ئەسىرگە سوزۇلغان ۋەتەنسىزلىك: غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (5-قىسىم)

ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان ئىككى لاگېر ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن 1960-يىللاردا، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە پروگراممىلىرىمۇ بارغانسېرى جانلىنىدۇ. دەل مۇشۇ يىللاردا غۇلامىدىن پاختا «ئازادلىق رادىيوسى» تەرىپىدىن نيۇ-يوركتىكى باش شىتابقا ئەۋەتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىدىغان مۇخبىرلىققا تەيىنلىنىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا ئائىلىسىنى ئېلىپ، نيۇ-يورك شەھىرىگە يەرلەشكەن 1966-يىلىدا، پۈتكۈل ئامېرىكادا ئاران ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مەۋجۇت ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ غۇلامىدىن پاختانىڭ ئامېرىكادىكى ھاياتى باشلىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شىتابىدىن باشقا يەنە، «پان-ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى» دا، «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ ئۆزبېكچە بۆلۈمىدە قوشۇمچە خىزمەت قىلىدۇ.

شۇ يىللاردا ئۇ يەنە ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلەشمىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى نيۇ-يوركنىڭ كوچىلىرىدا لەپىلدىتىدۇ. «تۈركىستان بىرلىكى ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆتەيدۇ.

دۇنيانىڭ قايسى جايىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تېمىسىدا يىغىنلار ياكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلسە، شۇ يەرگە ئۇچۇپ بېرىپ قاتنىشىدۇ. قىسقىسى، 1980-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ئامېرىكادا ئوقۇش ئۈچۈن كېلىشكە باشلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پەيدا بولغانغا قەدەر، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئاڭلاتقان يېگانە كىشى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

- قۇتلارن

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

2024-يىلى 30-ماي