇ ۋاقىتتا مەن مەنبە ئىزدەيمەن دەپ، ھەددىدىن زىيادە كومپىيوتۇرغا قاراۋەرگەنلىكتىن بىر كۆزۈم خىرەلىشىپ (Katarakt) قالغاچقا ئاپىراتسىيە قىلدۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقتىم ئىدى. شۇڭا يىغىنغا بارالماي ئابلەت تۇرانغا تېلېفون قىلىپ:
- غۇلامىدىن ھاجىمنى ئېلىپ كەلسەڭلار، كېلىشكە 5 - 10 مىنۇت قالغاندا خەۋەر قىلىۋېتىڭلار، مەن پەسكە چۈشۈپ ساقلاپ تۇراي، دېدىم. چۈنكى، بىزنىڭ ئۆي 5 - قەۋەتتە بولۇپ لىفىت يوقتى. غۇلامىدىن ھاجىم بولسا ياشىنىپ قالغان كىشى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا 82 ياشلاردا ئىدى. شۇڭا مەن غۇلامىدىن ھاجىمنى ئۆزۈم ھاپاش قىلىپ، كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماقچى ئىدىم.
ئۇ كۈنى مەن ھېچنىمىدن خەۋەرسىز ئۆيدە ئولتۇراتتىم، ئىشىك چېكىلدى. بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ دەماللىققا تۇرۇپلا قالدىم. چۈنكى ئاكادېمىيەدىكىلەر ماڭا خەۋەر قىلمايلا غۇلامىدىن ھاجىمنى ئېلىپ چىقىپتۇ. مېھمانلارنى كۆرۈپ ھەم خوش بولدۇم، ھەم جىددىيلىشىپ ئۆيگە باشلىدىم.
بۇ سۈرەت شۇ كۈنى، 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى (قۇربان ھېيتنىڭ 8 - كۈنى شەنبە) بىزنىڭ ئۆيدە تارتىلغان. سول تەرەپتىن 1 - كىشى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ئابلەت تۇران. 2 - كىشى غۇلامىدىن ھاجىم (غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا). 3 - كىشى مەن. 4 - كىشى دوختۇر ئەخمەتجان پولات. 5 - كىشى باتۇر قاراخانلى. بۇ سۈرەتنى تارتقۇچى ئابدۇلئېزىز بەشتوغراق.
مېھمانلاردىن ھال سوراش، تونۇشۇش ۋە چايدىن كېيىن ئەركىن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇردۇق. مەن كېيىن غۇلامىدىن ھاجىمدىن سورايدىغان سوئاللىرىمنى بىر باشتىن سوراشقا باشلىدىم:
1 - مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى كارۋان ۋەتىنىمىزدىن، «كۆكئارت» چېگراسىدىن ھىندىستانغا قانداق ئۆتتى؟ چېگرادىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا نېمە ئىشلار يۈزبەردى؟
2 - ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن زادى قانداق ئادەم ئىدى؟ نېمە دەپ باھا بېرىمىز؟
3 - شۇ يىللاردىكى ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، خەلقىمىزنىڭ ئىدىيەسى، چۈشەنچە ۋە پىكىرلىرى قانداق ئىدى؟ ...
دېگەندەك سوئاللارنى سورىدىم. ئاكادېمىيەدىكىلەرمۇ بەزى سوئاللار سورىدى. غۇلامىدىن ھاجىم بارلىق سوئاللارغا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ جاۋاب بەردى (بىر قىسىم سۆھبەت جەريانى ۋە جاۋابلىرى 100 مەشھۇر ئۇيغۇر ناملىق كىتابتىكى ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تەرجىمىھالىدا). سۆھبىتىمىز كۆڭۈللۈك ياخشى بولدى. كېيىن مېھمانلارنى ئۇزىتىپ قويدۇم.
مېنىڭ ئەسلىدە، بىز نېمىشقا مەغلۇپ بولدۇق؟ ... قاتارلىق سورايدىغان باشقا سوئاللىرىممۇ بارىدى، ئەمما سورىيالمىدىم. چۈنكى، غۇلامىدىن ھاجىم ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي مېھمانلار بىلەن 5 - قەۋەتكە مېڭىپ چىقىپتۇ. مەن بۇ ئەھۋالدىن كېيىن، غۇلامىدىن ھاجىمنىڭ تاسادىپىي مىجەزى ئۆزگىرىپ قالسا سەۋەبچىسى مەن بولۇپ قالارمەنمۇ؟... دەپ ئويلاپ، بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە بەزى سوئاللارنى سوراش ئەقلىمگە كەلمەپتۇ.
يىللار ئۆتمەكتە ئىدى. مەن بولسام پۈتۈن زېھنىمنى كىتاب يېزىشقا مەركەزلەشتۈرگەن ئىدىم. پايدىلىناي دېسەم بۇ خىلدىكى باشقا كىتاب بولمىغاچقا داۋاملىق مەنبە ئىزدەشكە مەجبۇر ئىدىم. شۇنچە جاپالار بىلەن مەلۇم بىر شەخسنىڭ ھەر خىل مەنبەلەردىن بولۇپ 40 - 50 بەتلىك تەرجىمىھالىنى يىغسام، ئۇلارنى رەتلەپ رەسمىي يېزىشنى باشلىغاندا، شۇنچە يىغقان مەنبەلەر ئۇ كىشىنىڭ مەن كۆڭلۈمنى توختاتقىدەك 5 - 6 بەتلىك تەرجىمىھالىغىمۇ يەتمەي نەچچە يەردە توختاپ قالاتتىم. شۇنداق بولسىمۇ قاتتىق سەبىر - تاقەت بىلەن بىر تەرەپتىن يېزىپ، بىر تەرەپتىن ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇردۇم. چوڭقۇرلاپ ئىزدەنگەنسېرى بۇ ساھەدە ناھايىتى چوڭ بوشلۇق بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. مىسال بەرسەم:
1 - ئالپ ئەرتۇڭا، تۇمارىس، شىراق قاتارلىق خاقان، پادىشاھ، باتۇرلىرىمىزنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان تەرجىمىھالى ۋە ھېكايىلىرىدىن باشقا پايدىلانغىدەك تەرجىمىھاللىرىنى تاپالمىدىم.
2 - تۇنيۇقۇقنىڭ ياشىغان دەۋرى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە 648 - 725 - يىللىرى (77 ياش)، 664 - 780- يىلى، 688 - 780- يىللىرى دەپ پەرەز قىلىنغان. تۈركچە مەنبەلەردە، تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ۋاپات بولغان يىلى 726 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ، دېگەندەك يېزىلغان.
3 - قۇتلۇق بىلگە قاغاننى ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە مەنبەلەردە 734 - يىلى ۋاپات بولغان، 747 - يىلى ۋاپات بولغان دەپ ئىككى خىل يېزىلغان. ھەر ئىككى مەنبەدە، «ئۇيغۇر دۆلىتى قۇتلۇق بىلگە قاغان تەرىپىدىن 744 - يىلى قۇرۇلغان» دەپ يېزىلغان. ئەگەر 734 - يىلى ۋاپات بولغان بولسا، قۇتلۇق بىلگە قاغان ئۆزى دۆلەت قۇرۇشتىن 10 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان بولمامدۇ؟ ...
4 - بىلگە كۆل قاراخان «ئۇيغۇرلار»دا 880 - يىللىرى ۋاپات بولغان، باشقا مەنبەلەردە 883 - يىلى ھەتتا 893 - يىلى ۋاپات بولغان دەپ يېزىلغان. ئەمما تۇغۇلغان ۋاقتى يېزىلمىغان.
5 - سەككاكىنىڭ تەرجىمىھالى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە قالايمىقان. تۈركچە ۋە باشقا مەنبەلەردە يېزىلغان سەككاكىلارنىڭ تەرجىمىھاللىرى، تۇغۇلغان چايى، يىللىرى پەرقلىق بولۇپ، بىزنىڭ ئالمالىقتا ئۆتكەن سەككاكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
6 - ئىپارخاننىڭ تەرجىمىھالىمۇ ھەر خىل يېزىلغان.
7 - تەجەللىنىڭ 2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان، چىراي - شەكلى، بەدەن - قۇرۇلۇشىنىڭ تەسۋىرىگە دەل چۈشىدىغان سۈرىتى بىلەن غازى ئەمەت تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ سىزىلغان داڭلىق رېسىمى تامامەن ئوخشىمايدۇ.
8 - تۆمۈر خەلىپىنى مەن تاپالىغان بارلىق كىتاب ۋە مەنبەلەردە 1891 - يىلى تۇغۇلغان، دېيىلگەن. قەبرە تېشىدا بولسا 1871 - يىلى تۇغۇلغان دېيىلگەن، دەل 20 ياش پەرقلىق. ...
9 - مەلۇم بىر تارىخچى، تەتقىقاتچى ياكى يازغۇچى مەلۇم بىر شەخسنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغان بولسا، باشقىلار ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتلىقىنى تەكشۈرۈپ، باشقا مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرمەي ئەينەن كۆچۈرۈپلا ئىشلىتىدىغان ئىشلار ئېغىر ئىكەن. مەسىلەن؛ بىلگە كۆل قاراخاننى مۇسۇلمانلاشتۇرۇپ بىلگە كۆل قادىرخان دەپ يازسا، غاز باينى مۇسۇلمانلاشتۇرۇپ غازى باي دەپ يازسا، مۇشۇنچىلىك ئىشلارمۇ تەكشۈرۈلمىگەن. ھەتتا تۆمۈر خەلىپىنىڭ تەرجىمىھالىمۇ تەكشۈرۈلمىگەن. ھېچكىم تۆمۈر خەلىپە 1891 - يىلى تۇغۇلغان بولسا 1913 - يىلى شېھىت قىلىنغان ۋاقتىدا 22 ياش بولىدىغانلىقى، قەبرە تېشىدا يېزىلغاندەك 1871 - يىلى تۇغۇلغان بولسا 42 يېشىدا شېھىت قىلىنغان بولىدىغانلىقىغىمۇ دىققەت قىلمىغان، تەكشۈرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە يېزىلغان خاتانى ھەممىسى شۇ بويىچە ئەينەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىۋەرگەن. ...
مۇشۇنداق ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە ئەھۋاللارغا ئۇچراۋەرگەندىن كېيىن، تاكى كىتاب پۈتكۈچە بولغان بىر قانچە يىل جەريانىدا فەيسبۇك ۋە ۋەتەندىكى ئانا تۇپراق، كەڭ ساي، باغداش قاتارلىق تورلارغا بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ رەسىم، سۈرەتلىرىنى ۋە تەرجىمىھاللىرىنى يوللاپ، ئىنكاس ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - چۈشەنچىلىرىنى ئاڭلاپ باقتىم. ئەمما ئانچە پايدىسى بولمىدى.
شۇنداق قىلىپ كېچە - كۈندۈز دېمەي يىللاپ تارتقان جاپالىرىم، نەچچە قېتىملاپ ئايلىنىپ كەتكەنلىرىم، ئاغزى - بۇرنۇمدىن قان كېلىپ يىقىلىپ قالغانلىرىم، ھەپتىلەپ ھوشۇمنى يوقىتىپ ئاغرىپ يېتىپ كەتكەنلىرىم، ھەي. كېچە - كېچىلىپ ئاللاھقا يىغلاپ، يالۋىرىپ قىلغان دۇئالىرىم ئاخىر ئىجابەت بولدىمىكىن، 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدا - بىزنىڭ مەھەللىدە قۇتادغۇ بىلىك كىتابخانىسى ئېچىلدى. مەن 2015 - يىلىدىن باشلاپ بۇ كىتابخانىدا ئىشلىدىم. 2016 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ئېچىلدى. مەن بۇ كىتابخانىدا ئېچىلغان كۈنىدىن باشلاپ 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىدىم. «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق 2 قىسىملىق كىتابىم مەن مۇشۇ كىتابخانىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا، 2017 - يىلى 12 - ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك نەشردىن چىقتى.
كىتاب چوڭ ھەجىملىك بولۇپ، 1450 بەت ئەتراپىدا ئىدى. ئەمما ئىقتىسادى ئەھۋالىم يار بەرمىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كىتاب ئىسمى جىسمىغا لايىق راۋرۇس كىتاب بولسۇن، دەپ قاتتىق تاشلىق ھەم بارلىق بەتلىرىنى رەڭلىك قىلىپ تەييارلىغاچقا نەچچە ئادەمدىن قەرز ئالساممۇ باستۇرۇشقا پۇلۇم يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن كىتابنى يەنە قايتا تۈزىتىپ، خەت چوڭلۇقىنى 14 نومۇردىن 13 نومۇرغا كىچىكلىتىپ، بەت سانىنى 1167 بەتكە چۈشۈرۈپ 1000 يۈرۈش باستۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن مەتبەگە بېرىدىغان پۇل مىڭ دوللار ئازىيىپ، بىر يۈرۈش (2 قىسىم) كىتابنىڭ باھاسى 20 دوللاردىن توختىدى. مەن شۇ بويىچە 20 دوللارغا توغرىلاپ باھا چىقاردىم. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ۋە باشقا ئەھۋالدىن خەۋىرى بارلار بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ:
- مەمەت تۇرسۇن بۇ نېمە قىلغانلىرى؟ ئىلىمنى ئاياغ - ئاستى قىلىشقا بولمايدۇ. مۇنداق تارىخىي كىتابنىڭ باھاسى باشقا رومان، ھېكايە كىتابلاردىن قىممەت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىتاب دېگەن بىردىن، بىردىن سېتىلىدۇ، باستۇرۇشقا تۆلىگەن پۇللىرىنى يىغىشقا نەچچە يىل كېتىدۇ. بۇ جەرياندا بىر قىسىم كىتابلار ئامباردا بېسىلىپ تۇرۇش جەريانىدا كاردىن چىقىدۇ. سىلى بۇ كىتابنى 8 يېرىم يىلدا يېزىپ چىقلا، تارتقان شۇنچە جاپالىرىنى لايىقىدا باھالاپ ھەققىللىرىنى بېرىدىغان دۆلىتىمىز يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئادەمگە قەرز بولۇپ باستۇرلا. شۇڭا ھېچ بولمىسا 8 - 10 دوللاردىن بولسىمۇ پايدا ئېلىشلىرى كېرەك. بۇ سىلىنىڭ ھەققىللىرى... دەپ مەسلىھەت بەردى. مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ:
- بولدى، دەردنى مەنلا تارتاي، خەلقىمىزگە ئېغىر كېلىپ قالمىسۇن، - دېدىم.
كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن مەن ئويلاپ باقمىغان بىر قىسىم گەپلەر چىقتى. مىسال:
1 - بۇ كىتابنى مەمەت تۇرسۇن يازمىغان، مەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر يېزىپ، مەلۇم مەقسەت بىلەن مەمەت تۇرسۇننىڭ نامىدا نەشر قىلدۇرغان، دېگەن گەپ. بۇ گەپ ئەڭ يېقىنلىرىم تەرىپىدىن چىقتى.
2 - كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن تەرەپ - تەرەپتىن خەت يېزىپ، تېلېفون قىلىپ؛ مەمەت تۇرسۇن كىتاۋىڭلارنى ئوقۇپ باقاي دېگەن، پ د ف نۇسخىسى بارمۇ؟ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى بارمۇ؟ ئەۋەتىپ بەرسەڭلار. ۋورد نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلار تورغا قوياي دېگەنتىم، دېگەن گەپ.
3 - مەمەت تۇرسۇن، كىتاۋىڭلاردىن ماندا بىرەر ئىككى نۇسخىدىن ھەدىيە قىلمامسىلە، ماندا ئوقۇپ بېقىپ، ئوقۇغىدەك يېرى بولسا باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويىمىز، دېگەن گەپ.
4 - مەمەت تۇرسۇن ھاجىم سىلىمۇ كىتاب يازلىما؟ زەگەرمۇ كىتاب يازالايدىكەن، - ھە؟ دېگەن گەپ.
5 - ھېي مەمەت تۇرسۇن، ئۇيغۇردىنمۇ مەشھۇر شەخسلەر چىقىپتىكەنما؟! كىمكەن ئۇ؟! نېمىش قىپتىكەن؟! مەن بى ئاڭلاپ باقاي؟! دېگەن گەپ.
6 - مەمەت تۇرسۇن، مۇشۇ كىتابىڭلارنىمۇ پۇلغا ساتامسىلە؟ - ھە، 20 دوللار؟! - قىممەتكەن! لازىم بوپ قالسا ئەتە، ئۆگۈن توردىن ئۇقارمىز - جۇما؟! دېگەن گەپ.
«100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتاب توغرىسى بىلەن، خاتاسى بىلەن، ئارتۇقچىلىقى بىلەن، كامچىلىقى بىلەن نەشردىن چىقتى. بۇ كىتابنىڭ نەشردىن چىقىشى مۇشۇ ساھەدە، دەسلەپكى قەدەمدە تارىخىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى.
2023 - يىلى تۈركىيە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىل بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ھازىر تۈركىيەنىڭ نوپۇسى 85 مىليوندىن ئاشتى. 200 دىن كۆپ ئۇنىۋېرسىتېت، ئون مىڭلارچە ئالىم، پېروفېسسور، دوكتور، تارىخچى، تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچىلىرى بار. ئەمما 100 يىللىق تۈركىيەدە، ھازىرغىچە تۈرك تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ، سۈپەت ۋە سەۋىيەسى بۇ كىتابتەك كېلىدىغان «100 مەشھۇر تۈرك» دەپ يېزىلغان بىرەر كىتاب كۆرمىدىم. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتساق، بەلكىم دۇنيادا ئۆز مىللىتىنى ۋە تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بۇ كىتابتەك يېزىلغان كىتابى يوق خېلى كۆپ دۆلەت ۋە مىللەتلەر بولۇشى مۇمكىن.
«100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابىم نەشردىن چىققاندىن كېيىن، خىيالىمدا؛ بۇ كىتاب ھېچ بولمىسا چەتئەلدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئالىم، پېروفېسسور، دوكتور، تارىخچى، تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بەلكىم ئاكادېمىكلىرىمىز كۆڭۈل قويۇپ، قايتىدىن تەھرىرلەپ، ئۆلچەملىك ئاكادېمىك سەۋىيەگە يەتكۆزۈپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللاردىن بىر قانچە خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىدۇ. كىتاب تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا تونۇلۇشىغا، دۇنيا خەلقىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشىگە ۋە مۇستەقىللىق كۆرىشىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ئۇنداق بولمىدى. كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن خەلقىمىز تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى. ئەمما نېمىشقىكىن ئاتاقلىق ئالىم، ئاكادېمىكلىرىمىز ئىپادە بىلدۈرمىدى. ھازىر 7 يىل بولغان بولسىمۇ ئۇلار تەرىپىدىن كىتاب ھەققىدە ھەتتا بىر، ئىككى پارچە ماقالىمۇ يېزىلمىدى.
2018 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ «10 - قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا چوڭ بىر زىيالىيمۇ كەپتۇ. مەن بۇ زىيالىي بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ تونۇشىدىغان بولۇپ، مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان زىيالىيلاردىن بىرى ئىدى.
مەن يىغىن جەريانىدا بۇ زىيالىينىڭ كىتابقا بولغان كۆز قارىشى ۋە پىكرىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. بىر كۈنى بىز ئىككىمىز ئايرىم ئولتۇرغاندا مەن ئۇ زىيالىيدىن:
- سىلىدە مېنىڭ يۈز مەشھۇت ئۇيغۇر دېگەن كىتابىم بارمۇ؟ دەپ سۇرىدىم.
زىيالىي: بار، دېدى.
مەن: ئوقۇپ باقلىمۇ؟ دېدىم.
زىيالىي كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ، كەسكىنلىك بىلەن:
- سېنىڭ ئۇنۋانىڭ بارمۇ؟ دېدى.
مەن: يوق، دېدىم.
زىيالىي كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:
- مەن ئۇنۋانى يوق ئادەمنىڭ كىتابىنى ئوقۇمايمەن، دېدى.
ئەگەر مۇنداق بىركىتاب باشقا دۆلەت، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالىم ياكى تارىخچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان بولسا، ياكى بىزنىڭمۇ ۋەتىنىمىز مۇستەقىل بولغان بولسا مېنىڭ ھاياتىمدا بەلكىم چوڭ ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما مەن بۇ كىتابنى 8 يېرىم يىلدا يېزىپ نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن، ھاياتىمدا ئەكسىچە ئۆزگىرىش بولۇپ، تاپقان پۇلۇم قەرز قايتۇرۇشقا يەتمەي، ئىچىدىغان دورىلىرىمنىڭ سانى 6 - 7 خىلغا يېتىپ، دوختۇرخانىدىن كېلەلمەيدىغان بولۇپ، دەل ئەكسىچە ھاياتىم تەتۈرگە ئۆزگىرىپ كەتتى.
ئاللاھقا شۈكرى، كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن ئىككى يىل ئەتراپىدا قەرزلىرىمنى قايتۇرۇپ بولدۇم. 1000 يۈرۈش كىتابتىن 7 يىلدا 780 نۇسخا سېتىلغان بوپتۇ. ھازىر 220 يۈرۈش ئەتراپىدا بار. ئىنشا ئاللاھ، بۇ كىتابلار سېتىلسا پۇلىغا يەنە يېزىۋاتقان كىتابلىرىمنى باستۇرۇش ئۈمىدىم بار.
بۇ ئەسلىمە شۇنچە دىققەت قىلساممۇ ئۇزىراپ كېتىپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ يەنە ئىككى ئېغىز گېپىمنى قىستۇرۇپ قوياي. بىزدە «قازاندا نېمە بولسا چۆمۈشكە شۇ چىقىدۇ» دېگەن ماقال - تەمسىل بار. دېمەكچى بولغىنىم؛ بۇ كىتاب قانداقتۇر بىردەملىك ھېسسىيات بىلەن مۇنداقچىلا يېزىلىپ قالغان كىتاب ئەمەس. يۇقىرىدا يېزىلغاندەك ئەقلىمنىڭ ۋە ئىمكان - شارائىتىمنىڭ يېتىشىچە دىققەت قىلىپ ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن يازدىم. بەزى ھايات گۇۋاچىلار ۋە بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ پىكرىنى ئالدىم. كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىرلەشتىم. كىتابتىكى ھېچ بىر شەخسنىڭ تەرجىمىھالىغا سەل قارىمىدىم، ھەر بىر ئابزاس، ھەر بىر جۈملە ھەتتا بەزى سۆزلەرگىچە ئەقلىمنىڭ يېتىشىچە دىققەت قىلدىم. ئەمما بۇ مېنىڭ تۇنجى يازغان كىتاۋىم بولغاچقا، ئۇنۋانىم بولمىغاچقا، ھەم سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ ھەجىملىك تارىخىي كىتاب بولغاچقا ئەلۋەتتە خاتالىق ۋە كەمچىلىكلەردىن، ئەيىب - نۇخسانلاردىن خالى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ ھازىرقى شارائىتىمىزدا كەڭ خەلقىمىزنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيال بولالايدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا بۇ ئەسلىمىنى يېزىش مۇناسىۋىتىم بىلەن، بۇ كىتابنى ھازىرغىچە ئوقۇمىغان بارلىق خەلقىمىزنىڭ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
2024-05-26
(ئاپتورنىڭ فېسبۇك ھېسابىدىن ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىندى)
2024-يىلى 28-ماي