1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان ئىككى چوڭ لاگېر ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىس-تۈتەكسىز سوغۇق ئۇرۇشتا كوممۇنىست خىتاينى ئۆز يېنىغا تارتىدۇ.
1979-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە گېرمانىيەدىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. بۇ يىللاردا ئامېرىكادا تەنھا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان غۇلامىدىن پاختا گېرمانىيەدىكى سەپداشلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تەرەپ-تەرەپتىن ھەرىكەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى بىردىن بىر ئاۋازىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.
1980-يىللارغا كەلگەندە غۇلامىدىن پاختا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ئادەملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخىنى تونۇشتۇرىدىغان ئىلمىي پائالىيەتلەردە بولىدۇ، شۇنداقلا «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى»دە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى غۇلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، غۇلامىدىن پاختا ئامېرىكاغا كېلىشكە باشلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئامېرىكادا ئۇيغۇر تەشكىلاتى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە كىرىشىدۇ.
1992-يىلى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، شۇ ۋاقىتتا ھايات ياشاۋاتقان مىللىي ئىنقىلاب شاھىتلىرىدىن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، زىيا سەمەدى، يۈسۈپبەگ مۇخلىسى، ھاشىر ۋاھىدى قاتارلىق شەخسلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىدۇ.
1998-يىلى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندا، غۇلامىدىن پاختا جامائەتنى تەشكىللەش، جەمئىيەت نىزامنامىسىنى تۈزۈش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئىتىنى تۇرغۇزۇش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
2000-يىللاردىن كېيىن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. كېيىنچە «ئالتۇن ئوق» ئۇيغۇر كىتابلىرى تور بېتىنى تەسىس قىلىپ، ئۆمۈر بويى يىغقان كىتاب-ماتېرىياللىرىنى بۇ تور بەتكە قويۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىدۇ. ھازىر 90 ياشقا كىرگەن غۇلامىدىن پاختا ھېلىھەم يىراقتىكى ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سېغىنىش ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرى بىلەن نيۇ-يورقتا ياشىماقتا.
«ئەسىرگە سوزۇلغان ۋەتەنسىزلىك» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 6-قىسمى، يەنى ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدۇر.
- قۇتلان
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى
2024-يىلى 30-ماي