تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچى تاھىر ھامۇت ئىزگىل بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە تىل تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىككى خەلقئارالىق ئورگان تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. تاھىر ھامۇت ئىزگىل «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچىلىك مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ بولسا «خەلقئارالىق تىل ھوقۇقى بىرلەشمىسى» نىڭ 2024-يىللىق «تىل ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 

ئىگىلىنىشىچە، مەركىزى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي ئۆكتىچىلىك مۇكاپاتى» (Václav Hav el International Prize for Creative Dissent) 1989-يىلى شەرقىي ياۋروپادا كوممۇنىزم لاگېرىغا خاتىمە بېرىلگەن مەزگىلدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان شۇنداقلا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمى غۇلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى پىرېزىدېنتى بولغان ۋاسلاۋ خاۋېلنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن 2012-يىلىدىن بېرى تارقىتىلىپ كەلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق فوندى قۇرغۇچىسى تسور خالۋورسېن (Thor Halvorssen) بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ھەر يىلى خاۋېل مۇكاپاتى جاسارەت ۋە ئىجادچانلىق بىلەن زومىگەرلىكلەرنى ئاشكارىلاپ كەلگەنلەرگە بېرىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ خىزمىتى پەۋقۇلئاددە جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئىسپاتى».

مەزكۇر ئورگان تاھىر ھامۇت ئىزگىل ھەققىدىكى باياناتىدا، ئۇنىڭ «كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شائىرى، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى، 90-يىللاردا ئىجادىيىتى سەۋەبلىك خىتاي تۈرمىسىدە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان تاھىر ھامۇتنىڭ، 2017-يىلى باشلانغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندىن قۇتۇلۇپ چىققان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى» بايان قىلغان.

ئۇلار يەنە، تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندىنىڭ ئەسلىمە كىتابى «‹كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش› نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا رول ئوينىغان ئاز ساندىكى گۇۋاھلىقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

بۇ مۇكاپات 4-ئىيۇن كۈنى، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2024-يىللىق ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى (OFF) دە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم ئارقىلىق ساھىبلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ مۇكاپاتقا تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى بىلەن بىرگە، ئىرانلىق سەنئەتكار توماج سالىھى ۋە ۋېنېزۇئېلالىق پىئانىنو ماھىرى، سەنئەتكار گابرىئېلا مونتېرو قاتارلىقلار لايىق كۆرۈلگەن.

images_2

«خەلقئارالىق تىل ھوقۇقى بىرلەشمىسى» (Global Coalition for Language Rights) 22-ماي كۈنى 2024-يىللىق «تىل ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى» (2024 Language Rights Defenders Award)غا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئورگان تىل ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشتۈرۈلگەن تەشكىلاتلار بىرلەشمىسى بولۇپ، بۇ يىللىق مۇكاپاتىنى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىزدىنىۋاتقان تىلچى، يازغۇچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىگە بەرگەن.

«خەلقئارالىق تىل ھوقۇقى بىرلەشمىسى» نىڭ مەزكۇر مۇكاپات ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارالىق تىل ھوقۇقى بىرلەشمىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ‹تىل ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى›نىڭ ساھىبى بولغانلىقىنى مەمنۇنىيەت بىلەن جاكارلايدۇ. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى، يازغۇچى ۋە تىلشۇناس. ئۇ ھەم خىتايدا ھەم مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇ بىر تەرەپتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىزچىل ئانا تىل مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشقان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئانا تىل توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان، ئانا تىل دەرسلىكلىرىنى تۈزگەن. ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش پروگراممىلىرىنى تەشكىللىگەن ۋە يېتەكچىلىك قىلغان. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تىل ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ھارماي-تالماي ئانا تىلنى قوغداش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە تەشۋىقات، ھۆججەتلەشتۈرۈش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى بولغان ئۇيغۇريار ‹Uyghur Help› نى قۇرغان.

ئابدۇۋېلى ئايۇپ بۇ جەرياندا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ خىزمەتتىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇ. ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى كۈچلەندۈرۈشكە تېرىشقانلىقى ئۈچۈن، 2013-يىلدىن 2014-يىلغىچە خىتايدا ناھەق ھالدا تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىشنى تاللىغان ۋە ھازىر نورۋېگىيەدە ياشىماقتا. خەلقئارالىق تىل ھوقۇقى بىرلەشمىسى بۇ مۇنەۋۋەر تىل ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىنىڭ خىزمەتلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تىل ھوقۇقى كۈرىشىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەمدە كىشىلەرنى بىرلىكتە تىرىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تىل ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەت بەرپا قىلىشقا چاقىرىمىز.»

2024-يىلى 29-ماي